ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بېيجىڭدا قۇربان ھېيتلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

يوۋ چۈەن، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، باتېر، شۆھرەت زاكىر كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ بايرامنى تەبرىكلىدى

2018.08.22 13:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بېيجىڭدا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، باتېر، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى.

  جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەبرىك سۆزى قىلدى ھەمدە بايراملىق سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئىناق- ئۆملۈكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق 40 تىن ئارتۇق ئەلچىسى، بېيجىڭدىكى چەت ئەللىك مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر