ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 31- نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2018.07.02 16:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئىيۇل تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ماۋرىتانىيە پايتەختى نوۋاكشوتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 31- نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، يىغىن ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئافرىقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىدىكى بايراق. ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى پائال ئىلگىرى سۈردى، ئافرىقا دۆلەتلىرى چوڭ- چوڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە داۋاملىق بىر خىل ئاۋازدا سۆزلەپ، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل 9- ئايدا جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىن «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش»نى باش تېما قىلىدۇ، جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسىنى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ «2063- يىلىغىچە بولغان قارالمىسى» ھەم ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. مەن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىللە بېيجىڭدا تەنتەنىلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو- ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر