ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جېڭ دېرۇڭ قاتارلىق يەتتە يولداشقا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

(2018- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى)

2018.06.29 19:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياراتماقتا. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، نەتىجە يارىتالايدىغان، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان يېڭى دەۋردىكى تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ دەۋرگە، خەلققە، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن، جېڭ دېرۇڭ، جۇڭ ياڭ، لى چۈەنشىن، شۈ شۈەي، جياڭ شىكۈن، جاڭ جىن، جاڭ چاۋ قاتارلىق يەتتە يولداشقا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

  جېڭ دېرۇڭ، ئەر، خەنزۇ، جىلىن يەنجىدىن، 1926- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان، 1952- يىلى 11- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1953- يىلى 11- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن، شەرقىي شىمال سىفەن داشۆسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، پەخرىي پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى بولغان. 2018- يىلى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 92 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. يولداش جېڭ دېرۇڭ ئېلىمىزنىڭ داڭلىق كومپارتىيە تارىخى مۇتەخەسسىسى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم يول ئاچقۇچىسى ۋە ئاساس سالغۇچىسى. ئۇنىڭ غايە- ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇپ، بىر ئۆمۈر ماركسىزمغا ئىنتىلىپ، ئېتىقاد قىلىپ، ماركسىزمنى بىر ئۆمۈر تەتقىق قىلغان، تەشۋىق قىلغان، 67 يىلدىن بۇيان باشتىن- ئاخىر ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتنىڭ 1- سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، 50 پارچىدىن كۆپرەك ئىلمىي ئەسەر ۋە دەرسلىك نەشر قىلدۇرغان، ئۇ مەسئۇل بولۇپ تۈزگەن «ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى تارىخى ئەسەرلىرى» ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى تارىخى ئىلمىي سىستېمىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان، ئۇ ئېنىق سىياسىي مەيدانى، پەۋقۇلئاددە ئىلمىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق پارتىيە ئىشلىرىغا بولغان ساداقەتمەنلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن. ئۇ ئالىي مەلۇماتى، ئېسىل ئەخلاقى بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىتىش، ئۆگىنىش ئۇلۇغۋار غايىسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرگەن، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرگەن. ئۇ ئەخلاقلىق، ئالىيجاناب، پاك، ناھايىتى كەمتەر بولۇپ، ئەزەلدىن نوپۇزىنى پەش قىلماي، ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ۋە تۇغقانلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي، بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ۋە ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

  جۇڭ ياڭ، ئەر، خەنزۇ، خۇنەن شاۋياڭدىن، 1964- يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان، 1984- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1991- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن، فۇدەن داشۆسى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىنىڭ سابىق باشلىقى، ھاياتلىق ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى 6- ، 7- ، 8- تۈركۈمدە شىزاڭغا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتكەن كادىر. ئۇ، 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى ئىچكى موڭغۇلغا مىللىي كادىرلارغا دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، بەختكە قارشى 53 يېشىدا قازا قىلغان. يولداش جۇڭ ياڭ پارتىيەگە چەكسىز سادىق، كەسىپنى ناھايىتى قىزغىن سۆيىدىغان، خەلققە چەكسىز سادىق، ئۇ ئۇزاق مۇددەت بوتانىكا، جانلىقلار ئۇچۇرشۇناسلىقى بويىچە تەتقىقات- ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قاتار مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ، «دۆلەت ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، ئىنسانىيەت ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، پەن تەتقىقات قانچە جاپالىق بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن باش تارتمايمەن» دېگەن ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدە نەچچە يۈز مىڭ كىلومېتىر يولنى بېسىپ، 1000 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈكنىڭ نەچچە ئون مىليون تال ئۇرۇقىنى يىغىپ، دۆلەت ۋە ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن گېن بايلىقىنى ساقلاپ قالغان. ئۇ، «تەشكىلنىڭ ئېھتىياجى بىرىنچى» دېگەن قاراشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، 16 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ھاياتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ۋەتىنىمىزنىڭ قارلىق ئېگىزلىكىگە بېغىشلاپ، ئاز سانلىق مىللەت پەن تەتقىقات، ئوقۇتۇش تايانچلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ، شىزاڭ داشۆسىنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە ياردەم بەرگەن. ئۇ، «ئىش قىلىش نام- ئاتاقتىن مۇھىم» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلىگەن، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان، تۇرمۇشتا ئاددىي- ساددا بولغان، ۋەزىپىگە، تەمىناتقا، كىرىمگە ھېچقانداق تەلەپ قويماي، كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ يۈكسەك روھىي پەزىلىتى ۋە كىشىلىك قەدىر- قىممەت كۈچىنى نامايان قىلغان.

  لى چۈەنشىن، ئەر، خەنزۇ، جياڭشى فېڭچېڭدىن، 1958- يىلى 2- ئايدا تۇغۇلغان، 1976- يىلى 2- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم 3- كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق باشلىقى. ئۇ 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 58 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. يولداش لى چۈەنشىننىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ۋە كۆزىتىش سېپىدە 27 يىل خىزمەت قىلىپ، باشتىن- ئاخىر «پاش قىلغىلى بولمايدىغان مۇشتۇمزورلار يوق، چېقىلغىلى بولمايدىغان رەزىللىك يوق» دېگەن ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلغان. ئۇ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولۇپ، بايقالغان مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچىنى ئاخىرغىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، پوپوزا ۋە تەھدىتلەردىن قىلچە قورقۇپ قالماي، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ۋە كۆزىتىش كادىرلىرىنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلغان. ئۇ ئىجتىھات بىلەن قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ئىشنى ياخشى قىلىپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھەر بىر جەڭنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، كۆزىتىش خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغان. ئۇ ئىنتىزام ئىجراسى نازارەتچىلىكىدىكى «تۆت خىل ھالەت»نى نەمۇنىلىك بىلەن تەتبىقلاپ، بىخ ۋە خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىسى بار كادىرلار بىلەن ۋاقتىدا سۆھبەتلىشىپ، ئەسكەرتىپ، پارتىيەلىك بىر نەچچە رەھبىرىي كادىرنىڭ مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرغان. ئۇ قىلچە يۈز- خاتىر قىلماي، ئىشنى ئادىل بېجىرىپ، ئۆزىنىڭ پاك بولۇش ھەرىكەت تۆۋەن چېكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئالاھىدە ئىمتىياز يوچۇقىنى ئاچماي، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ۋە كۆزىتىش كادىرلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىگەن.

  شۈ شۈەي، ئەر، خەنزۇ، خېبېي سىشيەندىن، 1979- يىلى 11- ئايدا تۇغۇلغان، 2002- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 2005- يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھەرلىك پاناھلاندۇرۇش، باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ سابىق باشلىقى. 2016- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 36 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. يولداش شۈ شۈەي خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشتىن- ئاخىر ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ نىشانى قىلىپ، ئەسلىدىكى مۇقىم ئورگان خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشكىلگە ئىلتىماس سۇنۇپ، پاناھلاندۇرۇش، باشقۇرۇش پونكىتىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ كوممۇنىستلارغا خاس چەكسىز مېھىر- مۇھەببىتىنى قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىغا خالىس بېغىشلاپ، كوچىدا قالغان سەرگەردان تىلەمچىلەرنى پونكىتقا كېلىپ قۇتقۇزۇشنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلغان، مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن داۋالاش- ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى تەسىس قىلىپ، گاس- گاچا سەرگەردان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپ قوينىغا قايتىشىغا ياردەم بەرگەن، بارلىق ئاماللار بىلەن پاناھلىنىۋاتقانلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى ئىزدىشىپ بەرگەن، ئۈچ يىلدا جەمئىي 15 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم (قېتىم) ياردەم قىلغان. ئۇ كەسپىنى ھاياتىدىنمۇ مۇھىم بىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلغان، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان قالتىس جاسارەت بىلەن، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە خىزمەتنى جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، جەسىتى ۋە كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئىئانە قىلىپ، «پاناھلاندۇرۇش ھاياتىدىكى ئاخىرقى بېكەت»نى بېسىپ، ھاياتى ئارقىلىق «خەلق ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلەش» روھىنى نامايان قىلغان.

  جياڭ شىكۈن، ئەر، مياۋزۇ، گۈيجوۋ سېخېڭدىن، 1969- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، 1990- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1992- يىلى 1- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن، گۈيجوۋ ئۆلكىسى چىڭلۇڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى. 2016- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى كاماندىروپكا مەزگىلىدە، تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، بەختكە قارشى 46 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. يولداش جياڭ شىكۈن نامرات، چەت- ياقا تاغلىق رايوندا ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلىپ، باشتىن- ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشتا نامايان قىلغان. چىڭلۇڭ ناھىيەسىدە خىزمەت قىلغان ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇ ئېگىلمەس- سۇنماس جاسارىتى بىلەن ئىزدىنىپ ئىقتىساد، ئېكولوگىيە، نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت ئۈچ ئۈنۈم ماس قەدەملىك دەل جايىدا يۆلەشتىكى «چىڭلۇڭ ئەندىزىسى»نى تېپىپ چىققان. ئۇ ئاممىنىڭ دەرد- ھالىنى قەلبىگە پۈكۈپ، چىڭلۇڭ ناھىيەسىنىڭ بارلىق يېزا- بازارلىرى، كەنتلىرىدە ئىز قالدۇرۇپ، ئامما بىلەن بىللە ئىنچىكە ئىقتىسادىي ھېسابات قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى ئورتاق پىلانلاپ، ئاممىنى ئوت- چۆپ تېرىپ، قوي بېقىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تاغلىق رايوننىڭ خاس ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئامما تەرىپىدىن «دېھقان شۇجى»، «ھېساباتچى شۇجى» دەپ ئاتالغان. ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تۇرمۇشتا ئاددىي- ساددا بولۇپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ كۆمىچىگە چوغ تارتمىغان، قۇرۇلۇشلارغا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە قەتئىي ئارىلىشىۋالماي، تىرىشچانلىقى، پاكلىقى بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن.

  جاڭ جىن، ئەر، خەنزۇ، چۇڭچىڭ بانەندىن. 1965- يىلى 4- ئايدا تۇغۇلغان، 1987- يىلى 7- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1996- يىلى 10- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن، چۇڭچىڭ كېمىسازلىق سانائىتى شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، جۇڭچۈەن ئېغىر سانائىتى (چۇڭچىڭ) خەيجۇاڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، چۇڭچىڭ چيەنۋېي پەن- تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق ئىجرائىيە مۇدىرى، باش دىرېكتورى. 2016- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 51 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. يولداش جاڭ جىن پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، دۆلەت مەنپەئىتى ھەممىدىن ئەلا دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى باشلامچى كارخانا قۇرۇشقا سەرپ قىلغان. ئۇ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە جۈرئەت قىلىپ، 12 يىلدا ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھەربىي سانائەت كارخانىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يەتتە چوڭ كەسىپ توپىغا ئىگە پەن- تېخنىكا گۇرۇھىغا ئايلاندۇرغان. ئۇ پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادىسى بىلەن جاپالىق ۋە ئېغىر ئىشلەپچىقىرىش، مانېۋىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، ئۇدا 64 كۈن سېختا يېتىپ- قوپۇپ نام چىقارغان «ئەزىمەت». ئۇ باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھات قىلىپ، كارخانىنى يېتەكلەپ يېڭى تېخنىكا كىرگۈزۈش، مەھسۇلات لىنىيەسىنى كېڭەيتىش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش ۋەزىپىلەرنى تاماملىغان. ئۇ ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇپ، پارتكومغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن شەخسىي پاكلىق ۋەدىنامىسىنى تاپشۇرغان، شىركەتتە «ئاشكارا تەقسىمات»نى يولغا قويغان. ئۇ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، خالىس تۆھپە قوشىدىغان كومپارتىيە ئەزالىرىغا خاس روھىنى دۆلەت كارخانىسىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك قالدۇرغان.

  جاڭ چاۋ، ئەر، خەنزۇ، خۇنەن يۆياڭدىن، 1986- يىلى 8- ئايدا تۇغۇلغان، 2004- يىلى 9- ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 2009- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم پاراخوت ئاۋىياتسىيە ئەسكەرلەر قىسىمىنىڭ سابىق 1- دەرىجىلىك ئۇچقۇچىسى. يولداش جاڭ چاۋ 2016- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى «قىرغۇچى- 15» تىپلىق ئايروپىلاننى ھەيدەپ قۇرۇقلۇقتا تەقلىدىي قونۇش مەشىقى قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كاشىلا ئالدىدا، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇش ئايروپىلانىنى قۇتقۇزۇش يولىدا بەختكە قارشى 29 يېشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. يولداش جاڭ چاۋ ئاڭلىق ھالدا كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، كۈچلۈك دۈشمەن رەقىبىنى قارىغا ئېلىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، دەل ئۇچۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سەككىز خىل تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ھەيدىگەن، بوشلۇقتا ئۈچ قېتىملىق زور خەۋپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلغان، 20 نەچچە قېتىم ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ھەيدەپ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان، نەچچە ئون قېتىم بومبا ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلاننى ھەيدەپ جىددىي ئۇچۇپ، چەت ئەل ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانىنى قوغلىغان، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىشەنچىنى نامايان قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغدىغان. ئۇ باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى، ئائىلىسىنى سۆيەتتى، ئالىيجاناب پەزىلىتى بىلەن ئەتراپىدىكى ھەر بىر كىشىنى تەسىرلەندۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتقانىدى.

  جېڭ دېرۇڭ قاتارلىق يەتتە يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئۈلگىلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى، يېڭى دەۋر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىشىنىڭ شانلىق ئۈلگىلىرى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن نەمۇنىچىلىرىدۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلدى. ئۇلارغا ئوخشاش «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن» دېگەندە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئۇلارغا ئوخشاش پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەنى قوغداپ، پارتىيەنى ئويلاپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئۇلارغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش، ئادەتتىكى چاغلاردا قاراپ بىلەلەيدىغان، ھالقىلىق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان بولۇش كېرەك. ئۇلارغا ئوخشاش تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق مەنپەئىتى ھەممىدىن ئەلا، دېگەندە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش، خەلققە يېقىندىن تايىنىش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى باشتىن- ئاخىر خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، جان- دىل بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش، ياخشى ئىش قىلىش، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىش كېرەك. ئۇلارغا ئوخشاش ئەخلاق مىزانىدا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، پاك ئادەم بولۇپ، دۇرۇس ئىش قىلىپ، توغرا كەيپىيات، توغرا ئىستىلنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.

  بۇرچ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا، ئۈلگىلەر دەۋرگە باشلامچىلىق قىلماقتا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جېڭ دېرۇڭ قاتارلىق يەتتە يولداشنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، كۆپ خىل شەكىل قوللىنىپ كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللىشى كېرەك. بۇ يىل «1- ئىيۇل» مەزگىلىدە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قېتىملىق ئاساسىي تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىلغار تىپلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىپ، ئىلغارلاردىن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇپ، پۇختا خىزمەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28- ئىيۇن تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر