ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يېڭى دەۋرنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىنى تىكلەش

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

2018.07.02 16:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  89 مىليون 564 مىڭ − بۇ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ سانى.

  قۇرۇلغىنىغا 97 يىل، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە 70 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى، ئەزاسى 60قىمۇ يەتمەيدىغان يېڭى پارتىيەدىن 89 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار دۇنيادىكى 1- چوڭ پارتىيەگە ئايلاندى، ئىنقىلاب ئۇرۇقىنى چاچقان كىچىك قىزىل كېمىدىن زورىيىپ گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەيۋەتلىك غايەت زور پاراخوتقا ئايلاندى، قانداق كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىشىغا، زورىيىشتىن قۇدرەت تېپىشىغا تۈرتكە بولدى؟

  قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغ چوققىسىنى ھەيۋەتلىك تاغ گەۋدىسى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ بىر پارتىيەنىڭ گۈللىنىشىدە كۆتۈرەڭگۈ روھ ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.

  ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ماددىي ئاساس بەرپا قىلىپلا قالماي، يەنە مەنىۋى ئاساسمۇ بەرپا قىلىش كېرەك.

  بۇ، يېڭى دەۋردە باش شۇجى شى جىنپىڭ چىقارغان بۇيرۇق −

  «پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئىنقىلابىي روھ ۋە ئىنقىلابىي جەڭگىۋارلىقنى ساقلاپ، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ 97 يىل ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى باتۇرلۇق بىلەن داۋاملاشتۇرۇشى شەرت».

    ئۆزىمىزنىڭ ئىنقىلابچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى − تارىخىي بۇرچ ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىنقىلابچىلارغا خاس خىسلەتنى ساقلاپ، تاغنى تالقان قىلىدىغان ئۇلۇغ روھنى ئۇرغۇتۇشى شەرت

  جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يۇڭشىن ناھىيەسىدە، 32 ياشلىق شىڭ لېي يۇرتداشلىرى بىلەن يەرلىك شېۋىدە شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. بۇلتۇر ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا سەنۋەن يېزىسى نامراتلىق قالپىقىنى يېڭىلا چۆرۈپ تاشلىغانىدى. خۇبېي ئۆلكىسىدىن كەلگەن بۇ ياش يېزىلىق پارتكوم شۇجىسىنىڭ «يۇرتداشلارنىڭ ھاللىق تۇرمۇشقا يەتكەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن»، بۇ يەردە يىلتىز تارتقىنىغا توققۇز يىل بولغانىدى.

  بۇنىڭدىن 90 نەچچە يىل ئىلگىرى، دەل مۇشۇ جايدا سەنۋەندىكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ئارقىلىق يېڭى قوشۇن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار قەلبىگە ئاددىي، ئەمما مۇستەھكەم بىر ئېتىقادنى پۈككەنىدى، ئۇ بولسىمۇ: ئىنقىلاب قىلىپ نامراتلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  زامان ۋە ماكان ئۆزگەرسىمۇ، روھ مەڭگۈ داۋام ئېتىدۇ. ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئىزلىرى تارىخ سەھىپىسىگە ھەيۋەتلىك خىتابنامىنى يېزىپ قالدۇردى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش.

  2020- يىلىغا بارغاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 1000 يىلدىن بۇيان ئىنتىلگەن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسى ئىشقا ئاشىدۇ. يەنە ئىككى 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىياپىتىدە دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرىدۇ.

  بۇ، سانسىزلىغان كىشى كۈرەش قىلىپ قۇربانلىق بەرگەن، ئىنتىزار بولغان تەسىرلىك مەنزىل، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلىسىز ئۇلۇغۋار ئىش.

  بۇ ئۇلۇغ تارىخىي بۇرچنى زىممىمىزگە قانداق ئېلىشىمىز كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: ئۆزىمىزنىڭ كوممۇنىست ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى، بىز ئىنقىلابچى، ئىنقىلابىي روھىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.

  «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن». ئىنقىلابىي روھقا قىلىنغان خىتاب جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە باشتىن- ئاخىر جاراڭلاپ كەلدى.

  بۇنىڭدىن 60 نەچچە يىل ئىلگىرى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ يېڭى دەۋرىنى كۈتۈۋالغاندا، يولداش ماۋ زېدۇڭ پۈتۈن پارتىيەگە مۇنداق چاقىرىق قىلغانىدى: «ئىلگىرىكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئاشۇ جاسارەتنى، ئاشۇ ئىنقىلابىي قىزغىنلىقنى، ئاشۇ جان تىكىپ كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، ئىنقىلابىي خىزمەتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرايلى».

  بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن دەسلەپكى چاغلاردا، «تىنچ تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان بۇ ئىنقىلابنىڭ ئىلگىرىكى ئىنقىلابلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ جاپالىق ئىكەنلىكىنى» ئېنىق تونۇپ يەتكەچكە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرگە: پىداكارلىق بىلەن يول ئېچىش كېرەك، دەپ مەدەت بەرگەن.

  ھازىر نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن «ئىنقىلاب» دېگەن سۆز يات بولۇپ قالغاندەك، «ئىنقىلابىي روھ» خۇددى ئۆتمۈشكە تەۋە بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. ھالبۇكى، ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟

  بېيجىڭ، دۆلەت مۇزېيى. «ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە» ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ھەيۋەتلىك كىتاب تېمىغا ھەرقايسى مەزگىلدىكى، ھەرقايسى دۆلەت تىلىدا نەشر قىلىنغان ئوخشاش بولمىغان نۇسخىدىكى يۈزلىگەن- مىڭلىغان «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» تىزىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن ھەقىقەت كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر چەكسىز ھاياجانغا چۆمگەنىدى.

  «ئىنقىلاب تارىخنىڭ پاراۋۇزى». ماركسىزم مۇنداق قارىغان: ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زىددىيەتلىك ھەرىكىتىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇ نوقۇل كونا سىياسىي ئۈستقۇرۇلمىنى پاچاقلايدىغان ئىجتىمائىي ھەرىكەت بولۇپلا قالماي، بەلكى يېڭى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ھەرىكىتىدۇر، ئىنقىلاب «ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە سىياسىي تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك موتورى».

  پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، ئىنقىلابىي روھ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى غالىبىيەت ئەڭگۈشتەرى، شۇنداقلا كوممۇنىستلارنىڭ ئەڭ يارقىن مەنىۋى بەلگىسىدۇر. ئىنقىلابىي روھ بولمىسا، ئىنقىلابىي ھەرىكەت بولمايدۇ، ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىمۇ بولمايدۇ. يېڭى دەۋردە پارتىيەمىز ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇلۇغ تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش ئۈچۈن، جەزمەن قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلابىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تاغنى تالقان قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

  شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋۇچى ناھىيەسى نەنگۇ كەنتى. بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرىكى سۈرەتتە بۇ يەر قاقاسلىق ئىدى. نەنگۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پېشقەدەم شۇجىسى يەن جىشيۇڭ كەنت ئاھالىسىنى باشلاپ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، «تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشتىكى 1- ناھىيە»نىڭ «يېشىل ئىنقىلاب» ئاۋانگارتى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان ئەڭ يېڭى سۈرەتتە ۋۇچى ناھىيەسى پۈتۈنلەي يېشىللىق بىلەن پۈركەنگەنىدى. ھالبۇكى، نەنگۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېڭى شۇجىسى بەي تاۋ كۈچ ئۇلاپ، كەنتتىكىلەرنى باشلاپ تاغ باغرىدا مېۋىلىك باغ بەرپا قىلىپ، سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ، تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن ھاللىق جەمئىيەتكە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ...

  چۆللۈكتىن بوستانلىق بەرپا قىلىشقىچە، نامراتلىقتىن بېيىشقىچە، گاڭگىراپ قېلىشتىن تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولۇشقىچە، مەسىلە كۆپ بولۇشتىن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقىچە... بۈگۈنكى جۇڭگو قۇربان بولغان قەھرىمانلار ئارزۇ قىلغاندەك «ھەممىلا يەردە قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىجادىيەت، ھەممىلا يەردە كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئىلگىرىلەش بولماقتا».

  «كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئوتىدا بارلىققا كەلگەن بۇ قىزىل ناخشا تاكى ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە. ناخشىنىڭ ئىسمىدىكى «يېڭى» دېگەن سۆزنى يولداش ماۋ زېدۇڭ ئالايىتەن قوشۇپ قويغانىدى. كونا دۇنيانى پاچاقلاپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش − مانا بۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىشتەك ئىنقىلاب گېنى.

  ئىنقىلاب قىلمىغۇچە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، روھ بولمىسا، ئىشلاردا يېڭىلىق ياراتقىلى بولمايدۇ. بىز ئالدىنقىلار مېڭىپ باقمىغان يول ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز ۋە ئۇنى ئېچىۋاتىمىز. يېڭى قەدەم تاشلاش ئۈچۈن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش غەيرىتى بولۇشى؛ ھەربىر يېڭى پەللىگە چىقىش ئۈچۈن ئۆز- ئۆزىدىن ھالقىيدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك. ئىنقىلابىي روھ بىلەن ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى ئىنقىلاب نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرگەندە، ئۇنىڭدىن ئۇرغۇغان مەنىۋى كۈچ ھەممىدە غالىب كېلىدۇ، ھەممە يەردە غەلىبە قىلىدۇ.

  «بىز كۆتۈرەڭگۈ روھنى مەڭگۈ ساقلاپ، مەڭگۈ خەلقنىڭ چاكىرى، دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشىمىز كېرەك». بۇ، چوڭ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋرگە يۈزلىنىشتىكى ئىشەنچىسى ۋە ئاڭلىقلىقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشقا ئىرادە تىكلەشتىكى مەردانە خىتابنامىسى.

    يول تۈپتۈز، داغدام بولمايدۇ − خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى شۇنداق بىر خىل غەيرەت، شۇنداق بىر خىل جاسارەت بىلەن يېڭى ئۇلۇغ كۈرەشكە ئاتلىنىشى كېرەك

  ماركس مۇنداق كۆرسەتكەن: ئەگەر كۈرەش ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى كەلگەن شارائىتتىلا ئېلىپ بېرىلسا، دۇنيا تارىخىنى يارىتىش بەكمۇ ئوڭاي بولغان بولاتتى.

  ئۈچ يىلمۇ ۋاقىت قالمىدى، يەنە 30 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلمىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نامراتلار ئىچىدىكى ئەڭ نامراتلار، قىيىنچىلىقى بارلار ئىچىدىكى قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىرلار؛ ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى، سۇنىڭ بۇلغىنىشى ۋە تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلارنى جىددىي تۈزەش كېرەك؛ پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىدىيە ساپ بولماسلىق، تەشكىل ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنغىنى يوق. خەلقئارادا بىر تەرەپلىمىلىك، سودا قورۇقچىلىقى ۋە دۇنياۋىلىشىشقا قارشى يول تۇتۇش ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالماقتا...

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۇچ كەلگەن «مەسىلىلەر تىزىملىكى»دە، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلار تېخىمۇ مۇرەككەپ. دۆلەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش نۇرغۇن خەۋپ- خەتەرگە دۇچ كەلدى، ئۈچ چوڭ جەڭ چىش ئۆتمەيدىغان «قاتتىق سۆڭەك». دۇنيا ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇرماقتا، ئېنىقسىزلىق كۆپەيمەكتە. پارتىيە ئەھۋالىدىن قارىغاندا، «تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خەۋپ» يەنىلا گەۋدىلىك.

  ئۇلۇغ ئىشنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ ھەققانىي ھەم بۈيۈك بولغانلىقىدىن باشقا، يەنە بۇ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، شۇنىڭغا مۇقەررەر ئەگەشكەن غايەت زور قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن چوقۇم غالىب كېلىش كېرەك بولغانلىقىدا.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۈلپەت ئېڭى بىلەن، پۈتۈن پارتىيەگە ئۇلۇغۋار غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۈپتۈز، داغدام يولنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى. «بىزنىڭ يەنە نۇرغۇن <قارلىق تاغ>، <ئوتلاق>لاردىن ھالقىشىمىزغا، يەنە نۇرغۇن <لوۋشەنگۈەن> ۋە <لازىكوۋ>لارنى بويسۇندۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ»، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا- دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. «پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، زور خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، زور خەۋپ- خەتەرنى توسۇپ، زور توسالغۇنى يېڭىپ، ئۆتكۈر زىددىيەتنى ھەل قىلىشى كېرەك».

  كىشىلىك تۇرمۇش يولى ئەگرى- توقاي بولىدۇ.

  بۇ مۇساپىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جاپا- مۇشەققەتتە تەرەققىي قىلىپ زورايدى. پارتىيەنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان لى داجاۋ مۇنداق دېگەنىدى: «بەزىدە جاپا- مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇغا دۇچ كەلگىنىمىزدە، جەسۇرانە روھقا تايىنىپ ئۇلارنى يەڭدۇق». كوممۇنىستلارنىڭ كۈرەش مۇساپىسىگە ئەگىشىپ، ئىنقىلابىي روھ مەشئەلگە، نۇرلۇق چىراغقا ئوخشاش ئىلگىرىلەش يولىمىزنى باشتىن- ئاخىر يورۇتۇپ، ئىرادىدىن قايتمايدىغان، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان ئۇلۇغ كۈچنى ئۇرغۇتتى.

  مىسلىسىز مۇشەققەتلىك جىڭگاڭشەن كۈرىشى ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 قەھرىمان قۇربان بولغان. 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەردە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 300 مېتىر ئىلگىرىلىگەندە بىر قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى قۇربان بولغان.

  قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ، جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقماي، ئىنقىلابچىلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىنى تىكلەش كېرەك، بۇ دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرى چاقناتقان «دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش نۇرى».

  قىزىل كېمە روھىدىن باشلانغان، ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ ئوتىدا تاۋلانغان جىڭگاڭشەن روھى، ئۇزۇن سەپەر روھى، يەنئەن روھى، تەيخاڭشەن روھى، قىزىل قىيا روھى، شىبەيپو روھى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، لېي فېڭ روھى، تۆمۈر ئادەم روھى، جياۋ يۈلۇ روھى، قىزىلبايراق ئۆستىڭى روھى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن شياۋگاڭ روھى، ئالاھىدە رايون روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھى... ئۈزلۈكسىز سوزۇلغان، ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن بۇ روھ ئەزىم دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ئېگىزلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

  يېڭى پەللىدە يېڭى ئۇلۇغ كۈرەشنى باشلىدۇق، بىز ھازىر نېمىگە تايىنىپ خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، داۋاملىق يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىمىز؟ جاۋابى يەنىلا ئىنقىلابىي روھ.

  روھىي ئۇرۇق بىخلانسىلا قورام تاشنى كۆتۈرەلەيدىغان كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى يېڭى روھنى ئۇرغۇتتى. «بىرىمۇ چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ» دېگەن ئىرادە بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز؛ تاغقا يولۇققاندا يول ئاچىدىغان، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سالىدىغان شىجائەت بىلەن، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىمىز؛ «ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا تۆھپە ماڭا مەنسۇپ بولمىسىمۇ بولىدۇ» دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇۋاتىمىز؛ «ئوپېراتسىيە پىچىقى»نى ئېلىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتى بىلەن، «يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ تەڭ زەربە بېرىپ»، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاۋاتىمىز؛ «كۆك ئاسماننى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن» دەيدىغان ئىرادە بىلەن، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز...

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە رەزىللىكنى جازالاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق، جاسارىتىدىن قايتماسلىق، ئىرادىدىن يانماسلىق، روھنى سۇسلاشتۇرماسلىق كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان نۇرغۇن روھ يوشۇرۇنغان.

  بۇ بىر خىل باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىدىن كېچىدىغان تۆھپە قوشۇش روھى. پەۋقۇلئاددە چوڭ كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، پەقەت بىر قېتىملا ھايات قېلىش پۇرسىتى چىققاندا، خۇنەن ئۆلكىسى مىلو شەھىرى سەنجياڭ بازىرى خۇاچياۋ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى دايۈەن بۇ پۇرسەتنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەردى، كەنت ئاھالىلىرى ئاڭلىغان ئۇنىڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز سۆزى «مەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەن باراي»، دېگەن سۆز بولدى. گۈيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ زۈنيى شەھىرىدىكى «90- يىللاردا تۇغۇلغان»، نامراتلارنى يۆلەش كادىرى شۈ مېينىڭ ئۈندىداردىكى «قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىمەن، ئۆزۈمنى تەسىرلەندۈرگىچە چىڭ تۇرىمەن» دېگەن ئىمزاسى كىشىلەرنى مەڭگۈ تەسىرلەندۈرىدۇ، 25 ياشتا ئاخىرلاشقان ياشلىق باھارى نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئەگرى- توقاي يولدا مەڭگۈلۈك ئىلگىرىلەش يول بەلگىسى بولۇپ قالدى...

  بۇ بىر خىل ئىرادىدىن قايتمايدىغان زىممىگە ئېلىش روھى. جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى جىنپىڭشەن تېغى تونېلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاغ چوققىسىغا 2400 مېتىر كېلىدىغان جايدىكى قېلىن تاغ جىنسلىرى ئالەم نۇرىنى توسۇپ قالغان، شۇنداقلا ئوتتۇرىچە يېشى 30غىمۇ يەتمەيدىغان كوللېكتىپنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىمۇ توسۇپ قالغان. ئۇلار قاراڭغۇدا «ئۆڭكۈر ئادىمى» بولۇشقا رازى بولۇپ، دۇنيادا قاراڭغۇ ماددىنى ئىزدەش ساھەسىدە «يورۇقلۇق»نى ئىزدىدى. جۇڭگو ئالەم قاتنىشى دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىرلىق مەشىقى ئۆيىدە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان مەركەزدىن قاچما ماشىنىدا ئېغىرلىق كۈچىنىڭ سەككىز ھەسسە تېزلىنىشىگە 40 سېكۇنت بەرداشلىق بېرىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يۈز مۇسكۇلىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىدۇ، ھەتتا سېزىمىنى يوقىتىدۇ. 20 يىلدىن بۇيان، بىرمۇ ئالەم ئۇچقۇچىسى توختىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ باقمىدى. قەلبىگە بۇرچنى پۈككەچكە، ئۇلار ھەققانىيەت يولىدىن قايتمىدى...

  «دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن دەسسەپ ئۇنى». گۈيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ زۈنيى شەھىرىدىكى لۇشەن ئۆتكىلىدە، ئەينى يىللىرى قىزىل ئارمىيە قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي بۇرۇلۇشىنى كۈتۈۋالغان. گۈيجوۋ بىلەن چۇڭچىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» بولغان بۇ مۇنبەت زېمىن ھازىر تىرىشىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىگە كىردى. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭخەن شەھىرى ئىلگىرى باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، خەلق گۇڭشېسى تۈزۈمىدە باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېزا ئىسلاھاتى ساداسىنى ئالدى بىلەن ياڭراتقان. ھازىر، «كوللېكتىپ مۈلۈك پاي تۈزۈمى» ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىسلاھاتىدا بۆسۈپ يول ئاچماقتا.

  بىپايان جۇڭگو زېمىنىدا، جاسارەت بىلەن يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، يېڭى ئىنقىلاب ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىشتەك يېڭى دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك سىمفونىيەسى ياڭرىماقتا.

  روھ مەشئىلى قولدىن قولغا ئۆتۈپ، كۈچى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى. 97 يىلدىن بۇيان ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىدى، تارىخنىڭ ئىزى زامان- ماكاندىن ھالقىپ، كەلگۈسىدىن دېرەك بەردى − «بىز ھەر قانداق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جەزمەن يېڭىپ، جۇڭگونىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز».
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر
【1】 【2】  كېيىنكى بەت