ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببەت تەڭرىتاغنى ئىللىتتى

− داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

مۇخبىرىمىز گاۋ ۋا

2018.07.27 15:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇرلار پامىر ئېگىزلىكىگە قايتا بارغاندا، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تىزناپ يېزىسىدىن كەلگەن دادىلشاھ مايىل شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇرلارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ: شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇرلار قىزىمنىڭ پۇتىنى داۋالاپ ساقايتىپ، ئائىلىمىزگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، دېدى. بۇ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق داۋالاش بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىدىكى بىر كۆرۈنۈش.

  2016- يىلىدىن بۇيان، لياۋنىڭ، خۇنەن، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، جياڭسۇ، تيەنجىندىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە، شەھەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى تۈركۈمدە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق داۋالاش بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە 339 مۇتەخەسسىس ئەۋەتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى، بىڭتۈەن 1- شىسى قاتارلىق جايلاردىكى سەككىز مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللىدى. «يەككە جەڭ قىلىش»تىن «ئۆمەك تەشكىللەپ جەڭ قىلىش»قىچە، «قان ۋە ئوكسىگېن بېرىش»تىن «قان ھاسىل قىلىپ، ئوكسىگېن ئىشلەش»كىچە، شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ياردەمگە ئېرىشكەن دوختۇرخانىلارنىڭ بۆلۈم قۇرۇلۇشى ۋە داۋالاش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، 780 دىن ئارتۇق دوختۇرغا قوشماقلىشىپ ياردەم بەردى ۋە ئۇلارنى يېتەكلىدى، 236 مىڭ ئاغرىق (قېتىم)نى دىياگنوز قويۇپ داۋالاپ، 27 مىڭ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدى، 1100دىن كۆپرەك يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرنى قانات يايدۇردى. داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

    دوختۇرخانا ئارقىلىق بۆلۈملەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، باشلامچى بۆلۈملەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش

  7- ئاينىڭ 24- كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگىنىگە بەش يىل بولغان ياش دوختۇر گۈلنار ئابلا مۇنداق دېدى: بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دوختۇرلارنىڭ سەۋىيەسى ئۆستى، دوختۇرخانىنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېزلەشتى. بۇ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.

  خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر 3A دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ 80 يىللىق تارىخقا ئىگە دوختۇرخانا تەرەققىياتنىڭ باھارىنى كۈتۈۋالدى.

  بۇ يىل 1- ئايدا، تيەنجىن شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىلەن ياردەم بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، تيەنجىندىكى 3A دەرىجىلىك 11 دوختۇرخانا بۇ دوختۇرخانا بىلەن «دوختۇرخانا ئارقىلىق بۆلۈملەرنى ھۆددىگە ئېلىش» ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى تەرەپنىڭ «دوختۇرخانا ئارقىلىق بۆلۈملەرنى ھۆددىگە ئېلىش»نى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  تيەنجىن شەھەرلىك تيەنجىن دوختۇرخانىسى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى لابوراتورىيە بۆلۈمى بىلەن «دوختۇرخانا ئارقىلىق بۆلۈملەرنى ھۆددىگە ئېلىش» ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى، تيەنجىن دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر تېخنىكى، باش مۇتەخەسسىسى ياڭ جۈن خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى لابوراتورىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

  بىر دوختۇرخانا بىر بۆلۈمگە باشلامچىلىق قىلىدۇ، بىر ئىختىساس ئىگىسى بىر بۆلۈمگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بىر بۆلۈم بىر توپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى لابوراتورىيە بۆلۈمى پەن قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش سەۋىيەسى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سۈپەتلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ياڭ جۈن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: بەش يىل ئىچىدە، بۆلۈمىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدا تېخنىكا سەۋىيەسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە كىلىنىكىلىق تەجرىبە مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كامالەتكە يەتكەن تېخنىكا مۇلازىمىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىمىز.

  7- ئاينىڭ 19- كۈنى، جۇڭشەن داشۆسى قارىمىقىدىكى قەشقەر دوختۇرخانىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىدا ۋىۋىسكا ئاستى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى جۇڭشەن داشۆسىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى سىرتىدا تەسىس قىلغان بىردىنبىر تارماق دوختۇرخانىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭشەن داشۆسى داۋالاش تېخنىكىسى، باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە پەن تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردە بۇ دوختۇرخانىغا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىن 22نى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بۆلۈم قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمدىن 25نى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇنجى تېببىي پەنلەر پوستدوكتور خىزمەت پونكىتىنى قۇرۇپ، دوختۇرخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى تېز ئاشۇردى ھەم ئاساسىي قاتلام داۋالاش- سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا بولغان تېخنىكا جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  يېقىندا پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىلىق شىپاخانىدا 71 ياشلىق ئاغرىق ئابا پولات «يۆشىن» رەقەملەشكەن ئۇچۇر سۇپىسى − «دۇنيا تەسۋىرى» بۇلۇت داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلارنىڭ يىراقتىن دىياگنوز قويۇشىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئاغرىپ قالساق ناھىيەگە، ھەتتا قەشقەر شەھىرىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتەتتۇق، يول يىراق، چىقىممۇ كۆپ كېتەتتى، ھازىر يېزىدىن چىقماي تۇرۇپلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلارغا كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان بولدۇق.

    ياخشى مايسىلارنى يېتىشتۈرۈپ، مەڭگۈ كەتمەيدىغان داۋالاش ئەترىتى قۇرۇش

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، 20 يىل دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان قادىرجان مۇسا داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى كەسپىي ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق پۇرسەت، دەپ بىلىدۇ.

  2016- يىلىدىن باشلاپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن كەلگەن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىدىن ليۇ شياڭ، يې ۋېنشۆ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قادىرجان مۇسا بىلەن ئۇستاز- شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، بۇنىڭ بىلەن، قادىرجان مۇسانىڭ كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. ھازىر ئۇ نۇرغۇن يۈرەك ئوپېراتسىيەلىرىنى مۇستەقىل قىلالايدىغان بولدى، بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق ئوپېراتسىيەلەرنى قىلىپ باقمىغانىدى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىدا قادىرجان مۇساغا ئوخشاش ئۇستاز- شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق يېتىشىپ چىققان دوختۇردىن يەنە 30 نەچچىسى بار.

  «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، «كوللېكتىپ كوللېكتىپنى يېتەكلەش»، «مۇتەخەسسىسلەر تايانچلارنى يېتەكلەش»، ئىچكىرىدىكى دوختۇرخانىلارغا ئەۋەتىپ بىلىم ئاشۇرغۇزۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشتىن باشقا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى يەنە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرى بىلەن «ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش» كېلىشىمى ئىمزالاپ، نىشان، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى دىڭ چياڭ مۇنداق دېدى: «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق داۋالاش بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە، ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، داۋالاش- سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، يەرلىكنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسى سېلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك مەڭگۈ كەتمەيدىغان داۋالاش ئەترىتىنى قۇرغاندىلا، ئاممىنى ئۇزاققىچە يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ.

  2017- يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى قوبۇل قىلغان ئاغرىق 20 مىڭ 200 (قېتىم)گە، ئوپېراتسىيە 1505 قېتىمغا يېتىپ، 2016- يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10كە يېقىن ئاشتى، تېخىمۇ كۆپ ھەر مىللەت ئامما ئىشىكى ئالدىدىلا «جەنۇبىي جۇڭگودىكى داڭلىق دوختۇرلار»نىڭ ئەلا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ئادىلجان ھىمىتمۇ قادىرجان مۇساغا ئوخشاش شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمىدە تېز پىشىپ يېتىلدى.

  شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، ئۇستازلار يېتەكلەپ ئۆگىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دوختۇرخانىنىڭ كىلىنىكا بۆلۈمىگە داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئۇنىۋېرسال ئىختىساس ئىگىسىدىن تەخمىنەن 50نى يېتىشتۈرۈپ بەردى. ئادىلجان ھىمىت ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئادىلجان ھىمىت مۇنداق دېدى: شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېغىز بوشلۇقىغا چىش كۆچۈرۈپ سېلىش- ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۇنجى مەخسۇس بۆلۈمى قۇرۇلدى، مەن ھازىر چىش كۆچۈرۈپ سېلىش ئوپېراتسىيەسىنى ئۆزۈم مۇستەقىل قىلالايدىغان بولدۇم.

    ئىنچىكە باشقۇرۇش ئارقىلىق داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

  «نېمە ئۈچۈن كەلدىم، كېلىپ نېمە قىلىمەن، نېمىنى قالدۇرىمەن، نېمىنى ئېلىپ كېتىمەن»، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، چېڭ لياۋيۈەن ئىزچىل مۇشۇ سوئاللار ئۈستىدە ئويلاندى. چېڭ لياۋيۈەن جەنۇب تېببىي داشۆسى 3- تارماق دوختۇرخانىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىس بولۇپ، ھازىر ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ياردەمچىسى، داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، دوختۇرخانا باشقۇرۇش دوختۇرخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا خۇددى ئاپتوموبىلنىڭ تۆت چاقىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

  چېڭ لياۋيۈەن شىنجاڭغا يېڭى كەلگەندە، دوختۇرخانىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىنى تۈزدى. تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ، مۇناسىپ تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، «مېڭە سەكتىسى يېشىل كارىدورى» خىزمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىغا كېلىشتىن دورا ئىشلىتىشكىچە بولغان ۋاقتىنى 75 مىنۇتتىن 55 مىنۇتقا قىسقارتتى. ئۇ يەنە تەرتىپ ۋە باشقۇرۇشقا ئائىت 61 تۈرلۈك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي باشقۇرۇش ئارقىلىق رايون خاراكتېرلىك خەلقئارالىق داۋالاش مەركىزىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بەرپا قىلىشقا ئاساس سالدى. داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتنى ماس راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسى، سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، دوختۇرخانىنىڭ ئاغرىقلارنى يۆتكەپ داۋالاش نىسبىتى 2016- يىلىدىكى %8 تىن ھازىرقى %4 كە تۆۋەنلىدى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى مۇقىم ئاشتى. باشقۇرۇشمۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىنچىكە دوختۇرخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق داۋالاش بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يەرلىك ئاممىنى ھەقىقىي ياردەمگە ئېرىشتۈردى.

  «<ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى> ئارقىلىق داۋالاش بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شىنجاڭغا تېخنىكا جەھەتتىنلا ياردەم بېرىش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، دوختۇرلار، دوختۇرخانا باشقۇرغۇچىلىرى قاتارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم». دىڭ چياڭ بىلەن چېڭ لياۋيۈەننىڭ پىكرى بىر يەردىن چىققانىدى.

  بۇلتۇر 8- ئايدا، جياڭسۇ ئۆلكىلىك دوختۇرخانا بىرلەشمىسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دوختۇرخانا باشقۇرۇش كادىرلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، يەرلىكنىڭ داۋالاش- باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن سۇپا ھازىرلىنىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر