ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«پارتىيە بايرىقى تەڭرىتاغدا جەۋلان قىلماقتا»

كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا باشلاش

− توقسۇ ناھىيەسىنىڭ پەيشەنبە بازار يېزىسى چوڭ قېچىچى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ئىلھام ياسىن توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز بارشا تېگىس

2018.06.28 13:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    دەۋر ئاۋانگارتلىرى

  توقسۇ ناھىيەسىنىڭ پەيشەنبە بازار يېزىسى چوڭ قېچىچى كەنتى 2014- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىشتىكى نۇقتىلىق كەنت قىلىپ بېكىتىلگەندە كەنتتە 77 نامرات ئائىلە بار ئىدى. 2017- يىلى چوڭ قېچىچى كەنتى نامراتلىق «قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىدى، 2013- يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 112 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 11 ھەسسە ئاشتى؛ دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 9300 يۈەنگە يېتىپ، %57.6 ئاشتى. چوڭ قېچىچى كەنتىنىڭ بۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىشى، كەنتتە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا باشلىغان كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ياخشى شۇجىسى ئىلھام ياسىننىڭ بولغانلىقىدىن ئىدى.

  ئىلھام ياسىن 2008- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، بۇ كەنتتە «كەنت ئەمەلدارى» بولدى، 2013- يىلى كۆپ ئاۋاز بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى. ياخشى بەنزە دېھقانلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ، بەش يىل «كەنت ئەمەلدارى» بولغان ئىلھام ياسىن كەنتنىڭ نامرات بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ كەنت بەنزىسىنىڭ ئاجىز بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

  ئىلھام ياسىن بەنزىنى كۈچەيتىشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئاتتى: ياچېيكىنىڭ ھەپتىدە بىر كۈن سىياسىي ئۆگىنىش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كەنت كادىرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولدى. يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرىنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا قوللىنىشچان تېخنىكا ئۆگىنىشكە قەرەللىك تەشكىللەپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بېيىشقا يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى، كەنت كادىرلىرىنىڭ «1 + 1» يېتەكلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يۇرتقا قايتقان ياشلار، قىسىمدىن چېكىنگەنلەر، بېيىش باشلامچىلىرى ئارىسىدىن «ياخشى مايسا»لارنى تاللاپ چىقىپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى بىر كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. كەنت پارتىيە ئەزالىرى بېيىشقا يېتەكلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بىر ئائىلە بەش ئائىلىنى يېتەكلەپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قىيىن ۋەزىپە. بۇ ۋەزىپىنى ئۆيمۇ ئۆي، ئائىلىمۇ ئائىلە ئورۇنداش تېخىمۇ تەس. ئىلھام ياسىن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئەزالىرى بىلەن قايتا- قايتا مۇزاكىرە قىلىپ ۋە ئويلىشىپ، سىرتقا چىقىرىش، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىشتىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى.

  ئۇ دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىگە تايىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. كەنت سىرتقا چىقىپ ئىگىلىك تىكلەپ، نەتىجە ياراتقان دېھقانلارنى كەنتكە كېلىپ ئىشلەمچىلىك، تىجارەت جەريانىدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى ۋە توپلىغان تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. ھازىر كەنتتىن يىلدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار 70كە يەتتى.

  ئائىلىلەر چەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ يېڭى بايلىق ياراتتى. ئىلھام ياسىن ھەمكارلىق، كەسىپلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرىنى تاپتى. 2014- يىلى، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتتە ئېشەك باقمىچىلىقى كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى. ئىلھام ياسىن كوپىراتىپقا ئەزا بولغان نامراتلارغا ئاز سوممىلىق تولۇقلىما ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ھەل قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ باقمىچىلىقتا دەسمايىسى بولماسلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. ھازىر كەنتتىكى ئېشەك باقمىچىلىقى كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئېشەك قوتان قالدۇقى 100 تۇياققا يېتىپ، ھەمكارلىشىش، كەسىپلىشىش ئارقىلىق كىرىمنى كۆپەيتىش يولى شەكىللەندى.

  ئاياللارنىڭ «يېرىم دۇنيالىق» رولى جارى قىلدۇرۇلدى. ئىلھام ياسىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئاياللار تىككۈچىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، كەنت ئاياللار تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىلىقىدا كىيىم- كېچەك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئاۋۋال زاكاز قوبۇل قىلىش، تارقاقلاشتۇرۇپ تىكىش، مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بەردى. ھازىر كىيىم- كېچەك ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولغان ئائىلە ئايالى 40تىن ئېشىپ، ئۇلار ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى.

  چوڭ قېچىچى كەنتىنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى يەككە بولغانلىقتىن يەرنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا قوشىدىغان تۆھپىسى ئاز ئىدى. قانداق قىلغاندا يەردىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ؟ ئىلھام ياسىن بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى نۇرغۇن سىناقلارنى قىلدى، بىراق ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.

  ئىلھام ياسىن 2017- يىلى ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جوۋ شۈنجيەنگە ئېيتتى. ئەترەت باشلىقى جوۋ شۈنجيەن ئىلھام ياسىنغا مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاممىنى تاتاريۇلتۇزگۈلى تېرىشقا ئىلھاملاندۇرساق بولىدۇ، بۇنداق دورا ئۆسۈملۈكى زۇكام دورىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، پىشىش مەزگىلى قىسقا، ئېھتىياج كۆپ، تېرىلىدىغان كۆلەم كېڭەيتىلگەندە، ناھىيەلىك دوختۇرخانا دورا ياساش شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا ياردەم قىلسا بولىدۇ.

  ئۇ قىلىمەن دېگەننى قىلدى ھەمدە خىزمەت ئەترىتى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش پىلانىنى تۈزدى. بىرىنچى قەدەمدە يېتەرلىك تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئىلھام ياسىن شىنجاڭ «خۇاشىدەن» دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى، شىركەتكە تۇپراقنى تەكشۈرۈپ سىناق قىلىشقا مۇتەخەسسىس ئەۋەتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، چوڭ قېچىچى كەنتىنىڭ تاتاريۇلتۇزگۈلىنى تېرىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. ئىككىنچى قەدەمدە ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. ئاممىنىڭ ئەندىشىسى، تېرىشقا پېتىنالماسلىقتەك مەسىلىلەرگە قارىتا كەنت «ئىككى كومىتېت» يىغىنىنى ئېچىپ، ئالدى بىلەن كەنتتىكى كوللېكتىپنىڭ 350 مو يېرىگە تاتاريۇلتۇزگۈلىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىشنى قارار قىلدى. ئىلھام ياسىن سىناق قىلىپ تېرىشنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن دورىگەرلىك شىركىتىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشقا تەكلىپ قىلدى. شۇ يىلى تاتاريۇلتۇزگۈلىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، مو بېشى ساپ كىرىمى 3000 يۈەنگە يەتتى. ئۈچىنچى قەدەمدە كۆلەملەشتۈردى. سىناق تەرىقىسىدە تېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئىلھام ياسىن كەنت «ئىككى كومىتېت»ىغا ۋاكالىتەن «خۇاشىدەن» دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن زاكاز ئىمزالىدى، تاتاريۇلتۇزگۈلىنىڭ بىر كىلوگىرامى تۆۋەن بولغاندا 12 يۈەندىن سېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تاتاريۇلتۇزگۈلى تېرىش ئاكتىپلىقى تولۇق قوزغىتىلدى، ھازىر كەنتتە تاتاريۇلتۇزگۈلى تېرىلغۇ كۆلىمى 1000 موغا يەتتى.

  چوڭ قېچىچى كەنتىدىكىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە باشلاپ ماڭغان ئىلھام ياسىن 2018- يىلى 5- ئايدا تەشكىل تەرىپىدىن يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى، ئۇ ئارا مەھەللە كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ كەنتتىكى ئاممىنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر