ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «ئارمىيەنىڭ پارتىيە ئىچىدە نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى»، «ئارمىيەنىڭ پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.08.02 18:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «ئارمىيەنىڭ پارتىيە ئىچىدە نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى»، «ئارمىيەنىڭ پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ بەلگىلىمىلەر 2018- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

  «ئىككى بەلگىلىمە»دە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش كۆزلىنىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇپ چىقىش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن- تېخنىكىغا تايىنىپ گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، دىققەت پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بايراق ئارقىلىق يېتەكلەش، تۈپ قوللانمىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بولۇشنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، لايىھەنى ئىلمىي پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ۋارىسلىق قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئارمىيەنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئارمىيەنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك، پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە قائىدە تۇرغۇزۇلۇپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، قاتتىق تەدبىرلەر تۇرغۇزۇلدى. «ئىككى بەلگىلىمە»نى بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويۇش ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، ئارمىيەدە ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «ئارمىيەنىڭ پارتىيە ئىچىدە نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى»دە سۇبيېكتنى نازارەت قىلىش، ۋەزىپىنى نازارەت قىلىش، تەدبىرنى نازارەت قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كۆزلەندى، مەسئۇلىيەتنى نازارەت قىلىشنى ئاساسىي ئوق قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان سۇبيېكتلار پەرقلەندۈرۈلدى، ۋەزىپىنى نازارەت قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، كونكرېت تۈزۈملەر قېلىپلاشتۇرۇلدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتكوم ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىدىغان، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت قىلىشقا مەخسۇس مەسئۇل بولىدىغان، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۈندىلىك نازارەت قىلىدىغان، پارتىيە ئەزالىرى دېموكراتىك نازارەت قىلىدىغان ئارمىيەنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسى ئورنىتىلدى. «ئارمىيەنىڭ پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى»دە، ھوقۇق بولغان ئىكەن جەزمەن مەسئۇلىيىتى بولۇش، مەسئۇلىيىتى بولغان ئىكەن جەزمەن زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى پۇختىلاپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سادىق بولۇش، پاك بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر