ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئادەمزاتسىز رايونىدىكى بىر مۇزلۇق توسۇلما كۆلى يار ئېلىپ كېتىپ، يەكەن دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىنىڭ سۇ ئورنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كەتتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، خەتەرلىك رايوندىكى ئاممىنى تېزدىن يۆتكەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقىنى دەرھال ياخشى قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى، يۆتكەش ۋاقتىدا بولغانلىقتىن، كەلكۈندە تالاپەت كۆرۈلمىدى

2018.08.11 14:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۆز خەۋىرىمىز. يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى قىياجىر مۇزلۇقى توسۇلما كۆلى شاخىكۇ كۆزىتىش پونكىتىنىڭ 8- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى سۇ رايى سانلىق مەلۇمات ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا، قاراقۇرۇم تاغلىق رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز ئادەمزاتسىز رايونىدىكى قىياجىر مۇزلۇقى توسۇلما كۆلىنى يار ئېلىپ كېتىپ، يار ئېلىش خاراكتېرلىك كەلكۈننى پەيدا قىلىپ، يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ سۇ ئورنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كەتكەن. سىگنالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، خەتەرلىك رايوندىكى ئاممىنى تېزدىن يۆتكەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقىنى دەرھال ياخشى قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسى دەرھال جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن توسۇلما كۆلنى يار ئېلىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەشنى ھەم خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ، نەق مەيداندا خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى تېزدىن جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، كۈچ تەشكىللەپ، كەلكۈننىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنى خەۋپتىن ساقلاپ يۆتكەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلگۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى. تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى كەلكۈن ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئارىتاش سۇچىلىق تۈگۈنى ۋە تۆۋەن بەلدىر سۇ ئامبىرىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك كەلكۈننى پەسەيتتى. يۆتكەش دەل ۋاقتىدا بولغانلىقتىن، كەلكۈندە تالاپەت كۆرۈلمىدى. كەلكۈن قىيانى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 23 ئەتراپىدا ئارىتاش سۇچىلىق تۈگۈنىگە يېتىپ كەلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، قىياجىر توسۇلما كۆلى 2017- يىلى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، بۇ يىل 7- ئايدىن بۇيان، بۇ توسۇلما كۆل يۈزىنىڭ قاتتىق سۇ مەنبەسى ئاساسەن ئېرىپ، سۇ يۈزى كۆلىمى زورىيىپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3500 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدىغان، سىغىمچانلىقى 6 مىليون كۇب مېتىردىن 10 مىليون كۇب مېتىرغىچە بولغان كۆل شەكىللەنگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل