ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش

مۇخبىرىمىز گاۋ ۋا

2018.08.03 15:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  7- ئاينىڭ 11- كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا، بەش ياشلىق ئابدۇرېھىم ھامىتنىڭ «يۈرىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىندى. بۇ ئوپېراتسىيەنى تيەنجىندىن كەلگەن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن خوتەندىكى دوختۇرلار بىرلىكتە تاماملىغان بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدە قىلىنغان تۇنجى «كۆكرەكتىن نەيچە كىرگۈزۈش تېخنىكىسى» قوللىنىلغان يۈرەك ئوپېراتسىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

  تيەنجىندىكى 3A دەرىجىلىك 15 دوختۇرخانىنىڭ 26 مۇتەخەسسىسى بۇلتۇر 11- ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، جەمئىي 6751 ئاغرىق (قېتىم)نى دىياگنوز قويۇپ داۋالاپ، 747 ئېغىر ئاغرىق (قېتىم)نى جىددىي قۇتقۇزۇپ، 829 قېتىملىق ئوپېراتسىيەنى تاماملاپ، 412 تۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 47 تۈرلۈك يېڭى تېخنىكا كىرگۈزۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىدىكى 18 تۈرلۈك بوشلۇقنى تولدۇردى.

  خوتەن ۋىلايىتى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش، گلاۋكوما، دىيابېت مەنبەلىك كۆرۈش تور پەردىسى ئۆزگىرىش كېسىلى قاتارلىق كۆز كېسەللىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان رايون. ئىلگىرى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىمۇ، ھەرقايسى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىلىرىدىمۇ مۇستەقىل كۆز كېسەللىرى بۆلۈمى يوق ئىدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2017- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا كۆز كېسەللىرى بۆلۈمى قۇرۇلدى. تيەنجىن شەھەرلىك كۆز كېسەللىرى دوختۇرخانىسى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىرى بۆلۈمى بىلەن «دوختۇرخانا بۆلۈملەرنى ھۆددىگە ئېلىش» كېلىشىمى ئىمزالاپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن قوللىدى ھەم خوتەن ۋىلايىتىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان يەرلىك كېسەللەر، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى كۆزدە تۇتۇپ تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ، بۆلۈم- ئىشخانىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. ھازىر، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىرى بۆلۈمى تەرەققىي قىلىپ، 3- دەرىجىلىك كۆز كېسەللىرى مەخسۇس بۆلۈمىگە ئايلاندى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسى لى يەن: بۇ كۆز كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ سەۋىيەسى تيەنجىندىكى دوختۇرخانىلارنىڭ كۆز كېسەللىرى بۆلۈملىرىنىڭ سەۋىيەسىدىن قېلىشمايدۇ، دېدى.

  بۇ يىل 6- ئايدا، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىرى بۆلۈمى باشلامچى بولۇپ قۇرغان كۆز كېسەللىرىنى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى كۆز كېسەللىرى بۆلۈمىنى ئاساس قىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يىراقتىن دىياگنوز قويۇش، سەھىيە بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. لى يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز دوختۇرخانىلارنىڭ ئىختىساسلىق خادىملىرى، بايلىقى، تېخنىكىسىنى تۆۋەنگە يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا كۆز كېسەللىرىنى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

  خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىرى ئىچكى بۆلۈمىمۇ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تيەنجىنلىك دوختۇرلار «قان بېرىش شەكلى»دە ياردەم بېرىشنى «قان ئىشلەش شەكلى»دە ياردەم بېرىشكە ئۆزگەرتىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا مۇنەۋۋەر تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىلغار كۈچلۈك ماسلاشما رادىياتسىيەلىك داۋالاش تېخنىكىسىنى كېڭەيتتى. بۇ بۆلۈم ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدىكى داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن بىردىنبىر ئۆسمە كېسەللىرى ئىچكى بۆلۈمى بولۇپ، خىمىيەلىك داۋالاش، ئاددىي رادىياتسىيەلىك داۋالاش، كۈچلۈك ماسلاشما رادىياتسىيەلىك داۋالاش، قەدەمداش رادىياتسىيەلىك- خىمىيەلىك داۋالاش قاتارلىق داۋالاش تېخنىكىلىرىنى قوللىنىپ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولغانلارنى يەرلىكتە ئۈنۈملۈك داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى لابوراتورىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسى ياڭ جۈننىڭ يېتەكچىلىكىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى لابوراتورىيە بۆلۈمىنىڭ ياش دوختۇرى گۈلنار ئابلامۇ پەن تەتقىقات خىزمىتىدە تۇنجى قېتىم بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

  ياڭ جۈننىڭ كىلىنىكىلىق لابوراتورىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 27 يىل بولدى، ئۇ خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى لابوراتورىيە بۆلۈمىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىنچىكە نۇقتىلاردىن باشلاپ بۆلۈم باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پەن قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈردى ھەم جەمئىيەتنىڭ كەسپىي ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى، ئىش ئورنى ئېھتىياجى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى تۈزدى. ياڭ جۈن: داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، ئەڭ مۇھىمى، بىر تۈركۈم يەرلىك داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى قوشۇنى قالدۇرۇش، دېدى.

  گۈلنار ياڭجۈننىڭ «ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش» بويىچە قوشماقلاشقان شاگىرتى. ياڭ جۈننىڭ يېتەكلىشىدە، گۈلنار ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ياشلار داۋالاش پەن- تېخنىكىسى ئىختىساسلىقلىرى مەخسۇس پەن تەتقىقات تۈرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلدى. گۈلنار مۇنداق دېدى: ياڭ مۇدىر بولمىغان بولسا، ئۆزۈمنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تېمىسىغا ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. ياڭ مۇدىر ماڭا ئۆزۈمنى قايتىدىن تونۇتتى، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس يولى كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئامىنە مامۇتمۇ گۈلنارغا ئوخشاش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. ئامىنە مامۇت «ياردەم بېرىدىغان، يېتەكلەيدىغان، ئۆگىتىدىغان» ئۇستازىنى تىلغا ئېلىپ، ناھايىتى ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلىرى داۋالاش سەۋىيەمنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم قىلىپلا قالماي، يەنە پەن تەتقىقات ئىقتىدارىمنى يېتىشتۈردى. ھازىر ئۇستازىم مېنى قولمۇقول يېتەكلەپ، ئۆگىتىپ، كىلىنىكىلىق داۋالاش سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈشۈمگە ياردەم قىلغاندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى، قارىشىمنى ئۆزگەرتتى، بۇ مېنى ئۆمۈر بويى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

  بۇ يىل، تيەنجىن شەھىرى تيەنجىن تېببىي داشۆسىگە تايىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىگە ئىككى دوكتور، ئۈچ ماگىستىر، 30 تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى تەربىيەلەپ بېرىشنى ھەمدە ئۈچ يىلدا 100دىن ئارتۇق تېببىي ئىختىساسلىق خادىم يېتىشتۈرۈپ بېرىشنى پىلانلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر