ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شۆھرەت زاكىر چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2018.09.01 13:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئافغانىستان پارلامېنتى پېشقەدەملەر پالاتاسىنىڭ رەئىسى مۇسلىميار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئىچكى تەلىپىگە ماسلاشقان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئىشلار كەڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە. جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى جۇڭگو بىلەن ئاسىيا- ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپىلارنىڭ بىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم يول. بىز ئافغانىستان تەرەپ بىلەن بىللە، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنى خالايمىز.

  مۇسلىميار مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئافغانىستان- جۇڭگو ھەمكارلىقى ۋە رايون ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بىز جۇڭگو تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مۇھىم تەشەببۇسىنى داۋاملىق قوللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر گىرۇزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سكىتتىشۋىلى باشچىلىقىدىكى گىرۇزىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، گىرۇزىيە تەرەپ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشىنى يېقىندىن قوللاپ كەلدى، بىز بۇنىڭغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. جۇڭگو شىنجاڭ گىرۇزىيە تەرەپ بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، سودىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى قېزىپ، سېلىنما ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو- گىرۇزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  سكىتتىشۋىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىرۇزىيە تەرەپ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا جۇڭگو بىلەن ئېنېرگىيە ئېچىش، ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى قول تۇتۇشۇپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تۈركمەنىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زىنال رۇستەموۋا بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تۈركمەنىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپا، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تۈركمەنىستان ئىقتىسادىنىڭ تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئىقتىساد- سودا، ئادىمىيەت ئالاقىسى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر شىنجاڭ غەربكە ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ لىنىيە بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتماقتا، باش ئەلچى جانابلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تۈركمەنىستان ئالاقىسىدىكى يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىنى، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  زىنال رۇستەموۋا مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان ئىككى تەرەپ 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە يىپەك يولى ساياھەت ھەمكارلىقى مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن داۋاملىق تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا تەقەززامەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر