ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ھاياتى ئارقىلىق «تۆتكە ئىگە» ياخشى ئوقۇتقۇچى ئوبرازىنى نامايان قىلىش

− قۇرۇقلۇق ئارمىيە چېگرا- دېڭىز مۇداپىئەسى شۆيۈەنى ئۈرۈمچى مەكتەپ رايونىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىسى سى نەن توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز گاۋ فاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سۇڭ پېڭ، ۋۇ گودۇڭ

2018.09.09 17:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2014- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەنىدى: بىر ئادەمنىڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئۇچرىشى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تەلىيى، بىر مەكتەپتە ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش شۇ مەكتەپنىڭ شەرىپى، بىر مىللەتتە تۈركۈم- تۈركۈم ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىقىشى مىللەتنىڭ ئۈمىدى. غايە- ئېتىقادلىق، ئەخلاق- پەزىلەتلىك، پۇختا بىلىملىك، مېھىر- مۇھەببەتلىك «تۆتكە ئىگە» ياخشى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە چېگرا- دېڭىز مۇداپىئەسى شۆيۈەنى ئۈرۈمچى مەكتەپ رايونىدا ئۆزىنىڭ قىسقا، ئەمما مەنىلىك ھاياتىدا «تۆتكە ئىگە» ئۆلچىمىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن مۇشۇنداق بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى بار، ئۇ بولسىمۇ سى نەن.

  ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ دەرس مۇنبىرىدە چىڭ تۇرۇش

  2018- يىلىدىكى يازنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە چېگرا- دېڭىز مۇداپىئەسى شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئازاب ۋە قىيالماسلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. 6- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 8 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەمدىلا 41 ياشقا كىرگەن سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىسى سى نەن كېسەل سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان دەرس مۇنبىرىدىن، ھەربىي مەكتەپتىن، تۇغقانلىرىدىن ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، ئاغرىق ئازابىغا چىداپ تۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىسسېرتاتسىيە ياقلىشى ئۈچۈن كەچ سائەت سەككىزدىن ئاشقىچە ئىشلىگەنىدى، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئەۋەتكەن ئاخىرقى ئۈندىدار ئۇچۇرىدا ئوقۇغۇچىسىنىڭ دىسسېرتاتسىيە ياقلاش ئەھۋالى سۈرۈشتۈرۈلگەنىدى.

  ئەمەلىيەتتە، سى نەننىڭ بۇ يىل 3- ئايدا ھەربىي سەپتىن چېكىنىشى بېكىتىلگەنىدى، ئۇ ئەسلىدە قولىدىكى خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ياخشى داۋالانسا، ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولسا بولاتتى، لېكىن ئۇ «ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق پوست»تا ياخشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرقى كۈچىنى ئايىمىدى.

  شۆيۈەندىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن يېقىملىققىنە «سى پىروفېسسور» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ «تىرىك دەرسلىك» ۋە «دانىشمەن»نىڭ بىر ئۆمۈر پىروفېسسور بولالمىغانلىقى، لېكتورلۇق ئورنىدا 12 يىل ئىشلىگەنلىكى كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلسۇن. سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، سى نەن بەدەن ئىقتىدارى سىنىقىدىن ئۆتەلمەي، ئۇنۋانىنىڭ ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچرىدى، لېكىن ئۇنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى، ئۆزىنى بېغىشلىشى قىلچە كېمەيمىگەن ۋە بوشاشمىغانىدى.

  كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، باشقىلارغا «ھايات بولساملا، يەنە ياخشى ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار» دەيدىغان، خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدە دەرس ئۆتۈشنى «ھەممىدىن مۇھىم» دەپ بىلىدىغان سى نەن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تۆت كىشىنى ھەربىيلىكتىن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، ئىشتات ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئويلىشىپ، يەنىلا ھەربىيلىكتىن چېكىنىشنى تاللىغانىدى.

  2010- يىلى 9- ئايدا، سى نەن قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىدە مۇۋەققەت ۋەزىپە ئۆتىگەندە، ئېگىزلىك تەسىرى سەۋەبىدىن يۈرەك دالانچىسى يوغىناش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى. مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ھەمىشە دەرس ئۆتۈشكە دەخلى يەتكۈزۈپ قويماسلىقنى باھانە قىلىپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانمىغانىدى. 2017- يىلى 2- ئايدا، كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن سى نەندە پۈتۈن بەدىنى سۇلۇق ئىششىپ كېتىش، قاتتىق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، بىر سائەت دەرس ئۆتۈپ بولغۇچە قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالغانىدى. مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى كۆپ قېتىم ئۇنى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ھەمىشە رەت قىلىپ: بۇ بىر مەزگىل بەرداشلىق بېرەلەيمەن، دېگەنىدى. تاكى 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئۇ يول مېڭىشتىمۇ ناھايىتى قىينالغاندا ئاندىن ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇيرۇق بىلەن دەرستىن توختىتىلىپ، دوختۇرخانىغا زورلاپ ئاپىرىلغانىدى. تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ ئاللىقاچان يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ Ⅳ مەزگىلى، بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ IIIمەزگىلىگە بارغانلىقى، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بايقالغانىدى. گەرچە دوختۇرلار يەتتە يېرىم سائەت كۆكرەكنى يېرىش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىمۇ، ئەمما يۈرەك مېخانىكىلىق كىلاپانىنىڭ تاراسلىغان ئاۋازى، تىز، ئوشۇق بوغۇمى ئىشىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئاسارەتلىرى ئۇنى كېچىچە ئۇخلاتمايتتى.

  كېسىلى دەسلەپكى قەدەمدە ساقايغىنىغا ئۈچ ئايمۇ بولمىغان سى نەن يەنە مۇنبەرگە چىققانىدى، باشقىلار ئۇنىڭ پەلەمپەيدىن ناھايىتى تەستە چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا دەرس سۆزلىگەندە ئولتۇرۇپ سۆزلەڭ، دەپ نەسىھەت قىلغاندا، ئۇ: ئولتۇرۇپ دەرس سۆزلىگەندە جانلىق سۆزلىگىلى بولمايدۇ، ھەم ئولتۇرۇپمۇ سۆزلىيەلمەيمەن، دېگەنىدى. دەرس سۆزلىگەندە ئۇنىڭ ھەربىي فورمىسى چىلىق- چىلىق تەر بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇ گالىستۇكىنى ئازراقمۇ بوشىتىپ قويماي، بىر تال تۈگمىسىنىمۇ يەشمەي، ھەربىيلەرگە خاس تەمكىنلىكنى باشتىن- ئاخىر ساقلىغانىدى.

  سى نەننىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە چېگرا- دېڭىز مۇداپىئەسى شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ھاڭ- تاڭ قالدى ۋە ئېچىندى، شۆيۈەن «يولداش سى نەندىن ئۆگىنەيلى» دەپ چاقىرىق چىقاردى، ھەمدە «يولداش سى نەننىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، كوماندىر- جەڭچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. خىزمەتداشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن تور بېكىتىدە ئۇنى خاتىرىلەپ ۋە ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈپ ماقالىلەرنى يازدى.

  ئوقۇش پۈتكۈزگەن بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق يازغانىدى: تور بېتىنى ئاچقاندا قوللىرىم ئېغىر، قەلبىم قايغۇ- ھەسرەتلىك ئىدى. ئەگەر نەق مەيداندا بولغان بولسام، ئېھتىمال ئازابلىق كەيپىياتىمنى تىزگىنلىيەلمەي كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار ئېقىشى، ئۆكسۈپ يىغلىشىم مۇمكىن ئىدى، نەق مەيداندىكى ھەر بىر كوماندىر- جەڭچىنىڭ شۇنداق بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن!

  بىر خىزمەتدىشى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە مۇنداق سۆز قالدۇرغانىدى: يېقىندا، سەپدىشىم يولداش سى نەننىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىنى رەتلەپ قازغانىدىم، ئېچىنغاندىن باشقا يەنە تېخىمۇ كۆپ تەسىرلەندىم، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ناھايىتى يۈزى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ئىچى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى ھېس قىلدىم. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، ئەمما ئۆزىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئەمما ئەزەلدىن ئاغرىنمايدۇ. ئۇ باشقىلاردىن نام- مەنپەئەت تالاشمايدىغان سەمىمىي ئادەم، ئۇ بىر پارچە قاشتېشىغا ئوخشايدۇ...

  ئۇ زادى قانداق ئادەم؟ ئۇنىڭ ۋاپاتى نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنى بۇنچە كۆپ قايغۇغا، ئويغا سالىدۇ ۋە ئېھتىرامىنى قوزغايدۇ؟

  ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش

  8- ئاينىڭ 29- كۈنى، بۇ شۆيۈەننىڭ ئۈرۈمچى مەكتەپ رايونىدا، سى نەننىڭ خىزمەتداشلىرى، ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇچراتتۇق، سۈرەتتىكى سى نەن ناھايىتى تەمكىن بولۇپ، خۇددى مەسىلىلەرنى ئويلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

  سى نەن مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 2000- يىلى 6- ئايدا شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ شۇ قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىن تاللىنىپ، ھەربىي سەپكە قوبۇل قىلىنغان. سى نەننىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھاندىكى ئىپادىسى ئەينى چاغدىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ جيەنخۇانىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە، ئۇ مۇنداق دېدى: سى نەن «قوشۇمچە قىممەت نەزەرىيەسى»نى 30 مىنۇت بىمالال، خاتاسىز ۋە دۇدۇقلىماي سۆزلىگەنىدى. ئەسلىدە سى نەن سىفەن داشۆدە قالالايتتى، بىراق ئۇ قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا: ئائىلىمىزدە داشۆ پىروفېسسورى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىدىن بىر قانچىسى بار، بىراق ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغانلار يوق. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئازادلىق ئارمىيەنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيمىز، ئائىلىمىزدىن بىرەرسىمىزنىڭ ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىزنى ئارمىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئىشلىتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز، شۇڭا مەن ھەربىي بولماقچى، دېگەنىدى.

  سى نەن تۇرۇشلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىغا ئىلگىرى سابىق لەنجوۋ ھەربىي رايونى «ئۈلگىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى» دەپ شەرەپلىك نام بەرگەن بولۇپ، ئارمىيە ۋە يەرلىك بويىچە زور بىر تۈركۈم داڭلىق مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلار يېتىشىپ چىققانىدى. مۇشۇنداق مۇھىت ۋە شارائىتتا، سى نەن ناھايىتى تېز ماسلىشىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تايانچ ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلانغانىدى.

  18 يىلدىن بۇيان، سى نەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، «پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى»، «ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىدىن ئومۇمىي ساۋات»، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە دەرس ئۆتۈش مىقدارى جەھەتتە باشتىن- ئاخىر سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشى بويىچە ئالدىقى قاتاردا تۇرۇپ، بەش قېتىم ھەر دەرىجىلىك مۇھىم، زور ئوقۇتۇش مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتلانغان؛ سابىق لەنجوۋ ھەربىي رايونى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەڭ ياش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 20 نەچچە قېتىم ئارمىيە ۋە يەرلىك ئورۇنلارغا بېرىپ تەشۋىق قىلغان، ئاڭلىغۇچىلار 100 مىڭدىن ئاشقان. ئەينى چاغدا، ئۇ تېخىچە شۆيۈەندىكى بىردىنبىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتۇش مۇپەتتىشى مۇتەخەسسىسى ئىدى.

  سى نەننىڭ ئوقۇتۇشقا ئۆزىنى بېغىشلىشى ۋە جاپالىق ئىزدىنىشى ھەمىشە ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتەتتى، ئۇ ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن، باشقىلار تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زېھنىنى سەرپ قىلاتتى.

  سىياسىي ئىقتىساد قائىدىسىنى سۆزلىگەندە، دەرسلىكتە پەقەت بىرلا باب مەزمۇن بولغاچقا، ئۇ ئېنىق چۈشەندۈرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەتتە- سەككىز خىل نۇسخىدىكى سىياسىي ئىقتىساد دەرسلىكىنى بىر يەرگە قويۇپ، بىر جۈملە- بىر جۈملىدىن سېلىشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش لايىھەسى تۈزگەنىدى.

  پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، سى نەن ئۆز خىراجىتى بىلەن ئائىلىسىگە بېسىش ماشىنىسى سەپلىگەنىدى، بۇنداق بولغاندا، ئۇ خەۋەرلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار، مۇھىم، زور سىياسەتلەر ۋە مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرگەندە، ئوقۇتۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ، ئىككىنچى كۈنىدىكى دەرسكە دەخلى يەتكۈزمەيتتى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇ كېسىلى تېخى ساقايماي تۇرۇپ، 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىنى خەتمۇ خەت كۆچۈرگەنىدى، ئۇ: بىر قېتىم كۆچۈرۈپ چىقىش بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇغان بىلەن باراۋەر، دېگەنىدى. ئۇ بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىدىن ئومۇمىي ساۋات» دېگەن دەرسلىكتىكى باب، بۆلەكلەرنىڭ مەزمۇنىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا سېلىشتۇرۇپ، قوشۇش، ئېلىۋېتىش، ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولغان جايلارنى ئىزاھلاپ، بۇ دەرس ئۈچۈن ئەڭ سىستېمىلىق، ئەڭ تەپسىلىي ئوقۇتۇش لايىھەسى تۈزگەنىدى.

  ئوقۇغۇچى خوۋ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: سى نەن مۇئەللىم دائىم دەرسنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ تەسىرىدە بىزمۇ دەرسنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلايتتۇق. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇ بىر قېتىم بىزگە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇدا ئىككى سائەت دەرس ئۆتكەن بولسىمۇ، ھېرىپ- چارچىغىنىغا قارىماي، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلىگەچكە، ئۇنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپتۇق. دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا، مەن ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلار دەم ئېلىش ئۆيىدە ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنى ناھايىتى تەستە تۈرۈۋاتقانلىقىنى، پاقالچىقىنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدىم.

  مەڭگۈ داتلاشمايدىغان «پولات مىخ»

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە، سى نەن ئۇلار ھەم ياقتۇرىدىغان، ھەم قورقىدىغان ئوقۇتقۇچى ئىدى.

  ئۇنى ياقتۇرۇشتىكى سەۋەب، ئۇ دەرسنى ناھايىتى جانلىق ئۆتكەچكە، ئوقۇغۇچىلار بىلىپ- بىلمەي قىزىقىپ كېتەتتى. نەزەرىيە دەرسى ئەسلىدىلا زېرىكىشلىك، چۈشىنىكسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ دەرسنى مول مەزمۇنلۇق ھەم قىزىقارلىق قىلىپ ئۆتەتتى. ئۇ دەرس سۆزلىگەندە ئەزەلدىن دەرسلىك ماتېرىيالىغا قارىمايتتى، چۈنكى ئۇ بارلىق بىلىمگە ناھايىتى پىششىق ئىدى، ئۇ نەزەرىيەنى نۇرغۇن مىسالغا سىڭدۈرۈپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ، دەرسخانىدىكى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، 2000- يىللاردا تۇغۇلغان ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نەزەرىيە ئاساسىنى پۇختىلىغانىدى.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭدىن قورقۇشىدىكى سەۋەب، ئۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنى «ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزمەسلىك»تە نام چىقارغان ئوقۇتقۇچى بولۇپ، تاپشۇرۇق، ماقالىلەرگە ئەڭ قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى خىزمەتداشلىرى چاقچاق قىلىپ ئۇنى «قىزىل قەلەم كۈشەندىسى» دەپ ئاتايتتى.

  خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدىغان ئىلىم تەتقىق قىلىش پوزىتسىيەسىدىن تەسىرلەنگەنىدى. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش مۇپەتتىشى مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سى نەن مەيلى ئۆزىنىڭ ئۇستازى ياكى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى خىزمەتداشلىرى بولسۇن، ھەممىنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تەكشۈرۈپ، ئوبيېكتىپ باھا بېرەتتى، قىلچە يۈز- خاتىر قىلمايتتى. ئوقۇتقۇچى لى يىڭجې مۇنداق دېدى: ئۇنى چۈشەنمەيدىغانلار ھەمىشە ئۇنى چىرايىنى ئاچمايدىغان، ئاسانلىقچە يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان ئادەم، دەپ قارايدۇ، ئۇنى چۈشىنىدىغانلار ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ئەڭ ئاسان، سەمىمىي بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

  سى نەننىڭ ئۆيى مەكتەپ سىرتىدا بولسىمۇ، مەكتەپكە ھەمىشە ئەڭ بالدۇر كېلەتتى، ئۇ دەرس باشلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن دەرسخانىغا كىرىپ، دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تەييارلاپ، دەرس ئۆتكەندە خاتالىق كۆرۈلمەسلىككە، ۋاقىتقا دەخلى قىلماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلاتتى. ئۇ بۇ ئادىتىنى قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىق، بوران- چاپقۇندىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى.

  سى نەن ئادەتتە ئۈمىدۋار، ئاكتىپ ئىدى، ھېچكىم ئۇنىڭ غەمكىن يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى، ھالبۇكى، مەكتەپ سىرتىدا، ئۇنىڭ ئائىلە يۈكىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى كۆپ كىشى بىلمەيتتى.

  سى نەننىڭ دادىسى 2013- يىلى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇ ئاكىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن بىللە ئايدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دورا پۇلىنى ئۈستىگە ئالغانىدى. ۋاھالەنكى، ئۇنىڭ خوتۇنى 2007- يىلى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئائىلە كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمى خوتۇنىنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ كېسىلىنى داۋالىتىشقا كېتەتتى. ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان دادىسى بىلەن خوتۇنىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ شۆيۈەن تەقسىم قىلىپ بەرگەن چوڭ ئۆينى ئالمىغان بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن 70 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق كىچىك ئۆيدە قىستىلىشىپ تۇراتتى. ئۇ بۇ قىيىنچىلىقلىرىنى ئەزەلدىن شۆيۈەن ۋە تەشكىلگە ئېيتىپ باقمىغانىدى.

  خوتۇنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، سى نەن ناخشا ئېيتىشنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن ناخشا چۈشۈرۈپ، خوتۇنى بىلەن بىللە ئېيتىشنى ئۆگەنگەنىدى. ئۇنىڭ خوتۇنى جەنۇبىي جۇڭگولۇق بولۇپ، ئۇن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىدىغان سى نەن خوتۇنىنى دەپ ئۆيىدە گۈرۈچ تامىقىلا ئېتەتتى، ئۇن تامىقى يېگۈسى كەلگەندە شۆيۈەننىڭ ئاشخانىسىغا بېرىپ يەيتتى. ئۇلار ئۆيدە ياخشى تاماق ئەتكەندە، ھەمىشە تۇنجى بولۇپ ئاتا- ئانىسىغا ئاپىرىپ بېرەتتى. ھەر يىلى، سى نەن ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە كىتاب سوۋغا قىلاتتى. بالىسىغا كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزى دەرس تەكرارلاپ بەرگەنىدى. سى نەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغلى بىردىنلا ئۆزىنى چوڭ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، ئازابقا چىداپ ياش تۆكمىدى. ئۇ ئاپىسىغا: مەن يىغلىسام بولمايدۇ، مەن قەيسەر بولۇشۇم كېرەك، ئەگەر مەن يىغلىسام، سىز تېخىمۇ ئازابلىنىسىز، دېدى.

  سى نەن ھايات ۋاقتىدىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇ ئۆمۈر بويى دەرسنى سەمىمىي، پۇختا، ئەمەلىي ئۆتتى، ئۇ ئاددىيلىقىدىن خۇددى مۇنبەردىكى مىخقا، مەڭگۈ داتلاشمايدىغان، پارقىراپ تۇرىدىغان «پولات مىخ»قا ئوخشايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل