ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يېڭى تېخنىكا شىنجاڭ مېۋىلىرىنى «تېخىمۇ يىراق»لارغا يەتكۈزدى

مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي

2018.09.01 13:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  8- ئاينىڭ 31- كۈنى، 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەن جاي − شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى، كۆرگەزمىدە كىشىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىنچىكە پىششىقلانغان يېمەكلىكلەر كۆرگەزمە ئورنى بولدى.

  شىنجاڭ شاڭلىنيۈەن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا ھىم ئېتىلگەن قۇتىلارغا قاچىلانغان ئەنجۈرلەر كۆرگەزمە سۇپىسىغا رەتلىك تىزىپ قويۇلغانىدى، ئەنجۈرلەر ئىنتايىن يېڭى بولۇپ، ئالتە كۈن ئىلگىرى ئاتۇشتىن ئۈزۈپ كېلىنگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.

  بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى دىڭ بوسەي: بىز دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭى ساقلاش تېخنىكىسىنى قوللاندۇق، بۇ تېخنىكا بىلەن ئەنجۈرنى 20 نەچچە كۈن يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ، دېدى. ئەسلىدە ئۇلار گاز بىلەن تەڭشەپ يېڭى ساقلايدىغان ئوراپ قاچىلاش تېخنىكىسىنى قوللانغانىدى، بۇ خىل ئورۇغا گاز بىلەن ئايرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئوراش ماتېرىيالى ئارقىلىق يېمەكلىك ئوراپ قاچىلىنىدىغان بولۇپ، خېرىدارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى بويىچە بەلگىلىك نىسبەتتىكى ئارىلاشما گاز ئورۇ ئىچىگە كىرگۈزۈلسە، يېمەكلىكنىڭ فىزىكىلىق، خىمىيەلىك، بىيولوگىيەلىك جەھەتلەردە سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلى، بۇ ئارقىلىق يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.

  دىڭ بوسەي مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئاق كىشمىش ئۆرۈك، توغاچ شاپتۇل، بىشەكشىرىن، ئەنجۈر قاتارلىق نۇرغۇن ئېسىل مېۋىلەر بار، بۇ مېۋىلەرنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ، يېڭى پېتى ساقلاش قىيىن، يىراققا توشۇغىلى بولمايدۇ، شۇڭا يېڭى مېۋىلەرنى ئىچكىرىدىكى بازارلارغا سېلىش قىيىن، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىدى.

  بازاردىكى بۇ بوشلۇقنى سودا پۇرسىتى، دەپ بىلگەن دىڭ بوسەي شىنجاڭ سېنرۈي ياجۇڭ يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىشىپ، ئۈرۈمچىدە گاز بىلەن ئايرىپ تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئورۇ زاۋۇتى قۇرۇپ، ساقلاش قىيىن بولغان شىنجاڭ مېۋىلىرىنى مەخسۇس ئوراپ قاچىلاپ، ئۇنى سىچۈەن ئۆلكىسى گۇاڭيۈەن ئەشيا ئوبوروت ئامبار بازىسىغا توشۇپ، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى شاڭلىنيۈەن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئون بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىغا يەتكۈزۈپ بەردى.

  دىڭ بوسەي مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز مۇشۇ خىل ئورۇنى ئىشلىتىشنى يېڭىلا باشلىدۇق، ئاتۇش ئەنجۈرى بىرىنچى قەدىمىمىز بولدى، كېيىن يەنە ساقلاش مۇددىتى قىسقا بولغان تېخىمۇ كۆپ ئېسىل يېڭى مېۋىلەرنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزىمىز.

  بۇ خىل يېڭى تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن شاڭلىنيۈەن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنى نۇرغۇن مېۋە- چېۋە سېتىۋېلىش سودىگىرىنى جەلپ قىلدى. دىڭ بوسەينىڭ ئاشكارىلىشىچە، قازاقىستان گىلىسىنى ئىمپورت قىلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر سودىگەر كۆپ قېتىم كېلىپ مۇشۇ تېخنىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ، بۇ خىل يېڭىچە ئورۇ ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ گىلىسىنى دۆلىتىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۆلكە، شەھەرلەرگە يېڭى پېتى كىرگۈزمەكچى بولغان.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى خۇڭفۇخۇي پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل دىرېكتورى سۈي پېڭنىڭ بۇ قېتىم كۆرگەزمىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىمۇ كارخانىسىنىڭ مەھسۇلاتىنى «تېخىمۇ يىراق»لارغا يەتكۈزۈش ئىكەن. سۈي پېڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز مېۋە، كۆكتاتلارنى مەخسۇس ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەپ ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا، شىركىتىمىزنىڭ ۋاكۇئۇملۇق توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان مېۋە، كۆكتات، بىيو مەھسۇلاتلار قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتى بار. بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم بولسىمۇ، مەن ئېلىپ كەلگەن توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان مېۋىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى. سۈي پېڭ توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان بىر قۇتا قوغۇن قېقىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ: مانا بۇ شىنجاڭنىڭ قومۇل قوغۇنىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، دېدى.

  سۈي پېڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە سېتىلىدۇ، بۇ قېتىم مەن بىر جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنى ئېچىش، يەنە بىر جەھەتتىن شىنجاڭ مېۋىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى تېخىمۇ كۆپ سودىگەرنى تېپىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە كۆرگەزمىگە قاتناشقىلى كەلدىم. بىز يەنە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي كۈچكە ئىگە كارخانىلىرى بىلەن خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەش، ئېكسپورت قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىپ، ۋاكۇئۇملۇق توڭلىتىپ قۇرۇتۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ مېۋىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مېۋىلىرىنى تېخىمۇ يىراقلاردىكى بازارلارغا سېلىشقا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ھازىر شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمان ئومۇمىي كۆلىمى 22 مىليون مودىن كۆپرەك بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 10 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ باغ- ئورمان كۆلىمى 17 مىليون مودىن ئاشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر