ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلق سۇغۇرتىسى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

كەلگۈسى ئۈچ يىلدا شىنجاڭغا سېلىنىدىغان مەبلەغ 20 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ

2018.09.11 13:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلق سۇغۇرتىسى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ سۇغۇرتا كەسپى، مەبلەغ سېلىش- يۈرۈشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى.

  بۇ قېتىمقى كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو خەلق سۇغۇرتىسى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو خەلق سۇغۇرتىسى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى يېزا ئىگىلىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشقا مۇلازىمەت قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش، يەرلىكنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىش، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىش، پۇل مۇئامىلە پەن- تېخنىكىسى ساھەسىدە ھەمكارلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونوم رايوننى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ؛ جۇڭگو خەلق سۇغۇرتىسى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى كەلگۈسى ئۈچ يىلدا شىنجاڭغا سېلىنما سوممىسى 20 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان مەبلەغ سېلىشنى ھەم كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشنى پىلانلايدۇ؛ ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆزئارا ئەۋەتىپ ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ، ئۆزئارا ئەۋەتكەن خادىملارنى خىزمەت ئارقىلىق چېنىقتۇرىدۇ ۋە كەسىپ ئالاقىسى ئورنىتىدۇ، كەسىپ ھەمكارلىقىنى زورايتىدۇ.

  جۇڭگو خەلق سۇغۇرتىسى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر مياۋ جيەنمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلق سۇغۇرتىسى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرىنى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، جەمئىي تۆلىگەن سۇغۇرتا تۆلىمى 22 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر