ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكەن مەنىلىك بايرام

مۇخبىرلىرىمىز دۇڭ لياڭ، چاۋ جىن، يې شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى لىڭ

2018.08.25 13:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قۇربان ھېيت كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 40- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئاسىمە سېلىمجان ۋە گۈلمىرە مەمەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى كىتاب سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ بالىلار ئوقۇشلۇقى رايونىغا كەلدى.

  ئاسىمە سېلىمجان رەڭ ۋە رەسىم توغرىسىدىكى بالىلار ئوقۇشلۇقىنى قولىغا ئېلىپ: كىتاب ئوقۇش بىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش، دېدى. ھەر خىل رەڭ ۋە ئاجايىپ- غارايىپ رەسىملەر ئۇنى رام قىلىۋالغان بولۇپ، ئاسىمە سېلىمجان كىتابنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن كۆرۈشكە باشلىدى.

  ئۇلارنىڭ يېنىدا شىئەندىن شىنجاڭغا ئوينىغىلى كەلگەن جىن گوگومۇ كىتاب كۆرۈۋاتاتتى. جىن گوگونىڭ ئاپىسى مۇنداق دېدى: بالام شىنجاڭغا ئوينىغىلى كەلگەن، بىز بالىمىزغا يولدا ئوقۇيدىغانغا كىتاب ئېلىپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمىز. بۈگۈن بايرام ئىكەن، شىنجاڭدىكى كۆپ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇق، بەكمۇ خۇشال بولۇۋاتىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى كىتاب سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋاڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، كىتابخانىمىز نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويدى ھەم ئارقا سەپتىكى خىزمەتچىلەرنى ئاجرىتىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئىش ئورۇنلىرىغا سەپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈندىدار توپى قۇرۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئوقۇرمەنلەرنى كىتاب ئەۋەتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، بىز ئۈرۈمچىنىڭ گۇچۇڭ يولىدىكى كىتاب توپ سېتىش بازىرىدا، ئۈرۈمچى دوستلۇق يولىدىكى بىرقانچە چوڭ تىپتىكى كىتابخانىدىمۇ ئوخشاشلا ئادەملەرنىڭ ئايىغىنىڭ ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

  8- ئاينىڭ 24- كۈنى، بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىغا كەلدۇق، كىتاب ئارىيەت ئېلىش زالىدا ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۆگىنىش ئۆيىدە بوش ئورۇن قالمىغانلىقىنى كۆردۇق.

  13 ياشلىق لى جياچى بىلەن ئۇنىڭ دوستى ساۋ سىتۇڭ بالىلار كىتاب ئارىيەت ئېلىش زالىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتاتتى. لى جياچى مۇنداق دېدى: بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە قىشلىق، يازلىق تەتىللەردە شەھەرلىك كۇتۇپخانىغا دائىم كېلىمىز.

  ئۆگىنىش ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا، 24 ياشلىق جياڭ ئاۋرەن قانۇن كەسپى ئىمتىھانىغا ئالاقىدار كىتابلارنى كۆرۈۋاتقان بولۇپ، قانۇن كەسپى ئىمتىھانى ۋە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. جياڭ ئاۋرەن: بۇ يەرنىڭ ئۆگىنىش شارائىتى ياخشى، شۇڭا ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى بۇ يەرگە كېلىپ دەرس تەكرارلايمەن، دېدى. 55 ياشلىق شياۋ سىجۈننىڭ ئۆيى يېڭىشەھەر رايونىدا بولۇپ، بۈگۈن بايرامنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئالايىتەن ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ شەھەرلىك كۇتۇپخانىغا كەلگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن. كۇتۇپخانىنىڭ مۇھىتى ياخشى، بۇ يەردە كۈنبويى جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى جىن يىشىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شەھەرلىك كۇتۇپخانا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000 ئوقۇرمەن (قېتىم) نى كۈتۈۋالىدىكەن، ھەپتە ئاخىرى، بايرام مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 4000 ئادەم (قېتىم) گە يېتىدىكەن.

  بۇ بىر نەچچە كۈندە كورلا شەھىرىدىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى كۇتۇپخانا، كىتابخانا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، بايرامنى كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزدى.

  8- ئاينىڭ 22- كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىنىڭ 24 سائەتلىك شەھەر كۇتۇپخانىسىدا، جاڭ خانىم بالىسى بىلەن كىتاب جاھازىلىرىدىكى كىتابلارنى تاللىدى ھەم ئاپتوماتىك تىرمىنال ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق كىتاب ئارىيەت ئېلىش تەرتىپىنى تاماملىدى.

  جاڭ خانىم مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىپ كىتاب كۆرگەندە مىجەز- خۇلقنى تاۋلىغىلى، كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدىكەن، بۇنداق قىلسا بەكمۇ ياخشى بولىدىكەن. ئىلگىرى تەتىلدە بالامنى شەھەر ئەتراپىغا ساياھەتكە ئېلىپ چىقاتتىم، بۇ يىل كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. بالامنىڭ كىتاب ئوقۇيدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق شىنخۇا كىتابخانىسىدىكى «يېڭى كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش»، «ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇشلۇقى»، «قوشۇمچە دەرسلىك ماتېرىياللىرى» قاتارلىق رايونلار كىتاب سېتىۋېلىشقا كەلگەن شەھەر ئاھالىسى بىلەن تولغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئىككىدىن، ئۈچتىن بولۇپ، ياكى قوشۇمچە دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى، ياكى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان كىلاسسىك مەشھۇر ئەسەرلەرنى تاللاۋاتاتتى. كورلا شەھەرلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى جاڭ چېڭخې ئاپىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىككى پارچە دەرسلىك ماتېرىيال تاللىدى. جاڭ چېڭخېنىڭ ئاپىسى لى يۆچىن مۇنداق دېدى: ئوقۇش باشلاندى، بالام بىلەن قوشۇمچە دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالغىلى كەلدىم.

  بايرام مەزگىلىدە كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدىغان شەھەر ئاھالىلىرىگە ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، كورلا شەھەرلىك كۇتۇپخانا ئىزچىل ئېچىلدى. كورلا شەھەرلىك كۇتۇپخانا پائالىيەت لايىھەلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ لۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كورلا شەھەرلىك كۇتۇپخانا ئۈچ كۈندە 7000 ئادەم (قېتىم) نى كۈتۈۋالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان