ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

80%تىن %3كىچە

شىنجاڭدىكى ئۆرۈك كۆپ چىقىدىغان رايونلاردا مېۋە قۇرتى چۈشۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

2018.08.05 14:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: ئالتۇن رەڭلىك سەمەت ئۆرۈكىنىڭ شاخلىرى مېۋىلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى، 8- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يېڭىسار ناھىيەسى ئېگىز يەر يېزىسىنىڭ تاغلىقئېرىق كەنتىدىكى غوپۇر ھېيت كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: بۇ يىل ئۆرۈككە قۇرت چۈشمىدى، خېلى يۇقىرى باھادا ساتالايدىغان بولدۇق، دېدى. ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئارقىلىق، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆرۈك كۆپ چىقىدىغان رايونلاردا مېۋە قۇرتى چۈشۈش نىسبىتى بۇلتۇرقى %80تىن %3كە چۈشۈپ، باغۋەنلەرنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

  ئېگىز يەر يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋۇ زۇڭجى قىزىقارلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆرۈكلەرنى خاتىرجەم يېيىشكە بولىدۇ، يېزىمىزدا ئۆرۈكلەرگە قۇرت چۈشۈش نىسبىتى ئاران % 1.8 ، ھازىر قۇرت تېپىشمۇ تەس. يېڭىسار ناھىيەسىدىن گۇما ناھىيەسىگىچە، بۇ يىلقى ئوخشىغان ئۆرۈكلەر تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلىنىدۇ.

  غوپۇر ھېيت مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، ئائىلىمىزنىڭ توققۇز مو ئۆرۈكلۈك بېغىدىن ئاران 150 يۈەنلىك ئۆرۈك ساتقانىدۇق، بۇ يىل 8000 يۈەنلىك ئۆرۈك سېتىپ بولدۇق.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي ئورمان تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى خەن خۇڭۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باغۋەنلەرنىڭ بىلىمى كەمچىل، يەنە كېلىپ پەرۋىش قىلىشقا سەل قارىغانلىقتىن، ئالدىنقى بىرقانچە يىلدا، يېڭىسار، گۇما قاتارلىق ئۆرۈك كۆپ چىقىدىغان رايونلاردا مېۋە قۇرتىنىڭ زىيىنى ناھايىتى ئېغىر بولدى، بۇلتۇر قۇرت چۈشۈش نىسبىتى %80كە يەتتى، بەزى رايونلاردا بۇ نىسبەت تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئۆرۈكلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن يېگىلى بولمىدى.

  بۇ يىل 3- ئايدا، ئاپتونوم رايون «جەنۇبىي شىنجاڭدا خاس باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى»نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى نۇقتىلىق خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدىكى مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن باغلاردا «قۇرت يوقىتىش جېڭى»نى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىرلىكتە 121 مۇتەخەسسىستىن مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مېۋە كۆپ چىقىدىغان 34 ناھىيەگە ئايرىم- ئايرىم ئەۋەتتى، ئۇلار پۈتۈن يىلدا جەمئىي ئالتە ئايدىن ئارتۇق نۇقتىدا تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  خەن خۇڭۋېي ئۆرۈك دەرىخىگە ئېسىپ قويۇلغان بىر داسنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بىز ئاۋۋال فىزىكىلىق ئۇسۇل قوللىنىپ باغلارنى تازىلاپ، مېۋە قۇرتىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئاندىن ئالداپ يوقىتىش دورىسى ئارقىلىق يوقاتتۇق. سۇ يۈزىگە يېقىن جايغا سىرتقى يۈزى سىلىق ئالداپ يوقىتىش دورىسىنى قويۇپ قويغاندا، ئەركەك ھاشاراتلار ئۇچۇپ كېلىپ سىيرىلىپ سۇغا چۈشۈپ تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئۈنۈملۈك بولۇپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ ھاشارات ئەھۋالىنى ياخشى تەھلىل قىلىپ، ھاشارات يوقىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىمىزنى تەدبىر ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. گۇما ناھىيەسى باشلەڭگەر يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شياڭپېڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەشكىللىشى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كەسىپلەشكەن يېتەكچىلىكى ۋە دېھقانلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، بۇ يىل ئۆرۈكتىن ھەقىقىي مول ھوسۇل ئالدۇق.

  سۈپەت ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئۈنۈممۇ دەرھال ئۆستى. گۇما ناھىيەلىك سازام يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئالىمجان مەمتىمىن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئۆرۈكنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى بەش موغىمۇ ئالمىغانىدى، ھازىر ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئۈچ يۈەن بەش مودىن، يۇقىرى بولغاندا سەككىز يۈەندىن سېتىۋاتىمىز. ھازىرغىچە 5 مىليون يۈەنلىك ئۆرۈك سېتىپ بولدۇم، يىللىق سېتىش سوممىمىز تەخمىنەن 10 مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن. ئاپتونوم رايونلۇق باغۋەنچىلىك ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، ھازىرغىچە يېڭىسار، گۇما ناھىيەسىدىنلا ئەمەس، كۇچا، بۈگۈر ناھىيەلىرىدىنمۇ ئىچكىرىدىكى بازارلارغا 20 مىڭ توننىغا يېقىن ئۆرۈك سېتىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر