ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىز ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلەتتى

2018.08.26 15:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز چاۋ جىن، يې شياۋمىن خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 23- كۈنى ئەتىگەندە، ئابدۇسالام ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا شاڭخەيدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىس، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گاۋ يىغا ئەگىشىپ، كېسەلخانىلارنى تەكشۈرۈپ كېسەل كۆرۈۋاتاتتى. بۇ ئۇنىڭ كېسەلخانا ۋىراچلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشكە قاتنىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى بولۇپ، كېلەر يىلى ئۆگىنىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ مەكىت ناھىيەسىدىكى يېزا- بازار شىپاخانىسىغا قايتىپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرغا ئايلىنىدۇ.

  ئىلمىي، مۇۋاپىق دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، داۋالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىش يۇقىرى ساپالىق ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى زاكازلىق، نىشانلىق يېتىشتۈرۈش، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى تەربىيەلەش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا قىلغان داۋاملىق تېببىي تەربىيە قاتارلىق تەدبىرلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئاساسلىقى، بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ مائارىپى+ئۈچ يىللىق كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشتىن ئىبارەت «3+5»نى ئاساسىي گەۋدە، ئۈچ يىللىق ئالىي تېخنىكوم مائارىپى+ئىككى يىللىق ياردەمچى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت «3+2»نى تولۇقلىما قىلغان. ھازىرغىچە، جەمئىي يېتىشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال دوختۇر 2780، ياردەمچى ئۇنىۋېرسال دوختۇر 3600 ئابدۇسالام زاكازلىق، نىشانلىق يېتىشتۈرۈلىدىغان دوختۇر، ئۇ، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەكىت ناھىيەسىدىكى يېزا- بازار شىپاخانىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن، ئۈچ يىللىق كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش مەزگىلىدە، ئۇنىڭغا ئەسلىدىكى ئىش ئورنى ئاساسىي مائاشىنى داۋاملىق بەرگەندىن باشقا، ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن.

  يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش،مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى ئۆستۈرۈش، ئۇلارنى ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىشتىكى باھالاش ۋە تەكلىپ قىلىش شەرتىدە سىياسەت جەھەتتىن بەلگىلىك مايىللىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى سەھىيە خادىملىرىنىڭ كەسىپ جەھەتتە تەرەققىي قىلىشىدىكى توسالغۇنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پەن- مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شۈ پېيلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز يەنە 2- دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دوختۇرخانىلارنىڭ مەخسۇس كېسەل دوختۇرلىرىنى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلۇق ئىش ئورنىغا ئالمىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تەربىيەلىنىپ لاياقەتلىك بولغانلىرىنىڭ ئەسلىدىكى رويخەتكە ئالدۇرغان كەسىپكارلىق دائىرىسى ئاساسىدا، ئۇنىۋېرسال مېدىتسىنا كەسپى بويىچە كەسىپكارلىق دائىرىسىنى كۆپەيتىدۇ، بۇنداق «ماھارەت+»تىكى «قوش رويخەتكە ئېلىش» تۈرلۈك داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەت قىلىش دائىرىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە كېڭەيتىدۇ.

  شۈ پېيلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2008- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش دەۋرى بىر قەدەر ئۇزاق بولۇش بىلەن ئاساسىي قاتلام جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مەخسۇس كۇرستىكى نىشانلىق پۈتكۈزگەنلەرنى ياردەمچى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. ھازىر، بۇ ياردەمچى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش تايانچلىرىغا ئايلىنىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىدە ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 2- تۈركۈمدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكى تېببىي مائارىپنى يولغا قويۇپ، ھەر يىلى 300ئادەمنى تەربىيەلەپ، ئۇدا بەش تۈركۈمدە ئاساسىي قاتلامغا مەخسۇس كۇرس تېببىي ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ماس كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، ئەسقاتىدىغان 1500 تېببىي ئىختىساسلىق خادىمنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىختىساسلىقلار كەمچىل رايونلار، نامرات رايونلار ئۈچۈن تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە يېزا تېببىي كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى داۋاملىق تەربىيەلەپ، كەنت داۋالاش ئۆيىگە يېزا- كەنت دوختۇرىدىن 5200 نى تولۇقلاپ بەردى ۋە يېتىشتۈرۈپ بەردى.

  شۈ پېيلەن مۇنداق دېدى: ھازىر، ئاساسەن ھەر بىر يېزا- بازارلىق شىپاخانىدا ئاز دېگەندە بىر ئۇنىۋېرسال دوختۇر بار، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە كەسپىي جەلپكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمەت ئەترىتىنى تولۇقلاپ، «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 2020- يىلىغا بارغاندا، ھەر 10 مىڭ ئاھالىگە ئىككىدىن ئۈچكىچە لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇر توغرا كېلىش، ئۇنىۋېرسال دوختۇرنى 7000 غا يەتكۈزۈش، ھەر بىر يېزا- بازارلىق شىپاخانا ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدە ئاز دېگەندە ئىككى ئۇنىۋېرسال دوختۇر بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى