ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى

چېن چۈەنگو، ۋاڭ گوشېڭ، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ پائالىيەتكە قاتناشتى

2018.08.17 18:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۈەن 13- شىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھال سورىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  8- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن، خېنەن ئۆلكىسى − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېنەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلغاندىكى مۇھىم سۆزىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆتكە كۈچەش»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت تەدبىر»نى يولغا قويۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە مەزمۇت قەدەم تاشلىدى، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۆگىنىشكە ئەرزىگۈدەك نۇرغۇن ياخشى تەجرىبىلەرنى ياراتتى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: خېنەن ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇمىيەت خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، سەھىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خېنەن ئۆلكىسى خەلقى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بۇنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەتنى بارلىققا كەلتۈردى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى، خېنەن خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىنى ھەقىقىي تۈردە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

  ۋاڭ گوشېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا خېنەننىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش بىزگە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىلىرىنى كۆرسەتتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئىزدىنىشىنى، شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا نامايان قىلغان ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى، بىر قېتىملىق پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈش بويىچە چوڭقۇر تەربىيە بەردى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ھەققىدە چوڭقۇر تەربىيە بەردى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ھەققىدە چوڭقۇر تەربىيە بەردى.

  ۋاڭ گوشېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتەك دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدە چوقۇم ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېنەن بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھېسسىياتى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى جەريانىدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يىمىرىلمەس كۈچ مۇجەسسەملەندى. بىز چوقۇم «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر، ئەمەلىي ۋە چىن ھېسسىيات بىلەن ئىشلەپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

  سۆھبەت يىغىنىدا شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى خۇاڭ چياڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى شۇنداقلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  خېنەن ئۆلكىسى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن مۇ ۋېيمىن، شيې يۈئەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مەڭلىك سېيىت، چېڭ جېنشەن، ليۇ جيەنشىن، لى جىدۇڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر