ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاشتى، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە «تۇغقانلىشىش» ئەلگە نەپ يەتكۈزۈپ، قەلبلەرنى ئىللىتتى

− شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ بىڭ، فۇ شياۋبو، دۇ گاڭ

2018.07.03 12:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ «يۈفېڭلىڭ» كىيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدە قۇرغان ھەمراھ زاۋۇت 2017- يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
    سۈرەتتە: كەنت ئاھالىلىرى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى ھەمراھ زاۋۇتنىڭ كىيىم- كېچەك تىكىش سېخىدا ئىشلىمەكتە. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)
  پىژغىرىم ياز كۈنلىرىدە، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان گۈزەل شىنجاڭ ئالتۇن ساياھەت پەسلىگە كىردى. تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق دەم ئېلىشتىلا شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون 540 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %95 ئاشتى؛ ساياھەت ئىستېمالى 3 مىليارد 210 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.

  گۈللىنىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ساياھەتچىلىك يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا جەمئىيىتىنىڭ تىنچ بولغانلىقى، ئىقتىسادنىڭ گۈللەنگەنلىكىنىڭ كارتىنىسى بولۇپ قالدى. مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور سىياسەت ۋە فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈردى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىلەر خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

    كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۇرغۇتتى

  شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «1- كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2- كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، 3- كەسىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئىسلاھات تەپەككۇرىنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بۇلۇت ھېسابلاش، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  «12- بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ ئېلىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «رۇيى»، «خۇافۇ» ۋە «خۇڭدۇ» قاتارلىق توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا رويخەتكە ئېلىنغان توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كارخانىسى 2703كە، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 46 مىليارد 850 مىليون يۈەنگە، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 10 مىليارد 801 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %20.3 ئاشقان. شىنجاڭدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىدە 2014- يىلىدىن بۇيان جەمئىي 350 مىڭدىن كۆپرەك كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان.

  بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، شىنجاڭدا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.9، سانائەت ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى %14 ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۆ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يارقىن نۇقتىسى شۇكى، بىر تەرەپتىن، پولات- تۆمۈر ۋە سېمونت قاتارلىق قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەدرىجىي چېكىندى، يەنە بىر تەرەپتىن، جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، تۆمۈر يول ۋە ئاۋىياتسىيە قاتارلىق قاتناش، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا زىچ تور شەكىللەندۈرۈپ، ساياھەت، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى، ئالاقە تورى ئىستېمالى قاتارلىق 3- كەسىپنىڭ تېز تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە كۈتۈۋېلىنغانلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئىككى يىل %30تىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى؛ 2017- يىلى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 100 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئېشىپ، ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمالى 182 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %30تىن كۆپرەك ئاشتى.

  «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىنجاڭدىن 32 لىنىيەدە جەمئىي 1289 قېتىم جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، غەربكە قاتنايدىغان يۈك پويىزى قاتناپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82 ئاشتى؛ يۈك تىرانسپورت مىقدارى 802 مىڭ 70 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ، ياۋروپادىكى 13 دۆلەتنىڭ 41 شەھىرىگە يۈك توشۇلدى.

    نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش ئاممىنىڭ «ئېرىشىش تۇيغۇسى»نى ئاشۇردى

  شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىلا 22 ئېغىر نامرات ناھىيە بار. بۇلتۇر مەركەز ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، شىنجاڭ مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن جەمئىي 6 مىليارد 177 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %37 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە %80 مەبلەغ ئېغىر نامرات رايونلارغا ئاجرىتىلدى؛ نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلىدىن 4 مىليارد 523 مىليون يۈەن يېڭىدىن ئاجرىتىلدى، قەرز پۇل بېرىلىدىغان نامرات ئائىلىدىن 113 مىڭ 200ى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر سەرخىل قوشۇن ئاجرىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلغاندىن سىرت، ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  كارخانا ساھەسىدىكىلەرمۇ ھەرىكەتكە كەلدى. بۇلتۇر 16 مەركەز كارخانىسى 27 نامرات ناھىيەگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، 100 مىليون يۈەنگە يېقىن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ئاجرىتىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ 1666 پۇقراۋى كارخانا 830 نامرات كەنتتىكى 169 مىڭ 300 نامرات ئاھالىگە ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىدىن 634 مىليون يۈەن ئاجراتتى، جامائەت پاراۋانلىقى بويىچە نامراتلارنى يۆلەشكە 63 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلىندى.

  تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى سۇلۇق كەنتىدە نوپۇس كۆپ، يەر ئاز، مو بېشى مەھسۇلاتى تۆۋەن. 2016- يىلى، شۇ جايدىكى كادىرلار ئېشەك باقمىچىلىقى كارخانىسىنى جەلپ قىلىپ، كەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 220 نەچچە ئائىلىلىك دېھقاننى ئېشەك باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىدى. كەنت ئاھالىسى ئابلىمىت ئاۋۇت بەش ئېشەكنى ھەقسىز ۋاكالىتەن بېقىپ، بىر يىلدا 8000 يۈەن كىرىم قىلدى، بۇ، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى مۇھىم كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالدى.

  2017- يىلى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر 545 تۈرنى تەشكىللەپ يولغا قويدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 7 مىليارد 515 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈردە نامرات ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، داۋالاش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر شىنجاڭدا 317 مىڭ 400 ئاھالە، 331 نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى 2016- يىلىدىكى %15.51تىن %12.63كە تۆۋەنلىگەن.

    ئۆزئارا ياردەملىشىپ قەلبداش بولۇپ، ئىتتىپاقلىق كۈچەيتىلدى

  شىنجاڭ 2016- يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، ئۇلارنى قەرەللىك يوقلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن نامراتلارنى يۆلىدى ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بەردى، بۇنىڭ بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئىش- پائالىيەت بارلىققا كەلدى.

  شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى گاۋلۈجى ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسى كۇكاڭ كەنتىدىكى «ئىنىسى» ياسىنجان مەمەتنىڭ ئۆيىدە نەچچە كۈن تۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقان تامىقىنى يەپ، دېھقان ئۆيىدە ئۇخلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىشقا ياردەملىشىپ، ياسىنجاننىڭ ئائىلە ئەزاسىدەكلا بولۇپ قالدىم، بۇ يىل مەن ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىغا ياردەم قىلماقچى بولۇۋاتىمەن.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خۇنەنلىك كادىر جۇ باڭيۈ يېرىم ئايدا توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا يېزىسى توتەي كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئىبراھىم ئابلىزنىڭ 800 كىلوگىرام قۇرۇق ئۈزۈمىنى سېتىشىپ بەردى. ئىبراھىم ئابلىز مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن قۇرۇق ئۈزۈمنى تاشيول بويىدا ساتاتتىم، ئۈچ- تۆت ئايدىمۇ بۇنچىلىك كۆپ ساتالمايتتىم، خەنزۇ ئاكام توردا نەچچە كۈندىلا سېتىپ بولدى.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىش، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى ئاساسلىق تەدبىر سۈپىتىدە، شىنجاڭدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن جەمئىي 350 مىڭ ئادەم(قېتىم) ئىزچىل كۈچ ئۇلاپ كەنتتە تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى بارلىق مەمۇرىي كەنت ۋە مەھەللىلەرنى تولۇق قاپلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرى دۈەن شياۋيۈەن مۇنداق دېدى: بىز كۈندۈزى كەنتنىڭ خىزمەتلىرى بىلەن ئالدىراش بولىمىز، كەچتە تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىدە قونىمىز، بىر قازاننىڭ تامىقىنى يەيمىز، بىر چەينەكنىڭ چېيىنى ئىچىمىز، تۈزۈت قىلىشمايمىز، يۈرەك سۆزلىرىمىزنى ئېيتىشىمىز، مېھرىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2- ئىيۇل تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر