ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايون 2018- يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئاچتى

ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2018.09.03 13:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايون 2018- يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كېلەر يىللىق يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىدە يېڭى ئۆسۈش بولدى، شىمالىي شىنجاڭ بۇغداي تېرىقچىلىق رايونىدا بىرىنچى دەرىجىلىك بۇغداينىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %95 ئەتراپىدا بولۇپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئاشلىقتىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىش نىشانى ئەمەلگە ئېشىپ، ئاشلىق ئومۇمىي بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش — بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر، كۈزگى بۇغداي ئاپتونوم رايونىمىز بۇغداي ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتقاندىلا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەمۇرىي باشلىق مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بۇغداي تېرىش يېتەكچى پىلانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇغداي تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغاپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنى چىڭ تۇتۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، تۈرلۈك ئىسلاھات، تەرەققىياتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان