ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

پارتىيە بايرىقى تەڭرىتاغدا جەۋلان قىلماقتا

«تايانچ» بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى

− يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز شيا چىڭ

2018.07.01 16:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى «تايانچ». يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتىدىن ئىبارەت ئۆتمۈشتىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت ھازىر دۆلەت تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان ئۈلگىلىك كەنت» دەپ باھالاندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى گۈزەللەشتى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى بېيىدى، پۈتكۈل كەنت تولۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى... بۇ ئۆزگىرىشلەر كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قەيسەر، كۈچلۈك بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە قەدەمنى پۇختا ئېلىشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت قائىدىنى دەلىللىدى.

    پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، بەنزىنى كۈچەيتىش

  6- ئاينىڭ 24- كۈنى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى تۇنساگۈل ئۇرايىمغا نىسبەتەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن، شۇ كۈنى ئۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. ھازىر خوراتاغ يىپەك يولى قەدىمىي كەنتى نانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى بولغان تۇنساگۈل ئۇرايىم چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى قانداقلىكى ياخشى ئىش بولسا، ئالدى بىلەن ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسىنى ئويلايدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم، مەنمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

  خوراتاغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈ: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تەشكىللىك گۈللەندۈرۈش تۈپ كاپالەت، دېدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوراتاغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى باشتىن- ئاخىر پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، بەنزىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «يۇلتۇزلۇق دەرىجە» بەرپا قىلىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. ياچېيكىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «8+X باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى»نى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كادىرلار دائىرە بويىچە ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار ئىشلەشتە، جاپادا ئالدىدا مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، پۈتۈن كەنتنىڭ خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

  خوراتاغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شاۋ گوپىڭ مۇنداق دېدى: بىز بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىرگە بىر» ئالاقىلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلدۇق، باش قوشۇش يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى، ئۆگىنىش- تەربىيە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەجرىبە، تەپەككۇر، ئۇسۇلنى يۈزتۇرا ئۆگىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خوراتاغ كەنتىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 2013- يىلىدىكى ئاز كەم 3000 يۈەندىن بۇلتۇرقى 15 مىڭ 200 يۈەنگە يېتىپ، كەنت بويىچە تولۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىشلىيەلەيدىغان، ئىشلەشنى بىلىدىغان، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان بۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى كەنت ئاھالىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى ھەم كەنت ئاھالىسىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

  ليۇ يۈ مۇنداق دېدى: بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق، بىز ھەسسىلەپ تىرىشىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خوراتاغ كەنتىنى سوتسىيالىستىك يېڭى كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

    يېزا- كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش

  خوراتاغ كەنتىگە بارسىڭىز، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭلەر تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان، ئاسفالت يوللار تەكشى بولۇپ، ھەر تەرەپكە سوزۇلغان، ئەمىن ئۆيلەر رەتلىك، كۆركەم بولۇپ، ھەممە يەردە ئىناق مەنزىرە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.

  خوراتاغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى كېرەم خالىق خۇرسەن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەنت يولى بويىدا يىل بويى ئەخلەت دۆۋىلىنىپ تۇراتتى، يامغۇرلۇق كۈنلەردە كەنتنىڭ ھەممىلا يېرى پاتقاق بولۇپ كېتەتتى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ھازىر كەنتتە ھاجەتخانىلار سېلىندى، ئەخلەت ساندۇقى قويۇلدى، يەنە كەلكۈن سۈيىنى باشلاش ئۆستىڭى ياسالدى، مۇھىت ياخشىلاندى، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى.

  كەنت ئاھالىسى نۇرنىساخان ئىسمايىلنىڭمۇ ئىلگىرى كېرەم خالىققا ئوخشاش باش قېتىنچىلىقى بار ئىدى. نۇرنىساخان ئىسمايىل مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىز ئۆيىمىزدىن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇلاقتىن سۇ ئەكىلىپ ئىچەتتۇق، يول ياخشى بولمىغاچقا، ئۆيگە كەلگۈچە چېلەكتىكى سۇ تۆكۈلۈپ يېرىمى قالاتتى. ھازىر ئۆيلەرگە تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلدى، بەكلا قولايلىشىپ كەتتى.

  خوراتاغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات تەپەككۇرىنى پىلانلاپ، كۈچنى گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇشقا قاراتتى. ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، خوراتاغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى كۆپ تەرەپنىڭ مەبلىغىنى ماسلاشتۇرۇپ، كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك كۆكەرتىش، مۇھىتنى تۈزەش قاتارلىقلارغا ئىشلەتتى، تۈر 77گە يەتتى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، كەنت ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دېھقان سازەندىلەر ئەترىتى، دېھقانلار ئۇسسۇل ئەترىتى، دېھقانلار خور ئەترىتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، ھەر ھەپتىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى بۇنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى.

  ھازىر خوراتاغ كەنتىدە زامانىۋى توپ مەيدانى ۋە مەدەنىيەت مەيدانى بار، كەنت يوللىرىغا يەنە قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىلغان، يەسلى، شىپاخانا قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر تولۇق.

  نۇرنىساخان ئىسمايىل مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتىمىز گۈزەللەشتى، كۆپچىلىك تەستە قولغا كەلگەن بۇ نەتىجىلەرنى ناھايىتى قەدىرلەۋاتىدۇ، مەيلى كىملا كۆرمەيلى مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنى توسىمىز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلى بىر- بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

    كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، ئورتاق بېيىش

  6- ئايدىكى خوراتاغ كەنتى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋالدى، بۇ يەرگە ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچى ئارام ئېلىش ۋە سالقىنداش ئۈچۈن كېلىدۇ. كۆپكۆك ئاسمان، ساپ ھاۋا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەززىلىك ئۆزگىچە تائاملار كىشىنى ئۆزىگە رام قىلىدۇ.

  كەنت ئاھالىسى ئايگۈل تۇرانىڭ سەھرا ئارامگاھىمۇ بىر يىلدىكى ئەڭ ئالدىراش مەزگىلگە كىردى، كېلىنى بىلەن قىزىمۇ ياردەمگە كەلدى. ئايگۈل تۇرا بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىلگىرى چارۋا بېقىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، بىر يىللىق كىرىمى قورسىقىنى تويغۇزۇشقا ئاران يېتەتتى. ئۇ كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، سەھرا ئارامگاھى ئاچتى، كىرىمى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. ئايگۈل تۇرا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: يول ياخشىلانغاچقا، كېلىدىغانلار كۆپەيدى، سودىمىزمۇ ئاۋاتلاشتى.

  خوراتاغ كەنتى قاتناش قولايسىز بولۇش، ئۇچۇردىن خەۋەرسىز بولۇش، دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر ئېگىز بولۇش، تېرىقچىلىقى بىرلا خىل بولۇشتەك «بوغما ھالەت»نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى ئاز ئىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كەنتنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، رەتلەپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق سەھرا ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنى قارار قىلىپ، مۇھىتنى تۈزەشنى كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلىپ، بىر تەرەپتىن ساياھەتچىلىكنى پائال راۋاجلاندۇردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنتتىكى 2000 مو يەرنى ئوبوروت قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنى يەردىن ئازاد قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. ھازىر خوراتاغ كەنتىدىكى 92 ئائىلىلىكنىڭ 34ى سەھرا ئارامگاھى ئاچتى. ئېكولوگىيە گۈزەللىشىپ، ساياھەتچىلەر كۆپەيدى.

  ساياھەتچىلىكنىڭ يانداش كەسپىنى چۆرىدەپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىلىق كەنتتە يەنە نانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، سۈپۈرگىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمى ئاشتى.

  ليۇ يۈ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلان ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز كېيىنكى قەدەمدە ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى ساياھىتى، ئارامگاھ ساياھىتى قاتارلىق سەھرا ساياھىتى مەھسۇلاتلىرىنى كۈچەپ يارىتىپ، ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئىشىكى ئالدىدا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر