ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى تولۇق قاپلىدى

ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىلدى

2018.09.06 12:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، رەيھانگۈل توختى: مەملىكەتلىك سەھنىگە چىقالىدىم، كۆڭلۈمدىكى مىننەتدارلىقنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمەن، مەن رىقابەتلىشىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئىرادە تىكلەشتەك كۈرەش روھىنى يەتكۈزىمەن، دېدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بولغاچقا، باي ناھىيەلىك كەسىپ- تېخنىكا مەكتىپىنىڭ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى رەيھانگۈل توختى «Tسەھنىسى»گە چىقىش ئارزۇسىغا يېتىپ، مەملىكەتلىك كەسپىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسى سەھنىسىدە ئۆزىنى نامايان قىلدى.

  رەيھانگۈل توختىنىڭ ئۆيى يېزىدا، ئانىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بىر قەدەر ئېغىر ئىدى. ھەقسىز ئوقۇتىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ- تېخنىكا مەكتەپلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ، باي ناھىيەلىك كەسىپ- تېخنىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ- تېخنىكا مەكتەپلىرى دۆلەت ئوقۇش ياردەم فوندى ئۇنى ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەسلىك غېمىدىن خالاس قىلدى، ئوقۇتقۇچىسى يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، باي ناھىيەسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردەم تۈرى- «ۋېنجۇ- باي ئوقۇش ياردەم پۇلى»نى ئىلتىماس قىلىپ بەردى.

  ھازىر يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ- تېخنىكا مەكتىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەيھانگۈل توختىغا ئوخشاش «يېشىل يول» قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق ئوقۇشقا كىرىشى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىز 5 مىليارد 77 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان، بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى 4 مىليون 27 مىڭ 200 (قېتىم) گە يەتكەن، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ ئىللىق نۇرى ئائىلىسى نامرات نەچچە 10 مىڭ ئوقۇغۇچىغا يەتكۈزۈلگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى، قوللىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز «تىك يۆنىلىشلىك تۇتاشتۇرۇلغان، توغرا يۆنىلىشلىك بىرلەشتۈرۈلگەن، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى تولۇق قاپلىغان، ئوقۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىش، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىش، تولۇقلىما بېرىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن» ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسى ئورنىتىپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدا «تولۇق جەريانلىق قاپلاش، يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلدى؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، 2011- يىلىدىن باشلاپ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى يولغا قويۇلدى؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى (ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر) دىكىلەر دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ھەققى، ياتاق ھەققى ۋە دەرسلىك ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش ياردىمى قاتارلىق تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىلىنىدىغان بولدى؛ ئالىي مائارىپ باسقۇچىدىكىلەر دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، دۆلەت ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىلىنىدىغان بولدى.

  ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشتە «بىرنىمۇ كەم قالدۇرماسلىق، بىرنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە مەكتەپتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورناتتى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇردى، ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئاپپاراتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەر ئىچكى قىسىمدا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئاپپاراتلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىنى تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە تايىنىپ، يەسلى مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى قاپلىغان ئۈنۈملۈك ئۇچۇر باشقۇرۇش سۇپىسى قۇردى ھەم بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «سانلىق مەلۇماتنى يۇقىرىغا يۈكسەك مەركەزلەشتۈرۈش، قوللىنىشنى تۆۋەنگە چەكسىز ئۇزارتىش» باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە تېخنىكا كاپالىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئۇچۇرىنىڭ توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئاساس سالىدۇ. بىر قاتار تۈزۈملەرنى ئورنىتىشتا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، «بىرمۇ بالىنى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالدۇرماسلىق»تەك تەنتەنىلىك ۋەدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى جايلاردىن «دەل جايىدا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش» ئىدىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېتىم، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنلەر قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك كىشىلەر توپىنى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرقلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشتە يوچۇق قالدۇرماسلىق، ئىقتىسادىي ياردەم پۇلىنى كۆز بوياپ ئېلىۋالماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «بىر بالىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلىگە يار- يۆلەك بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش»تەك ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي يېتىشنى تەلەپ قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان