ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ياردەمگە ئېرىشكەن جايغا ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان داۋالاش ئەترىتى قالدۇرۇش

مۇخبىرىمىز گاۋ ۋا

2018.08.05 14:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  7- ئاينىڭ 26- كۈنى، چۈش بولاي دېگەن چاغ، تۇرپان شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەل بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دۇڭ ياڭجوۋ كېسەل كۆرۈۋاتقان ئامبۇلاتورىيەدە ئاغرىقلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بىر يېرىم يىللىق نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاخىرلىشاي، دەپ قالغانىدى، دۇڭ ياڭجوۋنىڭ كۆزى قىيمىدى، كېتىشتىن ئىلگىرى شاگىرتلىرىغا كۆپرەك بىلىم ئۆگىتىش، كۆپرەك كېسەل كۆرۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

  دۇڭ ياڭجوۋ خۇنەن ئۆلكىلىك جۇڭيى دورىگەرلىك داشۆسى 2- تارماق دوختۇرخانىسى بۆرەك ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى بولۇپ، 2017- يىلى 2- ئايدا، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان داۋالاش مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدە تۇرپانغا كەلگەن. دۇڭ ياڭجوۋ بىلەن بىللە كەلگەنلەردىن يەنە جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى، خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق داڭلىق 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 22 داۋالاش مۇتەخەسسىسىمۇ بار ئىدى. بۇلتۇردىن بۇيان، خۇنەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن بۇ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى «ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش» شەكلىدە يەرلىكتىكى 55 تېببىي خادىم بىلەن قوشماقلاشتى. يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈردىن 46نى يولغا قويۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ 25 تۈردىكى تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇردى. 2017- يىلى، ياردەمگە ئېرىشكەن دوختۇرخانىلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرسەتكەنلەرنىڭ سانى 2016- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %24.1، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغانلارنىڭ سانى %57، ئوپېراتسىيە قېتىم سانى %78.2 ئاشتى، كېسەلنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يوللاپ بېرىش نىسبىتى ئىلگىرىكى %35 تىن %15 كە تۆۋەنلىدى.

  تۇرپان شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى 2016- يىلى 9- ئايدا تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئايرىلىپ چىققان مۇستەقىل دوختۇرخانا. داۋالاش ئەسلىھەلىرى كونا، تېببىي خادىملار كەمچىل بولغانلىقتىن، دەسلەپ قۇرۇلغان مەزگىلدە، دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرسىتىدىغانلار ئاز ئىدى.

  يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، بوغۇملار چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار يەرلىكتە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەر ئىدى، دۇڭ ياڭجوۋ ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ كېسەلنى داۋالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يەرلىكتە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرگە قارىتىشنى قارار قىلدى. ئۇ 20 نەچچە يىللىق دوختۇرلۇق ھاياتىدىكى كىلىنىكا تەجرىبىسىنى بىرىنى قالدۇرماي يەرلىكتىكى دوختۇرلارغا ئۆگىتىپ، يۈرەك زەئىپلىشىش، قاندىكى شېكەر ئېشىپ كېتىش، ئۆتكۈر كۆكرەك سانجىقى، ئۆتكۈر ئارتېرىيە ئۇنىۋېرسال كېسىلىنى داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىنى قېلىپلاشتۇردى، ئىنسۇلىن ئۇرۇپ كۈچەيتىپ داۋالاش لايىھەسى ۋە ئاشقازان بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى يىلتىزىدىن يوقىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، يەرلىكتىكى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

  − ئىلگىرى تېزرەك يول مېڭىپ سالسام، يۈرىكىم مۇجۇپ ئاغرىيتتى، ھازىر ياخشى بولۇپ قالدىم، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ داۋالىشى بىلەن، ئۆزۈمنى خېلىلا ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان بولدۇم، − دېدى 62 ياشلىق ئاغرىق نيۇ شېڭمىڭ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، نيۇ شېڭمىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى تۈپەيلىدىن يۈرىكى مۇجۇپ ئاغرىپ تۇرپان شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىدا يېتىپ قالدى، دۇڭ ياڭجوۋ جۇڭيىچە داۋالاش بىلەن غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالىدى. 11 كۈندىن كېيىن نيۇ شېڭمىڭنىڭ كېسىلى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يەتتى. ھازىرمۇ ئۇ ۋاقتى- ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرغاچقا، كېسىلىمۇ تىزگىنلەندى.

  تۇرپان شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى لۈ دۇڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دوختۇرخانىمىزنىڭ نيۇ شېڭمىڭغا ئوخشاش بۇنداق ئېغىر ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىش شارائىتى يوق ئىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بىزگە يېڭى قاراش، يېڭى تېخنىكا ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسپىي سەۋىيەمىزمۇ ئۆستى، ئىشەنچىمىزمۇ ئاشتى. ئالتۇن- كۈمۈش لوڭقىدىن ئاغرىقلارنىڭ مەدھىيەسى ئەۋزەل، ھازىر دوختۇرخانىمىزنىڭ ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرسىتىدىغانلار كۆپەيدى، كۈنىگە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىدىغانلارنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن بىرقانچە ھەسسە ئاشتى.

  داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىلگىرى، تۇرپان شەھىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا يوق بىردىنبىر ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ئىدى. 2016- يىلى 4- ئايدا، تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ «3A» دەرىجىلىك دوختۇرخانا بەرپا قىلىش پائالىيىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى، خۇنەن ئۆلكىسى ئەۋەتكەن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان داۋالاش خادىملىرى 1- سەپتە كۈرەش قىلىپ، تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باھالاشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە ياردەم بەردى. ھازىر، تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى، خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىن ئىلغار باشقۇرۇش قارىشىنى كىرگۈزۈپ، داۋالاش سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش، خەۋپ- خەتەرنى باشقۇرۇش، داۋالاش تېخنىكىسىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈردى.

  دۇڭ ياڭجوۋغا ئوخشاش جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىس تاڭ ۋېنبىنمۇ تۇرپان شەھىرىنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇ شىنجاڭغا يېڭى كەلگەندە، تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى بۆرەك ئىچكى بۆلۈمىدە تېببىي خادىملار ئىنتايىن كەمچىل ئىدى، پەقەت تاڭ ۋېنبىندىن ئىبارەت بىرلا كەسپىي دوختۇر بار ئىدى. تاڭ ۋېنبىن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تۇرپان شەھىرىدىكى ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرۈش، كېسەلخانا، قان تازىلاش مەركىزى بىر گەۋدە قىلىنغان بۆرەك كېسىلى بويىچە كەسىپلەشكەن تۇنجى داۋالاش ئەترىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

  قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇش سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەن ئاغرىقلارنىڭ قان دىيالىزلاش ئارقىلىق جېنىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى ھاياتلىق جان تومۇرى، تاڭ ۋېنبىن يېڭى تېخنىكا ئېلىپ كېلىپ، تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى يەرلىكتىكى قاننى راۋانلاشتۇرالايدىغان بىردىنبىر دوختۇرخانىغا ئايلاندۇردى.

  تاڭ ۋېنبىن: يەرلىككە ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان داۋالاش ئەترىتىنى قالدۇرۇش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلارنىڭ كېتىشى بىلەنلا، يېڭى تېخنىكىمۇ يوقاپ كەتسە بولمايدۇ، دېدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، تاڭ ۋېنبىن بۆلۈم- ئىشخانىلارنىڭ تەرەققىيات پىلانى ھەم تېببىي خادىملارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، تەپسىلىي يېتەكلەش پىلانىنى تۈزۈپ، كىلىنىكىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى.

  تاڭ ۋېنبىننىڭ شاگىرتى ئايجامال ھەسەن مۇنداق دېدى: تاڭ ۋېنبىن مېنىڭ ئۇستازىم، شۇنداقلا سىردىشىم. بىز كېلىشىۋالدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن، مەن خىزمەت، تۇرمۇشتا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام ئۇنى ئىزدەيمەن، ئۇمۇ ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ماڭا ياردەم بېرىدىغان بولدى، بىزنىڭ دوستلۇقىمىز مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز 2020- يىلىدىن ئىلگىرى تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى شەرقىي شىنجاڭ رايونىدىكى داۋالاش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمىدە نىشان- ۋەزىپىلەرنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر