ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

بايىنبۇلاق گۈزەل ھۆسنى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

2018.07.12 22:03 مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

  بىر ساياھەتچى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدا ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: گۈزەل ياز ئايلىرىدا، خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق يايلىقى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان غايەت زور ياپيېشىل پايانداز كەبى بىپايان زېمىنغا سۇزۇلۇپ، تەبىئەتكە ھۆسىن قوشتى. ھەر خىل شەكىلنى ئەسلىتىدىغان پارچە ـ پارچە مامۇقتەك ئاپئاق بۇلۇتلار ساياھەتچىلەرنى ئەگىپ كۆپكۆك ئاسماندا لەرزان ئۈزسە، ئاققۇ كۆلى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە تەبىئەتنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئۇلارنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل