ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسى

(1988-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان؛ 2000-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن؛ 2006-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 28-يىغىنىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن تۈزىتىلگەن؛ 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

2018.08.28 13:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
      (3-نومۇرلۇق)
  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسى» 2018-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
  2018-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى

  1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1-ماددا بۇ قائىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىن تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن، يەرلىك تەشكىلىي قانۇن، قانۇن چىقىرىش قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش، ئىشلارنى قارار قىلىشتا، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ، خىزمەت ھوقۇقىنى كوللېكتىپ يۈرگۈزىدۇ.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىشى، دائىمىي كومىتېت پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە قاتنىشىشى، دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.

  2-باب يىغىن ئېچىش

  3-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئاز دېگەندە ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، ئادەتتە تاق ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلىدۇ؛ مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، يىغىننى قەرەلسىز ئېچىشقا بولىدۇ.

  دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى مۇدىر چاقىرىدۇ ھەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مۇدىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشنى مۇئاۋىن مۇدىرغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

  4-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى قاتناشقاندىلا ئېچىشقا بولىدۇ.

  دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلغاندا، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن كېسەل ۋە باشقا ئالاھىدە سەۋەب بىلەن رۇخسەت سورىغانلىرىدىن باشقىلىرى يىغىنغا قاتنىشىشى كېرەك.

  5-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا مۇدىرلار يىغىنى تەييارلىق كۆرىدۇ. دائىمىي كومىتېت يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىنىڭ ۋاقتىنى ۋاقتىدا بەلگىلىشى، يىغىن قارالمىلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىشى كېرەك.

  دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلىشتىن 10 كۈن بۇرۇن، مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى دەسلەپكى قەدەمدە قاراپ چىقىشى ھەمدە دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

  6-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسىنى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە قارالمىنى ۋاقتىنچە تەڭشەشكە توغرا كەلسە، ئۇنى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ بېكىتىشىگە سۇنىدۇ.

  7- ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلىشتىن 10 كۈن بۇرۇن، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتى يىغىننىڭ ۋاقتى، ئورنى، تەكلىپ قارالمىسى قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ؛ يىغىن قەرەلسىز ئۆتكۈزۈلسە، شۇ چاغدا ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

  يەرلىك نىزام لايىھەلىرى، نىزام خاراكتېرلىك قارار لايىھەلىرى شۇنىڭدەك دوكلاتلار ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللار يىغىن ئېچىلىشتىن 7 كۈن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  8-ماددا مۇدىرلار يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنى يىغىندىن بۇرۇن يىغىن قارالمىلىرى ئۈستىدە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە، كۆزدىن كەچۈرۈشكە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرىدۇ. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر يىغىن قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىشقا زۆرۈر تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك.

  9-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئىچىلغاندا تۆۋەندىكى خادىملار سىرتتىن قاتنىشىدۇ:

  (1) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ياكى بىر نەپەر مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياكى بىر نەپەر مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛

  (2) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىگە كىرمىگەن مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ئىش ئاپپاراتى ۋە خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛

  (3) بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛

  (4) ئېھتىياجغا قاراپ تەكلىپ قىلىنغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى؛

  (5) مۇدىرلار يىغىنى بېكىتكەن باشقا ئالاقىدار خادىملار.

  10-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسى شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا چەتتىن ئاڭلاش ئورنى تەسىس قىلىنسا بولىدۇ.

  11-ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى تەكلىپ ئىزاھاتى ۋە دوكلاتلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇرۇپپا يىغىنى ياكى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ قاراپ چىقىدۇ.

  12-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى قارالمىلارنى قاراپ چىققاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەسئۇللىرى يىغىنغا باشتىن-ئاخىر قاتنىشىشى كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىن كۈنتەرتىپىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يىغىنغا قاتنىشىدۇ، پىكىرلەرنى ئاڭلايدۇ، سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.

  3-باب تەكلىپ بېرىش

  13-ماددا تۆۋەندىكى ئورگان ۋە خادىملار دائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ:

  (1) مۇدىرلار يىغىنى؛

  (2) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى؛

  (3) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى؛

  (4) دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن بىرلىشىپ ئىمزا قويغان بەشتىن ئارتۇق كىشى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كادىرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىشلىرى ھەققىدە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

  14-ماددا مۇدىرلار يىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى مۇدىرلار يىغىنى قارار قىلىدۇ.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن بەشتىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش-سۇنماسلىقنى مۇدىرلار يىغىنى قارار قىلىدۇ. قاراپ چىقىشقا سۇنۇلمايدىغان بولسا، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا دوكلات قىلىش ياكى تەكلىپ بەرگۈچى كىشىگە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

  دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان تەكلىپلەرنى مۇدىرلار يىغىنى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ياكى ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش-سۇنماسلىقنى مۇدىرلار يىغىنى ئاندىن قارار قىلىدۇ.

  15-ماددا دائىمىي كومىتېتقا بېرىلىدىغان تەكلىپتە تەكلىپ سەۋەبى، ئاساسى ۋە لايىھەسى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

  16-ماددا دائىمىي كومىتېتقا بېرىلىدىغان تەكلىپ دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلىشتىن 20 كۈن بۇرۇن مۇدىرلار يىغىنىغا يوللىنىشى كېرەك. مۆھلەت ئۆتسىمۇ يوللانمىغانلىرى شۇ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.

  كادىرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش تەكلىپى، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكلىپى ۋە ئىستېپا سوراش ئىلتىماسى «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

  4-باب تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش

  17-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپتە تەكلىپ بەرگۈچى ئورگان ياكى تەكلىپ بەرگۈچى كىشى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا ئىزاھات بېرىدۇ.

  18-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپنى قاراپ چىقىشتا يەنىمۇ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ مەسىلە بولسا ياكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر ئىختىلاپى چوڭراق بولسا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويۇلمىسىمۇ بولىدۇ، تەكلىپ بەرگۈچى ئورگان، تەكلىپ بەرگۈچى كىشى ياكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىشى ھەمدە دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ، مۇدىرلار يىغىنى ئاندىن ئۇنى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېيىنكى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى ياكى قاراپ چىقىشنى توختىتىشنى قارار قىلىدۇ.

  19-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپ ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، تەكلىپ بەرگۈچى كىشى ئورگان ياكى تەكلىپ بەرگۈچى كىشى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن شۇ تەكلىپنى قاراپ چىقىش توختىتىلىدۇ.

  5-باب مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش

  20-ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتلىرىنى ئاڭلايدۇ؛ دائىمىي كومىتېت ئۇيۇشتۇرغان قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق دوكلاتلارنى ئاڭلايدۇ.

  21-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يىللىق مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشتە، مۇدىرلار يىغىنى يىل بېشىدا پىلان تۈزۈپ، ئالاقىدار ئورگانلارغا يازما ئۇقتۇرىدۇ. ئالاقىدار ئورگانلار ئۇقتۇرۇش بويىچە تەييارلىق قىلىپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قەرەلىدە دوكلات بېرىشى كېرەك. قىسمەن ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، دوكلات قىلغۇچى ئورگانغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

  22-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلى دائىمىي كومىتېتقا دوكلات بېرىدۇ؛ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى بىر تارماقنىڭ خىزمىتىگە تەۋە بولسا، دائىمىي كومىتېتقا دوكلات بېرىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا كومىتېت مۇدىرى، مەھكىمە باشلىقى، باش تەپتىش دائىمىي كومىتېتقا دوكلات بېرىدۇ. كومىتېت مۇدىرى، مەھكىمە باشلىقى، باش تەپتىش ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن يىغىنغا كېلەلمىگەندە، كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى، مۇئاۋىن باش تەپتىش دوكلات بەرسىمۇ بولىدۇ.

  23-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى دوكلات بەرگۈچى ئورگان دائىمىي كومىتېت يىغىنىدىن 20 كۈن بۇرۇن دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

  24-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى مۇدىرلار يىغىنى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ياكى ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرى بېرىشىگە تاپشۇرسا بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش-سۇنماسلىقنى مۇدىرلار يىغىنى ئاندىن بېكىتىدۇ.

  25-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ زۆرۈر دەپ قارىسا، مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى دوكلاتتىن رازى بولمىسا، مۇدىرلار يىغىنى دوكلات بەرگۈچى ئورگاننى تولۇقلىما دوكلات بېرىشكە ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېيىنكى يىغىنىلىرىغا قايتا دوكلات بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. قارار چىقىرىلمىسا، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى يىغىننىڭ قاراپ چىقىش پىكىرلىرىنى رەتلەيدۇ، ئىش ئاپپاراتى دوكلات بەرگۈچى ئورگاننىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ.

  دوكلات بەرگۈچى ئورگان تاپشۇرۇپ بېرىلگەن قاراپ چىقىش پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى، تەلەپ بويىچە دائىمىي كومىتېتنىڭ كېيىنكى يىغىنلىرىغا بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

  6- باب سوراش، سۈرۈشتۈرمە قويۇش ۋە ئالاھىدە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش

  26- ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىققاندا، يىغىنغا قاتناشقان دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ. سوئالنى ئاغزاكى سورىسىمۇ، يازما سورىسىمۇ بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى نەق مەيداندا سوئالغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. نەق مەيداندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىرىدا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن 10 كۈن ئىچىدە يازما جاۋاب بەرسە بولىدۇ.

  27- ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن بەشتىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە سۈرۈشتۈرمە قويۇش ھەققىدە دائىمىي كومىتېتقا يازما تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

  سۈرۈشتۈرمىگە سۈرۈشتۈرۈلىدىغان ئوبيېكت، سۈرۈشتۈرۈلىدىغان مەسىلە ۋە مەزمۇننى يېزىش شەرت.

  سۈرۈشتۈرمىگە چېتىلىدىغان مەسىلىنىڭ دائىرىسى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار، يەرلىك نىزاملارغا خىلاپ مەسىلىلەر بولۇشى، خىزمەتتىكى سەۋەنلىكتىن ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققان مەسىلە بولۇشى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش مەسىلىلىرى بولۇشى كېرەك.

  28- ماددا سۈرۈشتۈرمە مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاغزاكى جاۋاب بېرىشىگە ياكى يازما جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

  سۈرۈشتۈرمىگە ئاغزاكى جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى يىغىنغا كېلىپ جاۋاب بېرىشى؛ سۈرۈشتۈرمىگە يازما جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئىمزا قويۇشى كېرەك ھەمدە مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا ياكى سۈرۈشتۈرمە قويغان دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

  سۈرۈشتۈرمە قويغان دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ جاۋابىغا رازى بولمىسا، داۋاملىق سۈرۈشتۈرمە قويسا ھەمدە قايتا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، دائىمىي كومىتېت سۈرۈشتۈرۈلگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار چىقارسا بولىدۇ.

  29- ماددا سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىلىشتىن بۇرۇن، سۈرۈشتۈرمە قويغۇچى كىشى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، شۇ سۈرۈشتۈرمىنى قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.

  30- ماددا مۇدىرلار يىغىنى ياكى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا ئالاھىدە مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى قارار قىلىدۇ.

  ئالاھىدە مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار ۋە ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ، كونكرېت نامزاتلارنى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىن كۆرسىتىپ، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ.

  ئالاھىدە مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېتقا دوكلات قىلىشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ.

  7- باب مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى قالدۇرۇۋېتىش ۋە تولۇقلاپ سايلاش

  31- ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مۇدىرلار يىغىنى ياكى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى قالدۇرۇۋېتىش توغرىسىدا يازما تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىگە قالدۇرۇۋېتىش سەۋەبىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

  دائىمىي كومىتېت قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىنى قاراپ چىققاندا، قالدۇرۇۋېتىلىدىغان ۋەكىل مۇدىرلار يىغىنى ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا ئاقلىنىش پىكرىنى ئاغزاكى ياكى يازما بېرىشكە ھوقۇقلۇق. ئاقلىنىش پىكرى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن يىغىنغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

  قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپى قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپى بىلەن دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

  32- ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ئاپتونوم رايوندىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىلنىڭ ئورنى بوش قالسا، دائىمىي كومىتېت تولۇقلاپ سايلىسا بولىدۇ. تولۇقلاپ سايلاش سايلام قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

  33- ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ گۇمان قىلىنغان ۋەكىلىنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش، جىنايى ئىشلار بويىچە سوتلاش ياكى ئۇلارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا رۇخسەت قىلىش- قىلماسلىقنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قارار قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىرىنى قانۇن بويىچە توختىتىپ قويۇشتا، توختىتىپ قويغۇچى ئورگان دائىمىي كومىتېتقا دەرھال دوكلات قىلىشى، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى ھەمدە دائىمىي كومىتېتنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە سۇنۇشى كېرەك.

  8- باب سۆز قىلىش، ئاۋازغا قويۇش، ئېلان قىلىش ۋە ئەنگە ئېلىش

  34- ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقانلارنىڭ ئومۇمىي يىغىندا سۆزلەش ۋاقتى ئومۇمەن 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ۋاقىتنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئالدىن تەلەپ قىلسا، يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ۋاقىت مۇۋاپىق ئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ.

  35- ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا تەكلىپلەرنى ئاۋازغا قويۇشتا، نامسىز بېلەت تاشلاش (جۈملىدىن ئېلېكتىرونلۇق ئاۋاز بەرگۈدە ئاۋاز بېرىش) ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، باشقا ئۇسۇل قوللىنىلسىمۇ بولىدۇ.

  36- ماددا ئاۋازغا قويۇلىدىغان تەكلىپنىڭ تۈزىتىلمىسى بولغانلىرىنىڭ تۈزىتىلمىسى ئاۋۋال ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

  37- ماددا ئاۋازغا قويۇلغان تەكلىپ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.

  ئاۋاز نەتىجىسىنى يىغىن رىياسەتچىسى نەق مەيداندا ئېلان قىلىدۇ.

  38- ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ماقۇللانغان يەرلىك نىزاملار دائىمىي كومىتېت ئاخباراتى ۋە ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە تارقىتىلىدىغان گېزىتتە ئېلان قىلىنىشى كېرەك.

  دائىمىي كومىتېت ئاخباراتىدا ئېلان قىلىنغان يەرلىك نىزام نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.

  دائىمىي كومىتېت يىغىنى چىقارغان قارارلار ۋە كادىرلارنى تەيىنلەش- قالدۇرۇش ئىشلىرىنى ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ماقۇللانغان كۈنى ياكى ئەتىسىلا ئېلان قىلىشى كېرەك.

  39- ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى چىقارغان قارارلار، ماقۇللىغان ۋە تەستىقلىغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزاملارنى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

  9- باب يىغىندا قوللىنىلىدىغان تىل ۋە يېزىق

  40- ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، گۇرۇپپا يىغىنى، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا دۆلەت ئورتاق تىلى قوللىنىلىدۇ، ئېھتىياجغا قاراپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ.

  41- ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى ھۆججەتلىرى دۆلەت ئورتاق يېزىقى ۋە ئۇيغۇرچە يېزىقتا بېسىپ تارقىتىلىدۇ.

  10- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  42- ماددا بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان