ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ ئوقۇتۇش بازىسىدا جەۋلان قىلدۇرايلى

2018.09.07 17:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسىلىلەرنى رەتلەپ، مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مائارىپ خىزمىتىگە قەتئىي، كەسكىن بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى تۈپ كاپالەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم بۇرچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چۆرىدەپ مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش ۋە بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىش كېرەك. توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «تۆت مۇلازىمەت»نى مەكتەپ قۇرۇش، مەكتەپ باشقۇرۇش فاڭجېنى قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى يادرولۇق ۋەزىپە قىلىپ، «تۆتتە بوشاشماي چىڭ تۇرۇش»نى ئاساسىي مىزان قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پەنلەر سىستېمىسى، ئوقۇتۇش سىستېمىسى، دەرسلىك سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كۆپ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ ئوقۇتۇش بازىسىدا جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل