ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى

(2018- يىل 7- ئاينىڭ 27- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2018.08.01 13:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن «ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوتى توغرىسىدىكى دوكلات» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم- چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات»نى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى دوكلاتىنى قاراپ چىقىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوتى (لايىھە)نى تەكشۈردى.

  يىغىن مۇنداق قارىدى: 2017- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، باجنى كېمەيتىش، چىقىمنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئېكولوگىيەنى ئاسراش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر چىقىمىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، مالىيە- باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خامچوت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيي تەستىقلىغان ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىنى بىر قەدەر ياخشى ئورۇندىغان.

  يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى بەرگەن «ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوتىنى تەكشۈرگەنلىك نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات»ىغا قوشۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوتىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر