ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش

شىنجاڭ «بېيشىن» خەلقئارا قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئافرىقىغا يۈرۈش قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلدى

2018.09.04 16:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋيەننىڭ شىنجاڭ «بېيشىن» خەلقئارا قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «بېيشىن» خەلقئارا قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئافرىقىدىن ئىبارەت بۇ كەڭ زېمىندا ئارقا- ئارقىدىن چوڭ قۇرۇلۇش، چوڭ تۈرلەرنى بەرپا قىلغان. ھازىرغىچە، شىنجاڭ «بېيشىن» خەلقئارا قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئانگولا، نىگېر، نىگېرىيە، ئالجىرىيە، ئۇگاندا، كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەردە تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرىدىن 77نى ئۈستىگە ئالغان، ئۈستىگە ئالغان قۇرۇلۇش توختامىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 15 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ «بېيشىن» خەلقئارا قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئافرىقا رايونىدىكى تۈرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: ئانگولانى يادرو قىلغان غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا رايونىدا 55 قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، توختام سوممىسى تەخمىنەن 11 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ نىگېرىيەنى يادرو قىلغان غەربىي ئافرىقا رايونىدا 14 قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، توختام سوممىسى تەخمىنەن 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ ئالجىرىيەنى يادرو قىلغان شىمالىي ئافرىقا رايونىدا سەككىز قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، توختام سوممىسى تەخمىنەن 2 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  شىنجاڭ «بېيشىن» خەلقئارا قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قۇرۇلۇش بىناكارلىق(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(بىڭتۈەن قۇرۇلۇش گۇرۇھى)گە قاراشلىق تارماق شىركەت بولۇپ، بىڭتۈەننىڭ كەسىپنى خەلقئارالاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بىرى. ھازىر شىنجاڭ «بېيشىن» خەلقئارا قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىناكارلىق، يېزا ئىگىلىك، سودا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى، چارۋىچىلىق ۋە ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش قاتارلىق يەتتە چوڭ بۆلەكنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى تۇرغۇزغان بولۇپ، كەسىپلىرى ئۆي قۇرۇلۇشى، نېفىت- خىمىيە سانائىتى ئەسلىھەلىرى، يول، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنى ئېچىش، خەلقئارا سودا قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

  شىنجاڭ «بېيشىن» خەلقئارا قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چەت ئەللەردىكى تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، شۇ جايدىكى خادىملارنى تۈر قۇرۇلۇشىغا قوبۇل قىلىپ قاتناشتۇردى. ھازىرغىچە، ئافرىقا رايونىدا جۇڭگو تەرەپنىڭ 850 تىن ئارتۇق خادىمى، يەرلىكنىڭ 2300 دىن ئارتۇق خادىمى بار. تۈر بارلىق خادىملارنى تاماق، ياتاق بىلەن بىرتۇتاش تەمىنلىدى، يەنە شۇ جايدىكى خادىملارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پولات چىۋىق باغلاش، سىرتقى تامنى سىرلاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، شۇ جاي ئۈچۈن بىر تۈركۈم كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

  شىنجاڭ «بېيشىن» خەلقئارا قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەنە شۇ جاينىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم شۇ جايدىكى مەكتەپ ۋە مەھەللە ئۈچۈن ھەقسىز ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئاسراپ بېرىپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە ئۆي جاھازلىرى ئىئانە قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، مەكتەپلەرگە دەرسخانا ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئىئانە قىلىپ، قان بىلەن گۆشتەك ئىناق كەيپىيات بەرپا قىلىپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى