ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى «جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ساغلاملىقىنى، بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك

يىغىنغا چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.08.20 14:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 8- ئاينىڭ 16- كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى «جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جىلىن چاڭچۈن چاڭشېڭ شىركىتىنىڭ چاتىقى بار ۋاكسىنا دېلوسىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى مەخسۇس رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، دېلونى تەكشۈرۈش ھەم جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئائىت ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇشتىكى ئېنىق پوزىتسىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى، دورا بىخەتەرلىكى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، كۈچلۈك دورا بېرىپ جاھىل كېسەلنى داۋالاش، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتتە نامايان قىلىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش كېرەك. چوڭقۇر ساۋاق ئېلىش كېرەك، جىلىن چاڭچۈن چاڭشېڭ شىركىتىنىڭ چاتىقى بار ۋاكسىنا دېلوسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت قىلىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، دورا بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ تارىنى چىڭىتىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. سىياسەت- تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش كېرەك، قانۇن- نىزام، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا دورىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھسۇلات خەۋپ- خەتىرىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۈچ تەشكىللەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى تور يېيىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن ئاپىتىنى تۈگىتىش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر دورا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى، ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇتلەق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى، ئەدلىيە ئورگانلىرى قانۇنسىز كارخانىلار ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى «جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى» توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەنلىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەھىيە- ساغلاملىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، بارلىق تېببىي خادىملارنىڭ ئەلا نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، يېڭى مەزگىلدىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. بارلىق تېببىي خادىملارنى ھۆرمەتلەش كېرەك، تېببىي خادىملارنىڭ تۆھپىسى ۋە رولىنى تولۇق تونۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ، تېببىي خادىملارنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە روھىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېببىي خادىملارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بارلىق تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، مائاشى، تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىيات بوشلۇقى، كەسىپكارلىق مۇھىتى، ئىجتىمائىي ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ ئىشلەپ، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تېببىي خادىملارنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. بارلىق تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش كېرەك، بارلىق تېببىي خادىملارنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، چەكسىز مۇھەببىتىنى ئايىمايدىغان كەسىپ روھى ۋە ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دوختۇرلۇق ئەخلاقى، دوختۇرلۇق ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپتە تەلەپچان بولۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش- ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. سەھىيە- ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدىكى داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز ساغلاملىق تەكشۈرتۈشنى داۋاملىق تەشكىللەپ ۋە يولغا قويۇپ، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش- ساقلىق ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ مول، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ساغلاملىق بەخت- سائادىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى 2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، مىليونلىغان دېھقاننىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ماسلىشىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» خىزمىتىگە قارىتا چىقارغان زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم تارىخىي ۋەزىپە، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى باش تۇتقا. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپنى روناق تاپقۇزۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزىلار مەدەنىي بولۇش، ئىدارە قىلىش ئۈنۈملۈك بولۇش، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، تەشكىلات ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى، يېزا- كەنتلەرنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقانچىلىقنى جەلپكار كەسىپكە، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر