ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولۇشى كېرەك»

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقىغا بېغىشلايمىز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ شياۋشى، لو جېڭگۇاڭ، ۋاڭ چى، لىڭ جۈنخۇي

2018.06.29 19:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي پارتىيە. چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولۇشى كېرەك». پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان بۇ سۆزى ھەم تەمكىنلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار خىتاب بولدى، ھەم كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  قۇرۇلغىنىغا 97 يىل بولدى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە 69 يىل بولدى، مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «يەر شارى تەۋەلىكىدىن ئۆچۈرلۈۋېتىلىش» خەۋپىگە دۇچ كەلگەن دۆلەتنى دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە ئېلىپ باردى، يەتكۈچە ئازاب- ئوقۇبەت چەككەن مىللەتنى گۈللىنىش ئارزۇسىغا يېقىنلاشتۇردى...

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئادەتتىن تاشقىرى بۇرچنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم كۈچىيىدۇ، داغدام يولدا ماڭغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم ئۇلۇغ بولىدۇ، قالتىس ماھارىتى بولغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم قۇدرەت تاپىدۇ.

    يۈكسەك غايە ۋە بۈيۈك مەسئۇلىيەت: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەش ئۈچۈن، ئۇلۇغۋار بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، قاينام- تاشقىنلىق ئەسىر دولقۇنىدا تەرەققىي قىلىپ زورايدى

  بۇرچنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، باشلانغان جايغا بېرىش كېرەك.

  «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن ئەزا بولۇپ كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن...» «1- ئىيۇل» ھارپىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان خاتىرە سارىيىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركۈم- تۈركۈم كومپارتىيە ئەزالىرى قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئالدىدا پارتىيەگە كىرگەندە بەرگەن جاراڭلىق قەسىمىنى تەكرارلىدى.

  بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا: «باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرگە ئۈلگە بولدى» دېدى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ بۇ جايغا كېلىپ، دۇنياغا: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىمىز، دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

  بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئادەتتىن تاشقىرى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ دۇنياغا كەلدى، بۇ «مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئىش» بولدى.

  1921- يىلى 7- ئاي، شاڭخەي. ئۇچىسىغا ئۇزۇن كەمزۇل كىيگەن، جۇڭشەن فورمىسى كىيگەن، كاستۇم- بۇرۇلكا كىيگەن ئون نەچچە ئىرادىلىك كىشى مىللەتنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشە، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادى بىلەن، تەرەپ- تەرەپتىن كېلىپ، فىرانسىيە كونسېسسىيەسىگە جايلاشقان خىلۋەت ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ مىس ھالقىسىنى يېنىك تاقىلداتتى.

  غايىگە تۇتىشىدىغان دەرۋازا جىمجىت ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇشۇ يەردىن ئاتلىنىپ 60 كىشىگىمۇ يەتمەيدىغان «يەر ئاستى پارتىيەسى»دىن تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، 89 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە ئايلاندى.

  جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش.

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بۇرچنى قەلبىگە پۈكۈپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، 100 يىللىق جۇڭگونىڭ ھەيۋەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  «بۇ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ». باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي پارتىيەنىڭ پۇختا ئاساسقا ئىگە بولۇش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىش، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىدىكى كۈچ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  1935- يىلى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدىكى ھەربىي قانۇن باشقارمىسىنىڭ قاماقخانىسى. تۈرمىدىكى قاراڭغۇلۇق ئالدىدا، رېئال زۇلمەت ئالدىدا، فاڭ جىمىن يازغان «سۆيۈملۈك جۇڭگو» دېگەن ئەسەردە توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

  ھازىر، ئاشۇ تۈرمە جايلاشقان جاي نەنچاڭ شەھىرىنىڭ ديېشەن يولى بولۇپ، شەھەر مەركىزىدىكى ئاۋات كوچىغا ئايلاندى، بۇ كوچىدا سودا ساراي، مەكتەپ، بانكىلار بار، ئاپتوموبىللار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

  ھازىرقى جۇڭگودا خۇددى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئارزۇ قىلغاندەك، «ھەممە جايدا جانلىق ئىجادىيەت، ھەممە جايدا كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئىلگىرىلەش...» بولۇۋاتىدۇ.

  فاڭ جىمىننىڭ قىزى فاڭ مېي مۇنداق دېدى: دادام ئۆمۈر بويى سۆيۈملۈك جۇڭگو ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەش ئۇنى شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندۈرگەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولغاندىلا، جۇڭگو ئاندىن ئورنىدىن دەس تۇرالايدۇ، بېيىيالايدۇ، قۇدرەت تاپالايدۇ.

  ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرىدۇ، پۇرسەت ئاسان قولغا كەلمەيدۇ.

  بەلكىم ئىككىنچى بىر دۆلەت يېقىنقى زاماندىكى جۇڭگوغا ئوخشاش بۇنداق غايەت زور زەربە ۋە پەرقنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ دۆلەت ئۇزاق داۋاملاشقان شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ياراتتى، شۇنداقلا جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا 1000 يىلدا كۆرۈلمەيدىغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاپالىق گۈللىنىشنى باشلىدى.

  جۇڭگونى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئوخشاش ئېنىق چۈشىنىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇسىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىدىغان، شۇنداقلا گۈللىنىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ھېچقانداق بىر پارتىيە يوق.

  بۇ، چوڭ پارتىيەنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى. يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئالدىدا ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق، خەتەرلىك توسۇقلار ئالدىدا خالىس تۆھپە قوشۇش، ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا ئەزەلدىن چۈشكۈنلەشمەسلىك، ئىسلاھات، خىرىس ئالدىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش... ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ تەقدىرىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى.

  بۇ، بىر چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئاڭلىقلىقى. ئىنسانىيەت ھەقىقىتى ۋە ئادالىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرغان ماركسىزم بىر خىل يېڭى ئىنقىلاب ئەمەلىيىتىنى، بىر يۈرۈش يېڭى سىياسىي تۈزۈمنى، بىر يېڭى تەرەققىيات يولىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، زورىيىشى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشىنى بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇردى.

  دەسلەپ باشلانغاندا ناھايىتى ئاددىي، بىراق ئورۇندىماق ناھايىتى مۈشكۈل.

  ھازىر، ئىلگىرى يەتكىلى بولمايدىغان ئارزۇ گوياكى ماچتىسى كۆرۈنۈپ تۇرغان كېمىگە ئايلاندى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا شۇنى مۇشۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىيالايدۇكى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېنېرگىيە توپلاۋاتقىنىغا ناھايىتى ئۇزاق بولدى، بۇ ئېنېرگىيەنى ئۇرغۇتۇپ ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلىنىش كېرەك.

  ھازىر، ئەتراپقا نۇر چېچىپ تۇرغان قىپقىزىل قۇياش كۆتۈرۈلدى، مۇشۇنداق بۇرچنى ئەستە ساقلاپ، مەنزىلگە يەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا مۇشۇنداق جاسارەتكە ئىگە بولۇپ، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلىك «ۋاقىت جەدۋىلى»نى ئاشكارىلىيالايدۇ.

  ھازىر، ماركس، ئېنگېلس قىياس قىلغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى جۇڭگو زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز جانلىق نامايان بولۇۋاتىدۇ، ھەقىقەت يولىدىن قايتمايدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىلا مۇشۇنداق قەتئىي ئىرادە بار: كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەملەپ، پۇختا قەدەم بىلەن گۈزەل كەلگۈسىگە ۋە ئەڭ ئالىي غايىگە قاراپ ئىلگىرىلەيمىز.

  بەزىلەر دەيدۇكى، چوڭ دۆلەت جەزمەن ئۇلۇغلۇق ۋە مەڭگۈلۈكنى يارىتىشى كېرەك. چوڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان پارتىيە تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك.

  خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەشكىچە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە بولغان چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قان تومۇرى ۋە گېنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.

  يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ يۈكسەك ئىرادىسى بار: «جۇڭگو ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك».

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى يىراققا نەزەر تاشلىغان: «كېيىنكى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا... سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ سالمىقى ۋە رولى ئوخشىمايدۇ، ئۇ چاغدا بىز ئىنسانىيەتكە چوڭراق تۆھپە قوشالايمىز.»

  يېڭى دەۋرنىڭ يول باشلىغۇچىسى جاھاننى كۆڭلىگە سىغدۇرالايدۇ: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى باشتىن- ئاخىر ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلدى.»

  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي پارتىيە ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىدە تەنتەنىلىك قىلىپ: «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، ئۇزاققىچە تىنچ تۇرىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ» دەپ جاكارلىدى.

  ۋانۇئا ئارىلى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت فىجىنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئارىلى. جۇڭگو كارخانىسى بۇ يەردە نابۇۋارۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە بۇجابې يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ياساپ، كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى «چوڭ قىيىنچىلىق»ىنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تىجارىتى زەنجىرسىمان دۇكىنىدىكى ئۇمېش پىراساد مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو كارخانىسىغا رەھمەت ئېيتىمەن، <بىر بەلباغ، بىر يول> ياخشى ئىش، ئۇنىڭ فىجىغا ئوخشاش مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە زور پايدىسى تېگىدۇ».

  ئىككى تاشيول ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش ۋە ئۈمىد «جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەرقايسى ئەل خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدىغانلىقى»نىڭ جانلىق شەرھىسىدۇر.

  ئالىي غايە كۆڭۈلگە پۈكۈلسە، جاھان خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ.

  فۇدەن داشۆسى سىياسىي پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ جاڭجۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇرچنى ھەممىدىن بەك زىممىسىگە ئالالايدىغان ماركسىزملىق پارتىيە. بۇرچ تىپىدىكى بۇ سىياسىي پارتىيەنىڭ «ۋەزىپە تىزىملىكى»دە، ئورتاق غايىدىن ئۇلۇغۋار غايىگىچە، يېقىنقى ۋە ھازىرقى مەزگىللىك ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەدىن تارتىپ ئۇزاق مۇددەتلىك مىللىي گۈللىنىشكىچە، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى، بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەشكىچە… بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي پارتىيەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئاڭلىقلىقىنى يېتەكلەۋاتىدۇ.

  ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغ ئىش 100 يىلدا سالاپەت ۋە تالانت ئارقىلىق روياپقا چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەندىزىسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئەزەلدىن ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى ئەمەس، بەلكى بۇرچنىڭ كۈچ- قۇدرىتى بولدى.

    كەڭ نەزەر دائىرە ۋە ئۇزۇن مۇساپە: ھەقىقەت تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دەۋر ئېقىمى ئالدىدا مەردانىلارچە قەد كۆتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزىگە خاس خىسلىتىنى يېتىلدۈردى، سوتسىيالىزمنى جۇڭگودا تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشقا يېتەكلىدى

  1921- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، دۇنيانىڭ شەرقى. ئەسىر كەبى ئۇلۇغ ئىشلار ئالدىدا، بەزىلەر ئىپتىخارلانغان ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى «تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپى» دېيىشتى:

  28 يىللىق ئۇرۇش ئوتى، ھايات- ماماتلىق سىناق داۋامىدا، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللىي ئازادلىقنىڭ توغرا يولىنى تېپىپ چىقتى؛

  ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 69 يىلدا، ئاجىزلىق ۋە نامراتلىق قورشاۋىدىن بۆسۈپ چىقىش داۋامىدا، سوتسىيالىزم يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە يېتەكلەيدىغان ئۇلۇغۋار مۇساپىنى باشلىدى؛

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدا، بۇزۇش بىلەن تىكلەشنىڭ ئۆزگىرىشى داۋامىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىنى ئاچتى.

  مەنزىلگە قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزملىق ئىدىيەدىن ئىبارەت ماياكنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نەزەرىيە جەھەتتىكى ئىشەنچ ۋە ئاڭلىقلىق ئۈستىدە بوشاشماي ئىزدەندى −

  2017- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى، تارىخىي خاراكتېرلىك پەيت. خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان 2300دىن ئارتۇق ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىلنىڭ تەنتەنىلىك ئاۋاز بېرىشى بىلەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى.

  پارتىيە نىزامنامىسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ چوڭ ۋە كەڭ مۇساپىسىنىڭ شاھىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «ئىدىيە قىسقىچە تارىخى»نىڭ «ئىخچاملىنىشى» بولۇپ، 100 يىللىق بۇ چوڭ پارتىيەنىڭ مەنىۋى بۇلىقىغا ئايلاندى.

  ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، 62 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان بوۋاي بىر پارچە پارتىيە نىزامنامىسىنى داشۆگە ئۆتكەنلىك سوۋغىسى سۈپىتىدە قىز نەۋرىسى ياڭ ۋېندىغا سوۋغا قىلدى. بۇ يىل 6- ئاينىڭ 20- كۈنى 20 ياشقا كىرىدىغان تۇغۇلغان كۈنىگە يەنە ئىككى كۈن قالغاندا، شەرقىي جەنۇب داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىردى.

  بوۋاي بۇ پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بېتىنىڭ بوش يېرىگە: «بوۋىڭىز 20 ياشتا پارتىيەگە كىرگەن، دادىڭىز، ئانىڭىزمۇ 20 ياشتا پارتىيەگە كىرگەن، مومىڭىز، تاغىڭىز، ھاممىڭىزمۇ پارتىيە ئەزاسى، سىزنىڭمۇ داشۆدە پارتىيەگە ئەزا بولۇپ كىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ يازغانىدى.

  جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدىدىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئىدىيە يېتەكچىلىكىدىن كەلگەن.

  «بوۋام پارتىيە نىزامنامىسى ئارقىلىق مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ، مېنىڭ ئىدىيەدە ياشلىق جاسارىتىم ئەڭ ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلدە، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق كاللامنى قوراللاندۇرۇشىمنى، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشىمنى ئۈمىد قىلاتتى». ياڭ ۋېندى ھازىر ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىۋاتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر
【1】 【2】  كېيىنكى بەت