ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

بايرامنىڭ مەدەنىيەت پۇرىقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرايلى

لى چىڭچىن

2018.08.25 13:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، تېلېۋىزىيە ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى «مەن ۋە ۋەتىنىم- 2018- يىللىق قۇربان ھېيتلىق چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش» ئۆز ۋاقتىدا قويۇلدى ھەم ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە چوڭ تىپتىكى ناخشا- ئۇسسۇل «ئۇلۇغ بېيجىڭ»، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە «خوتەن بالىلىرى ناخشا ئېيتىشقا ئامراق»، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ئېلىپ كەلگەن «ۋېيخۇشەن تېغىنى پەم بىلەن ئېلىش»، «ئۆيىگە قايتقان ئەر- خوتۇن»، «داپ چېلىپ ناخشا ئېيتىش» قاتارلىق كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان ئەسەرلەردە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىدەك جانلىق كارتىنىلار سۈرەتلىنىپ، ھەر مىللەت تاماشىبىنلارغا كاتتا مۇراسىم تۇيغۇسى بېغىشلاندى. بۇنىڭدىن سىرت، ئاقسۇ ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۆز ئالدىغا تەييارلانغان قۇربان ھېيت كېچىلىكى قويۇلۇپ، بايرامنىڭ مول مەدەنىيەت مەنپەئىتى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزۈلدى.

  كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مەنىۋى مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياجىمۇ كۈنسايىن ئاشتى. بايرام مەزگىلىدە، ئەتراپقا نەزەر سالىدىغان بولساق، شىنخۇا كىتابخانىلىرىدىكى بالىلىرىنى باشلاپ كىتاب سېتىۋالغىلى كەلگەن ئاتا- ئانىلارنى، جاي- جايلاردىن قومۇل مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىگە ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك ئاممىنى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدىكى چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارغا پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاجىك مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆرەلەيمىز...سىرتقا چىقىپ يىغىلىپ تاماق يېيىش، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىش، ساياھەتكە چىقىش قاتارلىق ئادەتتىكى بايرام پائالىيەتلىرىدىن باشقا، مەدەنىيەت پائالىيىتى ھازىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بايرام مەزمۇنىغا ئايلىنىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى قويۇق بايرام مەزمۇنى يەتكۈزۈلدى ۋە ۋارىسلىق قىلىندى، بۇ، ھەقىقەتەنمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ھامان مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى تايانچ قىلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى شەرت قىلىدۇ. ئۇزاققا سوزۇلغان تارىخ مۇساپىسىدە، بىلىملىك ۋە ئالىيجاناب كىشىلەر، شائىرلار ۋە ئەدىبلەر ھەر بىر بايرام ئۈچۈن ئۆلمەس داڭلىق ئەسەرلەرنى پۈتكەن، بۇ ئەسەرلەر ھەم گۈزەل، ھەم ئاممىباب بولۇپ، ھەممە كىشىگە ئوخشاش ھۇزۇر ئاتا قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت مەزمۇنىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يەتكۈزۈش ۋە ۋارىسلىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە، بايرامنىڭ شەرىپىنى ئاشۇرىدىغان مەدەنىيەت مەيلى مەزمۇن ياكى شەكىل جەھەتتە بولسۇن تېخىمۇ بېيىتىلدى، بايرامنىڭ ئۆزىلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى مەركەزلىك نامايان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى سۇپا ھېسابلىنىدۇ. تىرىشىپ تېخىمۇ سەمىمىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ چوڭقۇر ھېسسىيات، تېخىمۇ مول مەزمۇن ئارقىلىق ئېسىل بايرام مەدەنىيىتى ئەسەرلىرىنى يارىتىش كېرەك، مەيلى بىر مەيدان كۆرگەزمە، بىر مەيدان ئويۇن، بىر تۈرلۈك پائالىيەت ياكى جانلىق يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرى بولسۇن، ھەر مىللەت ئاممىغا مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇلغان مول تارىخنى، تەستە قولغا كەلگەن قىممەتلىك رېئاللىقنى ھېس قىلدۇرالىسىلا، ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلىسىلا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شانلىق نۇرلار چاقناپ تۇرغان ياخشى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىمىزمۇ مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئىجاد قىلىپ، بايرامنىڭ مەدەنىيەت پۇرىقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغاندىلا، دەۋرگە، بايرامغا يۈز كېلەلەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان