ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ،بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

−ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسى توغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى توغرىسىدا

 مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل ناسىر، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نيۇ جىلۇڭ

2018.07.05 12:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسى توغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى ئامما ئۈچۈن قىيىن مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. كەنت ئاھالىلىرى: «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىزنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىمىز» دېيىشتى.

  قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يار- يۆلەك بولۇش

  توغراق كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى تەس بولۇش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى تار بولۇش مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا، خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلمايدىغان قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» تەلىپى بويىچە، تۈرلۈك تەربىيەلەش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ۋە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىبارەت ياخشى ھەمتۈرتكىلىك يېڭى ۋەزىيەتنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ياتاق، تاماق، تەربىيەلەش، پائالىيەت، تاللا بازار، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارى بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن «ئاغۇ يېزىلىق دېھقان ئىشلەمچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى»نى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ، شۇ يەردىكى كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىدى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  مەخمۇت ھېكىمنىڭ ئائىلىسىدە بەش جان بولۇپ، ئىككىلا ئەمگەك كۈچى بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ بىر ياخشى تۇغقىنىم بار، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ماڭا ۋە خوتۇنۇمغا خىزمەت ئۇقۇشۇپ بەردى، كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدى، بىزنىڭ تىرىشماسلىققا يەنە نېمە باھانىمىز بولسۇن؟

  بۇلتۇر ئۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنى، خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەنۋەر ئابدۇراخماننىڭ كۆپ تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاتۇش دېھقان ئىشلەمچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە كۆڭلىدىكىدەك خىزمەت تېپىۋالدى، خوتۇنى تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئاشخانىدا كۈتكۈچى بولدى.

  مەخمۇت ھېكىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئەر- خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ھازىرقى بىر ئايلىق ئىش ھەققىنى قوشساق 5000 يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ، بۇ، ئىلگىرىكى تېرىقچىلىق كىرىمىمىزدىن خېلىلا كۆپ، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، نامراتلىق قالپىقىنىمۇ تەلتۆكۈس چۆرۈپ تاشلىدۇق.

  خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى يەنە تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ماتا پىششىقلاش زاۋۇتىنى كىرگۈزۈپ، 100 دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئاساسنى پۇختىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش

  «يېزا پارتىيە تەشكىلاتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ 1- سېپىدىكى يادرولۇق كۈچ بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدا چوقۇم مۇستەھكەم، جەڭگىۋار قورغان بەرپا قىلىپ، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىشىمىز كېرەك»، دېدى ئەنۋەر ئابدۇراخمان.

  خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى «ئىشقا قاراپ ئىش ئورنى تەسىس قىلىش» خىزمەت تۈزۈمىنى بېكىتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى ئىش ئورنىغىچە نەقلەشتۈردى، شۇنداقلا «ئىش ئورنىغا قاراپ گۇرۇپپىغا ئايرىش» تەلىپى بويىچە، كەنتتە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى كۈچلەرنى گۇرۇپپىلارغا بىرتۇتاش سەپلىدى، كىچىك ئەترەتلەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ بىرلىشىپ «جەڭ قىلىپ»، ۋەزىپىنى ئادەمگىچە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئىش ئورنىغىچە بېكىتتى.

  خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى بارغانسېرى كۈچەيدى، كەنت ئاھالىلىرى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىغا ئەگىشىپ بىللە ئىشلىدى، تىرىشىش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىدى، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى كەنت پارتىيە تەشكىلاتىغا ئاكتىپ يېقىنلاشتى.

  بېيىش باشلامچىسى تۇرغۇن قاۋۇل خىزمەت ئەترىتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى ئۈچۈن ھەقىقىي ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىدىن تەسىرلەندى، ئۇنىڭ پارتىيەگە بولغان تونۇشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى.

  تۇرغۇن قاۋۇل مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۈگۈنكى ياخشى تۇرمۇشىمىزنى پارتىيە بەرگەن، مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، يۇرتداشلارنى باشلاپ بىرلىكتە بېيىشنى، توغراق كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».

  «قان بېرىش»نى «قان ئىشلەپچىقىرىش»قا ئۆزگەرتىش

  «ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»، دېدى ئەنۋەر ئابدۇراخمان.

  ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن 30 كادىر ئاغۇ يېزىسىدىكى ئۈچ كەنتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 40 تىن ئارتۇق نامرات ئائىلىگە قوشماقلىشىپ ياردەم بەردى. خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، قوشماقلاشقان كادىرلار نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئەنۋەر ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتى ئارقىلىق نامرات ئاممىغا بولغان تەشۋىق- تەربىيە، يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئۆزىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارزۇسى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پاسسىپ «قان بېرىش»تىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن «قان ئىشلەپچىقىرىش»قا ئۆزگەرتىپ، نامرات ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى چۈشىنىدىغان، قاتنىشىدىغان، قوللايدىغان ياخشى ھەمتۈرتكە ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردۇق. پەقەت ئاممىنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرسەكلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلالايمىز، جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل