ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

2018-يىللىق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى ئاساسىي قاتلامغا ئاتلاندى

2018.07.28 17:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2018- يىللىق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي رايون پىلانىدىكى شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىش مەخسۇس پىدائىيلىرىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى، 2600 دىن ئارتۇق غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەرگە بېرىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  يولغا چىقىش مۇراسىمىدىن كېيىن، غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا قاتناشقان پىدائىيلار ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق ئارزۇسى ھەققىدە كەڭ- كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، پىدائىيلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، غايە - ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭ زېمىنىغا ياشلىقى، ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچ- قۇدرىتىنى بېغىشلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، غەربىي رايون پىلانى شىنجاڭ مەخسۇس خىزمىتىنى چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. پىدائىيلارنى پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، تۆھپە يارىتىپ ۋە ئىگىلىك تىكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا پىدائىيلارنىڭ بەش ۋەكىلى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، ئۇلارنىڭ سۆزىدىن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش جاسارىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، ياشلىق ۋە تۆھپە قوشۇش قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2003- يىلىدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرىدىن كەلگەن 18 مىڭدىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىيسى شىنجاڭدا پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل