ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتېۋېنكو بىلەن كۆرۈشتى

2018.07.05 13:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئىيۇل تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 4- كۈنى خەلق سارىيىدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتېۋېنكو بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ماتېۋېنكوغا پۇتىن زۇڭتۇڭغا سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئايدا، زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، بىز بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىنغا جۇڭگونىڭ تۇنجى «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەردىم، بۇ ھەم جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مەن بۇ ئايدا جەنۇبىي ئافرىقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر كۆرۈشۈشكە تەقەززامەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ چوڭ دۆلەتلەر، قوشنا دۆلەتلەر ئالاقىسىگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. بۇ يىل ئىككى دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى مۇھىم سىياسىي قارالمىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ باي، قۇدرەتلىك بولۇشى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا پۇختا قەدەم باستى، شۇنداقلا جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاشقا پۇختا ئاساس سالدى. بىز ئىككى تەرەپنىڭ پىشىپ يېتىلگەن، مۇستەھكەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ ۋە قوغداپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قىلچە تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ئىشلار ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ھەمكارلىق ئورتاق قاراشلىرىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشىنىڭ ئالاقە مېخانىزمى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرتەرەپلىمە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈنۈملۈك قانۇن چىقىرىش مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپ يوللۇق ئالاقە سۇپىسى قۇردى. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق سىياسەت ۋە قانۇن مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، نازارەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى دوستلۇق ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ پۇختا ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسى سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ماتېۋېنكو زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، رۇسىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىيات ئىشقا ئاشتى. ھازىر ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بۇنىڭدا زور رول ئوينايدۇ. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ماسلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رۇسىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ چېن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل