ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى نىزامى» بىلەن بىردەك بولمىغان يەرلىك نىزام ۋە يەككە نىزاملاردىكى ئالاقىدار ماددا، تارماقلارنى تەتبىقلاشنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارارى

(2018- يىل 7- ئاينىڭ 27- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2018.08.03 15:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەڭ قاتتىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، يەرلىك نىزام ۋە يەككە نىزاملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار بىلەن بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنى مۇنداق قارار قىلدى:

  ئاپتونوم رايون، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلەر، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشقا چېتىلىدىغان يەرلىك نىزاملىرى ھەم ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ يەككە نىزاملىرىدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى نىزامى»نىڭ 18- ، 26- ، 27- ، 28- ، 29- ماددىسىدىكى مەزمۇن بىلەن بىردەك بولمىغان ئالاقىدار ماددا، تارماقلارنى تەتبىقلاش تاكى قانۇن بويىچە تۈزىتىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگىچە ياكى ئالاقىدار يەرلىك نىزام ۋە يەككە نىزاملار بىكار قىلىنغىچە توختىتىلىدۇ.

  بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر