ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

2018.09.04 16:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەم ئۆگەندى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يېتەكلەش خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇشتىكى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، ياخشى قانۇنچىل كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت ھازىرقى زامان ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايوننى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى ۋە خەلقچىل، خەلقنى كۆزلەيدىغان ئەمەلىي ئىستىلىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقىنى ئاسراش كېرەك. يولداش خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىننى ئۈلگە قىلىپ، غايە- ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىنى بېغىشلاش، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتەك جاراڭلىق قەسەمنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېستېتىك تەربىيەسى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى