ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

خوتەندە كەچلىك بازار قىزىپ كەتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شى يىڭيىڭ

2018.08.24 12:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شوخ ئۇسسۇل، يېقىملىق ناخشا ساداسىغا تىجارەتچىلەرنىڭ خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلىرى قوشۇلۇپ كەتكەنىدى... 8- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچتە، چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان خوتەن كەچلىك بازىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ئىنتايىن قىزىپ كەتكەنىدى.

  قوقاستا پىشۇرۇلغان تۆگىقۇشى تۇخۇمى، قوقاستا پىشۇرۇلغان غاز تۇخۇمى، تونۇر كاۋاپ، سامسا، ئۆپكە- ھېسىپ، كاۋاپ... ھەرخىل يېمەكلىكلەرگە قاراپ كىشىنىڭ ئېغىزىغا سېرىقسۇ كېلەتتى.

  ئەنخۈيلىك ساياھەتچى جاڭ ئەپەندى دوستلىرى بىلەن يايما ئالدىدا پېتىرمانتا يەۋاتاتتى، جاڭ ئەپەندىنى خۇشال قىلغىنى بۇ قېتىملىق ساياھىتىنىڭ قۇربان ھېيتقا توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كەچلىك بازارغا كىرىپلا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ شوخ مىللىيچە ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، بىر ئۇيغۇر قىزى مېنى قىزغىنلىق بىلەن ئۇسسۇلغا تارتتى، مەن ئۇنىڭ ئۇسسۇل رىتىمىغا ئەگىشىپ شوخ ئۇسسۇل <دېڭىزى>غا غەرق بولدۇم».

  كەچلىك بازاردا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن باشقا، يەنە ئەتراپتىكى يېزا- بازارلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ئامما بار ئىدى، خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى بازار مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالامەت ئېزىزباقى خوتۇنى بىلەن ئون ياشلىق قىزىنى ئېلىپ بالدۇرلا كەچلىك بازارغا كەلگەنىدى. سالامەت مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇشىمىز كۈنسېرى ياخشىلاندى، يانچۇقىمىزدىكى پۇل كۆپەيدى، بايرام مەزگىلىدە ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن چىققانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن كەچلىك بازاردىكى دوستلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋېتىپتۇ، بىزمۇ ئۆزىمىزنى تۇتالماي بىللە ئۇسسۇلغا چۈشتۇق، ھەقىقەتەن بەك كۆڭۈللۈك بولدى. سالامەت بۇ يىل لەڭمەنخانا ئېچىپ، يېرىم يىلدا 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تېپىپتۇ. بۇ مول ھوسۇللۇق يىلنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بازارغا كەپتۇ.

  قوقاستا پىشۇرۇلغان غاز تۇخۇمى ساتىدىغان ئابدۇكېرىم مەمەت مۇنداق دېدى: قوقاستا غاز تۇخۇمى پىشۇرۇپ سېتىۋاتقىنىمغا ئون نەچچە يىل بولدى، كۈندە 2000 يۈەنلىكتىن ئارتۇق تۇخۇم ساتالايمەن. بۇ يىل يېڭىلىق يارىتىپ، غاز تۇخۇمىغا كەپتەر تۇخۇمى بىلەن ھەسەل قوشۇپ ئاندىن قوقاستا پىشۇردۇم، بۇنى خېرىدارلار بەك ياقتۇردى، كىرىمىممۇ ئاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى