ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

دەسلەپكى سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى تەۋەلىكى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئېتىز- ئېرىق ئېقىن سۈيىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئادەم بار بولدى

2018.07.01 15:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى داچۈەن كەنتىدىكى دېھقان ليۇ شۆجۈن 6- ئاينىڭ 28- كۈنى ئېتىزىدىكى تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىن تېجەلگەن سۇ قوشۇمچە كىرىمىمنىڭ بىر قىسمى. ئىككى كۈندىن بۇيان، كەنتىمىز شياۋچۈەن كەنتى بىلەن سودا سۇ باھاسى ئۈستىدە كېڭىشىۋاتىدۇ. بېكىتىلگەن ھامان، بىز ئېشىپ قالغان سۇنى شياۋچۈەن كەنتىگە سېتىپ بېرىمىز». دەسلەپكى سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ ئېتىز- ئېرىق ئېقىن سۈيىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئادەم بار بولدى. مۇشۇ ئاساستا، سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى سودىسى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

  ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ مۇدىرى شياۋ جۇڭخۇا 6- ئاينىڭ 29- كۈنى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى سۇ ھەققى مو سانى بويىچە ئېلىناتتى، مو سانى بويىچە سۇ ھەققى تاپشۇرسىلا، ئېتىزغا ئېقىپ كىرگەن سۇنى خالىغانچە ئىشلەتسە بولاتتى، دەسلەپكى سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ھازىر بۇ ئېقىن سۇنىڭ ئىگىسى بار بولدى. ھەربىر ئائىلىنىڭ سۇ ئىشلىتىش نورمىسى بار، نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى سېتىۋالسا بولىدۇ، نورما ئىچىدە تېجىگەن سۇنى ساتسىمۇ بولىدۇ.

  2017- يىلى ئاپتونوم رايون جايلارنىڭ «ئۈچ قىزىل سىزىق» بويىچە كونترول قىلىش كۆرسەتكۈچى ۋە يېزا ئىگىلىكىدە تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ نورمىسىغا ئاساسەن يەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، 2- قېتىم يەر ھۆددە ئالغان دېھقانلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇمىي مىقدارنى كونترول قىلىش بىلەن نورمىلىق باشقۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىكىدە دەسلەپكى سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تەقسىملەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىر قۇتۇبى، ماناس، پىچان قاتارلىق جايلاردا يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش دەسلەپكى سۇ ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى دېھقانلارغا تارقىتىپ بېرىلدى.

  سۇ ھوقۇقىنى بازارلاشتۇرۇپ سودا قىلىشقا بولغاندىن كېيىن، ليۇ شۆجۈن قاتارلىق كىشىلەر تېمىتىپ سۇغىرىشتىن قانداق قىلىپ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدەندى. ليۇ شۆجۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كېۋەزلىكنى تېمىتىپ تولۇق سۇغىراتتۇق، ھازىر ئىلمىي ئۇسۇلدا سۇغىرىش ئارقىلىق نۇرغۇن سۇ تېجەلدى. بۇرۇن 100 مو يەرنىڭ سۇ ھەققى 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىدى، ھازىر 7000 يۈەندىن سەل ئاشىدۇ. تېجىگەن سۇنى باشقىلارغا سېتىپ بەرسەك بولىدۇ، سۇ ھوقۇقى سودىسىغا ئاساسەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن. داچۈەن كەنتىگە يېقىن بولغان جۇڭچۈ كەنتى 3 مىليون 20 مىڭ كۇب مېتىر سۇ تېجىگەن بولۇپ، سودا سوممىسى 650 مىڭ يۈەنگە يەتتى. كەنت كېڭىشىش ئارقىلىق بۇ پۇلنى ئېرىق- ئۆستەڭ ۋە تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى رېمونت قىلىشقا مەخسۇس ئىشلەتتى. كەنت ئاھالىسى جاڭ جيەنيۈن مۇنداق دېدى: ھازىر ئېرىق ۋە تېمىتىش ئۈسكۈنىلىرى بۇزۇلسا، كەنتكە دېسەكلا ۋاقتىدا رېمونت قىلىپ بېرىدۇ. جۇڭچۈ كەنتىنىڭ ئۇسۇلى دەسلەپكى سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىشنىڭ كەنتنىڭ جامائەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى نامايان قىلدى. قۇتۇبى ناھىيەلىك سۇ باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى جاۋ يۈەنجۈن مۇنداق دېدى: ئاخىرقى ئۆستەڭنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كەنت كوللېكتىپى ئىگىدارلىقىدا، دۆلەت تۈرىدىن ئېرىشىدىغان ئاسراش خىراجىتى ناھايىتى ئاز، بىراق ئۇ دەل ئېتىز- ئېرىق سۇچىلىق ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر». سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى سودىسى ئارقىلىق كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش يوللىرى كۆپەيدى. ھازىر قۇتۇبى ناھىيەسى ئالتە سودا سۇپىسى قۇرۇپ، سۇغىرىش رايونى بىلەن سۇغىرىش رايونى، ئائىلە بىلەن ئائىلە، كەنت بىلەن كەنت ئوتتۇرىسىدىكى سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى سودىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، ناھىيە بويىچە سۇ سودا مىقدارى 17 مىليون كۇب مېتىردىن ئېشىپ، سودا سوممىسى 3 مىليون 750 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر ئاز، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى نىسپىي قالاق بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدا دەسلەپكى سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىشمۇ شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. شايار ناھىيەسىدىكى ئۆگەن دەرياسى سۇغىرىش رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلغىنىغا بىر يىل بولدى، دەسلەپكى سۇ ئىشلىتىش تەۋەلىكى ھوقۇقى دېھقانلار ئائىلىسى ياكى دېھقانلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بېرىلدى.

  شياۋ جۇڭخۇا مۇنداق دېدى: 2025- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش، دەسلەپكى سۇ ئىشلىتىش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى بېكىتىش گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رايون ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ۋادى، رايون ۋە سۇ ئىشلەتكۈچى ئائىلىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى سىستېمىسى ۋە سۇ بازىرى ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر