ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە ئومۇملۇقىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.09.08 15:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2018- يىللىق جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، «ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش يىرىك پىلانى(2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018- يىللىق جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، جۇڭگو- ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئېچىپ، جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋر ئابىدىسىنى تىكلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرىق قىلىپ، بۇ دەۋر سوئالىغا جاۋاب بېرىدىغان جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەڭ ئاۋاز قوشۇشىغا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ زىچ جۇڭگو- ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، جۇڭگو- ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالەمچە مۇھەببەت تولۇق ئىپادىلەندى، ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا ماڭىدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغان ئىدىيەۋى تەشەببۇسى جاكارلاندى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، چوڭقۇر ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى داۋاملىق تارقىتىپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك. ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە ئومۇملۇقىغا بويسۇنۇش، مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال نەتىجە يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بىر قاتار مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقارغان يېڭى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەسىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتى، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھات روھى، ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىسلاھات تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىشى، يولغا قويۇلۇش جەريانىدا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشى، ئىسلاھات ئۈنۈمىدە بىر- بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشى ۋە ئۇنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يىرىك پىلانغا ئاساسەن تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرى ۋە باشلامچى ئورۇنلار كونكرېت ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە يولغا قويۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇشى، تارماقلار ئۆزئارا بىر- بىرىنى قوللاپ، ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، 2020- يىلىغا بارغاندا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش يۈكسەكلىكىدە، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپە ۋە نېگىزلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، ھەقىقىي چىڭ، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە رھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)نىڭ رەھبەرلىك يادروسى ۋە سىياسىي يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دىننىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىدىيەۋى- سىياسىي ئىپادىسى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىنى ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ تەكلىپ قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى ۋە مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ساپادا سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان، كەسپىي ئىقتىدارى كامالەتكە يەتكەن، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بەس- بەستە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان، «تۆتكە ئىگە» ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىدا بەخت تۇيغۇسى، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى، جەمئىيەتتە شەرەپ تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر