ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئەنۋەر: تىرىشىپ كۈرەش قىلساقلا، تۇرمۇشىمىز ئىللىقلىققا تولىدۇ

گېزىتىمىزنىڭ ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ جىڭ

2018.09.07 16:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  8- ئاينىڭ 27- كۈنى، شىنجاڭ دوستلۇق يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەنۋەر مىجىت ئۈرۈمچىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى توپ سېتىش بازىرىدا ھەمكارلىق ھەمراھى ئىزدەۋاتاتتى. ئۇ كۈرەش مۇساپىسىنى تىلغا ئالغاندا، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقەتەن ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى ھەم چوڭقۇر ھاياجان بىلەن: تىرىشىپ كۈرەش قىلساقلا، تۇرمۇشىمىز ئىللىقلىققا تولىدۇ، دېدى.

  بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن ئەنۋەر كۇچا ناھىيەسىنىڭ ياقا بازىرىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1993- يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەنۋەر ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ ئۇن زاۋۇتىغا خىزمەتكە چۈشتى، ئىككى يىلدىن كېيىن ئاسىگۈل ياقۇپ بىلەن توي قىلىپ، ئۇن زاۋۇتىدىكى بىر قەۋەتلىك ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇردى، قىزى ئالىيەنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن، بۇ ئائىلە خۇشاللىققا چۆمدى.

  ئاسىگۈل ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۇ چاغلاردا ئۇن زاۋۇتىنىڭ ئۈنۈمى خېلى ياخشى ئىدى، دۆلەت ئىلكىدىكى زاۋۇتتا ئىشلەش كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپ ئىدى.

  2002- يىلى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇن زاۋۇتى تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتتى، ئەنۋەر بىلەن خوتۇنى خىزمەت ئىستاژىنى سېتىپ، ئىككىلىسى تەڭلا ئىش ئورنىدىن قالدى. دەل شۇ چاغدا قىزىنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، داۋالىنىش چىقىمى ئۇلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك، 2003- يىلى 7- ئايدا، قاتناش ۋەقەسىدە ئەنۋەرنىڭ يوتا سۆڭىكى سۇنۇپ كەتتى. ئاسىگۈل يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك بولدۈم، قەرز ئالغان شۇنچە كۆپ پۇلنى قانداق قايتۇرۇشۇمنى، نېمە بىلەن قايتۇرۇشۇمنى بىلەلمىدىم!

  شۇ چاغلاردا كۇچا ناھىيەلىك ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىش يىغىنى تەشكىللىدى ھەم ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. ئاسىگۈل پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۆمۈر سېتىش، ئاشخانىدا مۇلازىمەتچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىپ، تاپقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئېرى بىلەن قىزىنى داۋالىتىشقا ئىشلەتتى.

  2005- يىلى، ئەنۋەرنىڭ پۇتى پۈتۈنلەي ساقايدى. ئۇمۇ تۇرمۇشىنى يېڭىدىن پىلانلاپ، ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان ھەقسىز شوپۇر تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەيدىغان خىزمەت تاپتى. ئاسىگۈل ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ئىش ئورنىدىن قالغان خىزمەتچىلەرگە بېرىدىغان ئۆسۈمسىز قەرز پۇلدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئاشخانا ئاچتى. شۇنداق قىلىپ ئەنۋەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىزىغا چۈشتى.

  ئەنۋەر مۇنداق دېدى: مەن ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان چاغلاردا، ئەگەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشۇم بولمىغان بولاتتى.

  2008- يىلى نەچچە يىل يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگەن ئەنۋەر سەزگۈرلۈك بىلەن سودا پۇرسىتىنى تۇتۇپ، يۈك تىرانسپورت ئورنى قۇردى. 2013- يىلى يەنە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى سېتىش ئورنى قۇردى. 2014- يىلى ئۇ يۇرتىدا شىنجاڭ دوستلۇق يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇردى. ئۈچ قېتىملىق پۇرسەت ئەنۋەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، ئۇنىڭغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

  بۈگۈنكى كۈندە ئەنۋەر شىركەت قۇرۇپ، بىنادىن ئۆي سېتىۋېلىپ، تۇرمۇشى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلاندى، لېكىن ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ قالمىدى. ئۇ قىزغىنلىق بىلەن نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىپ، مەكتەپلەرگە پۇل ئىئانە قىلدى، ھەر يىلى 30 مىڭ يۈەندىن 80 مىڭ يۈەنگىچە پۇل ئاجرىتىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بەردى، ئاممىنى يۆلىدى. 2008- يىلىدىن ھازىرغىچە، ئۇ 600 نەچچە كىشىگە ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇردى.

  كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزىسى پەيلۇ كەنتىدىكى دېھقان ئەركىن ماخمۇت مۇنداق دېدى: مەن ھەر يىلى ئەنۋەر ئاكامدىن ئوغۇتنى نېسىگە ئالىمەن، ئېتىزدىن چىققان ھوسۇلنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قەرزنى قايتۇرىمەن، ئۇ ئەزەلدىن مەندىن قەرز سۈيلەپ باقمىدى.

  ئەنۋەر مۇنداق دېدى: مېنىڭ تەقدىرىمدە كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر بولدى، لېكىن مەن تەقدىرگە باش ئەگمىدىم، چۈنكى مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزدەك ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتىم. تىرىشىپ كۈرەش قىلساقلا، تۇرمۇشىمىز بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جەمئىيەت ئۈچۈن باشلامچىلىق بىلەن چامىمنىڭ يېتىشىچە ئىش قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر