ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تارباغاتاي يېشىللىقنى سىجىل تەرەققىياتنىڭ تايانچ نۇقتىسى قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋېن بو

2018.07.01 13:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى بارلۇق تېغى يايلىقىغا بارسىڭىز، چېكى يوق گۈزەل رەسىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك بولىسىز، بۇ جاي ئېسىل چارۋىچىلىق مەيدانى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل سەيلىگاھى.
    سۈرەتتە: چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى بارلۇق تېغى يايلىقىنىڭ باش يازدىكى مەنزىرىسى(2018- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى تارتىلغان). (ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى)
  6- ئايدا تارباغاتاينىڭ ھەممە يېرى گۈل- گىياھقا، يېشىللىققا پۈركۈنىدۇ. ياخشى ئېكولوگىيە، گۈزەل مۇھىت تارباغاتاينىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا ئۇ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بايلىقى ۋە ئەڭ زور رىقابەت ئۈستۈنلۈكى.

    ئوت- چۆپى بولۇق، سۈيى ئەلۋەك، قۇشلار پەرۋاز قىلىپ تۇرىدۇ

  بۇ يىل 4- ئايدا، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك نەسىللىك كالا فېرمىسىنىڭ مويىنتال كەنتىدىكى 232 ئائىلىلىك چارۋىچى قۇلىستاي يايلىقىنىڭ ئىچكىرىسىدىن كۆچۈپ چىقتى.

  تارباغاتاي- دۆربىلجىن ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان قۇلىستاي يايلىقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3 مىليون 890 مىڭ مو بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2- چوڭ تەبىئىي تۈزلەڭلىك يايلىقى، شۇنداقلا مۇھىم چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. زىيادە چارۋا بېقىش، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قۇلىستاي يايلىقى قۇملىشىش، شورلىشىشقا باشلىغانىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، چارۋا بېقىشنى چەكلەپ قاشالاپ ئۆستۈرۈش، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئوتلاققا قايتۇرۇش ۋە ئازايتىش، ماشىنىلاشقان قۇدۇقلارنى توختىتىش، «قۇدۇق بىلەن توكنى قوش كونترول قىلىش»، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قۇلىستاي يايلىقىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى پەيدىنپەي ياخشىلىغاچقا، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى.

  2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، قۇلىستاي يايلىقى رايونىدىكى 378 ماشىنىلاشقان قۇدۇقنى تاقاپ، «قۇدۇق بىلەن توك قوش كونترول قىلىنىدىغان» ئۆلچەش ئەسلىھەسىدىن 1519نى ئورناتتى، 13 قۇم- شېغىل زاۋۇتىنى تاقىدى، 300 ئائىلىلىك چارۋىچىنى كۆچۈردى.

  چۆچەك شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاڭ مېيجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چۆچەكنىڭ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار مۇھىت ئاسراشقا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. 2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، چۆچەك شەھىرى ئوتلاققا قايتۇرغان ۋە ئازايتقان تېرىلغۇ يەر 158 مىڭ مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇلىستاي يايلىقى رايونىدا ئوتلاققا قايتۇرۇلغان ۋە ئازايتىلغان تېرىلغۇ يەر 94 مىڭ مو.

  تۈزەش ئارقىلىق قۇلىستاي يايلىقى يېڭى تۈسكە كىردى، بۇ جاي يەنە ئوت- چۆپى بولۇق، سۈيى ئەلۋەك، قۇشلار پەرۋاز قىلىدىغان جايغا ئايلاندى.

  بۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زور كۈچ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

    تاغ- دەريالارنى قوغداپ، يۇرتىنىڭ غېمىنى يېيىش

  بۇلغىنىشقا جەڭ ئېلان قىلىپ، پۇقرالارنى تاغ- دەريالارنى قوغدايدىغان، يۇرتىنىڭ غېمىنى يەيدىغان قىلىش... بۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ھەم بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشتىكى ئىشەنچى، ئىرادىسى، ھەم پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ئاممىغا بەرگەن ۋەدىسى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2013- يىلىدىن بۇيان، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، شۇنىڭدەك مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە جەمئىي 2 مىليارد 83 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

  تارباغاتاي ۋىلايىتى مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سانائەتتىكى «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ ماكانلىشىشىنى قاتتىق چەكلىدى ھەم قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز شاللاپ، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، «كېرەكسىز پولاتتىن قايتا پولات ئىشلەپچىقىرىش» قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى. بىر قاتار پۇختا، ئۈنۈملۈك مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرى قوللىنىلغاچقا، بۇلتۇر چۆچەك شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى%100كە يېتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.

  تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا ئىدارىسى قۇرۇپ، دۆربىلجىن دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش قانۇن ئىجرا قىلىپ، دۆربىلجىن دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئۈنۈملۈك چەكلىگەچكە، دۆربىلجىن دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  پات ئارىدا ئىشلىتىلىش ئالدىدا تۇرغان دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى مارالسۇ سۇ ئامبىرى شەھەر- يېزىدىكى 100 مىڭ ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئاساسىدا، ھەر يىلى 6- ئايدىن 8- ئايغىچە بولغان سۇ تارتىلىپ كەتكەن مەزگىلدە يەنە دۆربىلجىن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ۋە قۇلىستاي يايلىقىنىڭ يەر ئاستىنى ئاز دېگەندە 15 مىليون كۇب مېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ چۆچەك شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسى، چاغانتوقاي ناھىيەسى، تولى ناھىيەسىدىكى بۇلغانغان سۇنى بىرتەرەپ قىلىدىغان بەش ئەسلىھەنىڭ كۈندىلىك بۇلغانغان سۇنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يېڭىدىن 83 مىڭ توننا ئاشۇرۇلۇپ، بىرتەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى سۇنىڭ ھەممىسىنىڭ سۈپىتى 1- دەرىجىلىك A قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  بىر قاتار پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىماقتا.

    يېشىل تەرەققىيات ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى

  ئېكولوگىيە گۈللەنسە مەدەنىيلىك ئەۋج ئالىدۇ، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بايلىقى ھەم ئەڭ چوڭ رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئايلاندى. تارباغاتاي ۋىلايىتى دىققەتنى «ماي بوياق رەسىمدەك تارباغاتاي، يىپەك يولىدىكى پاكىز تۇپراق، گۈزەل ئارامگاھ» قۇرۇش نىشان- ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل تەبىئىي ئېكولوگىيە بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېسىل، سەرخىل لىنىيە بەرپا قىلىپ، ساياھەت كەسپىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇردى ۋە زورايتتى.

  2017- يىلى، تارباغاتاي ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 3 مىليون 200 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.2 ئاشتى؛ ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان ئۇنىۋېرسال كىرىم 3 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.8 ئاشتى. بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىنىڭ 5 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئېشىشى، ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال كىرىمىنىڭ 5 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  2017- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، «قۇلىستاي يايلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش نىزامى»، «چۆچەك شەھىرىنىڭ دەريا- ئېقىنلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قۇلىستاي يايلىقىنى قوغدىشى، چۆچەك شەھىرىنىڭ دەريا- ئېقىنلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغدىشى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سۇ باشقۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سۇ ئېكولوگىيەسى مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  بۈگۈنكى كۈندە، تارباغاتاي ۋىلايىتى پاكىز ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەلەردىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىپ، ئۇلارنى گاز، كۆمۈر، ماي قاتارلىق باشقا مەنبەلەرنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى، بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتى توك بىلەن ئىسسىتىش كۆلىمىنى يېڭىدىن 600 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن كۆپرەك ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى، «ئېلېكتىرلەشكەن تارباغاتاي» يېڭى ئىسىم كارتىسىغا ئايلانغۇسى.

  ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ تايانچ نۇقتىسىغا، يېشىللىق تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئاساسىي رەڭگىگە ئايلانماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر