ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى

2018.08.21 16:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۆز خەۋىرىمىز. قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن تۆمۈر داۋامەت، ئىسمائىل ئەھمەت، ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت، شۇنداقلا ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىد، نەيىم ياسىن، با دەي، جانابىل سىماغۇل، ئەسقەت كەرىمباي، جاڭ سىشۆ، قېيۇم باۋۇدۇن، جاڭ شيۇمىڭ، فۇ چياڭ، شيې فۇپىڭ، ماھىنۇر قاسىم، تۆربايىر، ئامىنە غاپپار، يۈسۈپ مۇھەممىدى، خوجىخان ھاكىموف، قادىس جانابىل، خەلچەم ئىسلام، مىجىت ناسىر، لى فېڭزى، جاڭ خېڭ، ما جيەنگو، ۋاڭ خۇەييۈ، دەلىلقان مامىقان، مەمتىمىن زاكىر، ئاسانبېك تۇردى، دۇ چىنرۈي، جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، چيەن جى، ھۆرىگۈل جاپپار، نىجات سۇلتان، ئىنام نەسىردىن، جاڭ يى، دىيار قۇماش، فېڭ داجېن، ۋېن كېشياۋ، ۋۇ جياخې، ۋاڭ يوۋسەن، ماۋ دېخۇا، يۈسۈپ ئەيسا، ۋاڭ خەنرۇ، شيې جىچياڭ، لى دۇڭخۇي، غوپۇر ئابدۇللا، جاڭ گۈيتىڭ، جاڭ يۈجۇڭ، پاشا ئىشان، ۋۇ دۇنفۇ، شيۇڭ خۇييىن، ياۋ يۇڭفېڭ، جياڭ شەن، سېرجى، جۇ جېنجۇڭ، شارىپقان كەرىم، مەمەتجان ئەمەت، ليۇ ياۋخۇا، قىزايجان سېيىلقوجا، كې لى، مەمەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تېيىپ، ماۋكەن سېيىتقامزا، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، يۈ شيۇدۇڭ، كادىرقان مىراسقان، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، قۇربان روزى، مەمەت روزى، روزى ئىسمائىل، مەمەت يۈسۈپ، قاسىم مامۇت، نىشان ئىبراھىم، چېن جىنچى، جاۋ شياڭۋا، ۋاڭ جىۋېن، لى گۈيماۋ، ياڭ جاۋجى، جاڭ جىشۈن، مەمەت روزى سەپەر، جاڭ گۇاڭخەن، دۇ خۇڭجيەن قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلارنى ئايرىم- ئايرىم يوقلىدى ياكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرىغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلدى، پېشقەدەم يولداشلارغا ھېيتلىق سەمىمىي سالام يوللىدى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشىنى، تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بولۇشىنى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۈەن رەھبەرلىرى ھەربىي رايون ۋە بىڭتۈەندىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەتنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ دانا، توغرا بولغانلىقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن قولغا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭمۇ يۈرەك قېنى سىڭگەن. پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىگە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

  پېشقەدەم يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭنىڭ بارغانسېرى ئىناق، مىللەتلەرنىڭ بارغانسېرى ئىتتىپاق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولغانلىقىنى كۆرۈپ، چىن قەلبىمىزدىن خۇشال بولدۇق ۋە خاتىرجەم بولدۇق. ئەمەلىيەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەدبىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي كارغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بىز چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملىق تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر