ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەت- دىن ئىشلىرى كومىتېتى دىن ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەكبەر ھامۇت

2018.07.10 23:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەن كىچىكىمدىن شىنجاڭدا ياشاپ، ھەر مىللەت ئاكا- ئىنى، ئاچا- سىڭىللارنىڭ قېرىنداشلارچە يېقىن ئۆتۈپ، تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان، جەمئىيەت ئىتتىپاق، ئىناق بولغان مەنزىرىگە شاھىت بولدۇم.

  «ئۈچ خىل كۈچ» مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇندى. مەن ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ھەرگىز مۈجمەل بولمايمەن، قورقۇنچاقلىق قىلمايمەن، يۇمشاق قوللۇق قىلمايمەن، قەتئىي يول قويمايمەن.

  باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قەتئىي توسىمەن. پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى تونۇتىمەن، شۇ ئارقىلىق كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشتەك جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىمەن.

  سىياسىي مەيدانىمنى چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئىرادە ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا تۆھپە قوشىمەن.

  تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، جەمئىيەت مۇقىم بولغان مەزگىلدە ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم، ئاسايىش تۇرمۇش كەچۈرگەن. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن؛ ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق جاي، ھەر قانداق ئىشتا شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، قەلبىمىزنىڭ باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ، چەمبەرچاس باغلانغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل