ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

2018.08.30 13:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىپ، يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەمدە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، يىغىن روھىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا ئاتلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، نوپۇزنى قەتئىي قوغداپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقى ۋە بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ ئىنتايىن قويۇق، ئۇيۇل تاشتەك چىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا- يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى، نىشان- ۋەزىپىسى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايون ۋە دۇنيا بويىچە مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھازىر ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەمدە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى تېخىمۇ ئېسىل، تېخىمۇ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە خەلقئارالىق ئىقتىساد- سودا كاتتا مەرىكىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر