ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى

2018.09.08 15:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، جىنچيۇۋەن، بەينياۋخۇ ئىككى ساناتورىيە رايونىنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۈرۈشتۈرۈشى، باشقۇرۇشىغا ئومۇميۈزلۈك ھاۋالە قىلىش خىزمىتى، شۇنداقلا 5- تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكى قاتارلىق ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش __ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىر، شۇنداقلا ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جىنچيۇۋەن ساناتورىيە رايونى، بەينياۋخۇ ساناتورىيە رايونىنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۈرۈشتۈرۈشى، باشقۇرۇشىغا ئومۇميۈزلۈك ھاۋالە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بايلىقنى تېخىمۇ ياخشى تەقسىملەپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، داۋالاش بايلىقى بىلەن كۈتۈنۈش بايلىقىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىككى ساناتورىيە رايونىنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجلىق ياشانغانلارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا 5- تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلدى، قالۇن سەنئىتى قاتارلىق 41 تۈر تىزىملىككە تاللاپ كىرگۈزۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر