ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى

(2018- يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى)

2018.07.01 13:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، خەلقنىڭ بەخت- سائادەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدىغان ساھە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ھازىر تۆۋەندىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

    بىرىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇش

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بىر قاتار نېگىزلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئىجادىي خىزمەتلەرنى پىلانلاپ قانات يايدۇردى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئەمەلىيەتتىن تارتىپ تونۇشقىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈم سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغدايدىغان، ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان زور قۇرۇلۇشلارنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ، يادرو ۋە رادىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قەدەم ئېلىپ، دۆلىتىمىزنى يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئىشتىراكچىغا، تۆھپىكارغا، يېتەكچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، نۇرغۇن يېتەرسىزلىك مەۋجۇت. بەزى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى تونۇشى، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى نەقلەشمىدى؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنىلا گەۋدىلىك، بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى يۇقىرى چەككە يەتتى ياكى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى؛ شەھەر- يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش يېتەرلىك بولمىدى، كونا، يېڭى مۇھىت مەسىلىسى گىرەلىشىپ، رايون خاراكتېرلىك، ئورۇنلاشتۇرما خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك مۇھىت خەۋپ- خەتىرى گەۋدىلىك بولدى، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋا، قارا سېسىق سۇ، ئەخلەت شەھەرنى قورشىۋېلىش، ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەر ئارىلاپ يۈز بەردى. بۇ مەسىلىلەر خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇھىم خەۋپكە، خەلقنىڭ يۈرەك ئاغرىقىغا، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى بوغۇۋاتقان چەكلىمىگە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى روشەن كەمتۈكلۈككە ئايلاندى.

  يېڭى دەۋرگە كىرىپ، خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا نۇرغۇن يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. ھازىر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بېسىم كۈچەيگەن، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئىلگىرىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات ئارقىلىق خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىردى، شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش شارائىتى ۋە ئىقتىدارى ھازىرلانغان كۆزنەك مەزگىلىگە كىردى. جەزمەن سالماقنى ئاشۇرۇپ، تۈزەشنى تېزلىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك زور جەڭنى ياخشى قىلىپ، خەلققە ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

    ئىككىنچى، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر ئېقىمى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، قانداق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قانداق بەرپا قىلىش قاتارلىق زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئېكولوگىيە گۈللەنسە مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە مەنسۇپ بولىدىغان تۈپ بۈيۈك پىلان بولۇپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىگە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

  ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەبىئەتنى قوغدىغانلىق ئىنسانىيەتنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلغانلىق ئىنسانىيەتكە بەخت ياراتقانلىق. جەزمەن تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىنچ، ئىناق، گۈزەل تەبىئەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

  سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇش ھەم تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيەلىك بايلىق، ھەم ئىجتىمائىي بايلىق، ئىقتىسادىي بايلىق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

  ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلق تۇرمۇشىغا ئەڭ نەپ يەتكۈزىدىغان بەخت- سائادەتلىك ئىش، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەربىر كىشىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك. مۇھىت − خەلق تۇرمۇشى، يېشىل تاغ − گۈزەللىك، كۆك ئاسمان − بەخت دېمەكلىكتۇر. جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىرلىككە كەلگەن ئورگانىك گەۋدە. جەزمەن سىستېما قۇرۇلۇشى تەسەۋۋۇرى بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مۇھىتنىڭ سىغىمچانلىقى ۋە ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن رايون، پۈتۈن جەريانلىق قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا جەزمەن تۈزۈمگە، قانۇنچىللىققا تايىنىش شەرت. جەزمەن مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق، كۆپ مەنبە ئىشتىراك قىلغان، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن، سىستېمىسى مۇكەممەل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تۈزۈمنى قاتتىق چەكلىمە ۋە تېگىشكە بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. گۈزەل جۇڭگو ئامما ئورتاق قاتنىشىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئىش. جەزمەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەشۋىق- تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قىممەت قارىشى ۋە ھەرىكەت مىزانىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئورتاق تىرىشىپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان زامانىۋىلىشىشنى يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، جەزمەن ئۇنىڭ بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بارلىق كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشكە، توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا دائىر زور ئورۇنلاشتۇرما ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ تايانچ نۇقتىسى، دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    ئۈچىنچى، پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك لايىھەلەشنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، زور مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم سىياسەت- تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، تۈرتكە بولۇشى، ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  (1) پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق يولغا قويۇش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى جەزمەن قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىگە قارىتا باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتىكى 1- مەسئۇل كىشى بولۇپ، ھەر پەسىلدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىشى، باشقا ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئەزالار مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. جايلار مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈپ، ۋەزىپىنى ئالاقىدار تارماقلارغىچە بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ يىللىق خىزمەت پىلانى ۋە تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى كېرەك. جايلار، تارماقلار ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ھەر يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىشى كېرەك.

  مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش، بېجىرىشكە تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈش، چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىش، مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپلەر بويىچە مەخسۇس نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  (2) تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭى ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش چارىسىنى تۈزۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، يىللىق خىزمەت نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئەھۋالى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئەھۋالى، مەبلەغ سېلىش- ئىشلىتىش ئەھۋالى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەردىكى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. جايلار مۇشۇ بويىچە تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى تۈزۈشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىنى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالاش، مۇكاپاتلاش- جازالاش، تەيىنلەش- قالدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك.

  جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىش كېرەك. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، تەلتۆكۈس ئىزچىللاشتۇرمىسا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى دەل جايىدا ئىجرا قىلمىسا، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتا ئېغىر دەرىجىدە ئارقىدا قالسا، رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسى گەۋدىلىك بولسا، ئاساسلىق مەسئۇل كىشى سۆھبەتلىشىشكە چاقىرتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئالدىدا ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلىدۇ. يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىمىغان، تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ ئاساسلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى مۇنەۋۋەر ۋە ئىلغار باھالاشقا بولمايدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدا جاۋابكارلىقى بار كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشكە ياكى يۆتكەپ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇشقا بولمايدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا پەرۋا قىلماي، قارىغۇلارچە تەدبىر بەلگىلىگەنلەر، ئېچىپ پايدىلىنىش پىلانى ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ تەستىقلىغانلار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ناچارلاشتۇرۇۋەتكەنلەر، ئېكولوگىيەنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلار، تەۋەلىكىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەن، تاقابىل تۇرۇشى كۈچلۈك بولمىغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغانلار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، بىر- بىرىگە ئىتتىرگەن، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر
【1】 【2】 【3】 【4】  كېيىنكى بەت