ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

پەن- تېخنىكا، مەبلەغ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشتى

كۆكيار قۇرۇلۇشى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە يىراققا قاراپ كېڭەيدى

2018.06.28 13:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆكيار قۇرۇلۇشى. (ماتېرىيال سۈرەت)
  مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: يامغۇر توختىماي يېغىۋاتقىلى بىر ھەپتىدەك بولغانىدى، 6- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە، ئاقسۇ شەھىرى كۆكيار ئورمان رايونىدا، 78 ياشلىق ئابلەت مەمەتنىياز بېغىدىكى سايىۋەن ئاستىدا يوپۇرماقلارغا تاراسلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇرغا قاراپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى يېشىللىق ئالما، ياڭاق، چىلان دەرەخلىرى بولۇق ئۆسكەن مىليون مولۇق ئورمان رايونىغىچە تۇتاشقانىدى.

  ئابلەت مەمەتنىياز: بۇ ئىككى يىلدا يامغۇر خېلى كۆپ ياغدى، 30 يىل ئىلگىرى ئۆيۈم قاقاسلىقتا ئىدى، 30 يىلدىن كېيىنمۇ بۇ ئۆيدىن كۆچمىدىم، ئەمما ئۆيۈم باغچىنىڭ ئىچىدە، ھەر يىلى 50 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلىمەن، دېدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە 1986- يىلى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى قۇم- بوران مەنبەسى بولغان كۆكياردا چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان ھەم ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەت قاتنىشىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرگەندىن بۇيان، بۇ قۇرۇلۇش ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلدى.

  1 مىليون 150 مىڭ مولۇق ئورمان بىنا قىلىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆكيار قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىپ، نۇرغۇن جايدا چۆللىشىشنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى، ئونسۇ، كۇچا، شايار، توقسۇ، ئاۋات، ئۇچتۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى بوستانلىق كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى زۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: پەن- تېخنىكا، مەبلەغ ۋە سىياسەتنىڭ قوللىشى ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمان بىنا قىلىنىپ، كۆكيار قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى يېڭى دەۋردە تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە يىراققا قاراپ كېڭەيمەكتە.

  ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېڭ خاۋ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى چۆل يېڭى كەنتىدىكى بىر ئالمىزارلىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ھازىر ئىلغار پەرۋىش قىلىش - ئالما ئۈزۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئالما دەرىخى 3.5 مېتىر ئېگىزلىكتە كونترول قىلىنىدۇ، پەرۋىش قىلىش ئىنتايىن قولايلىق. ئالما دەرىخىنىڭ غول شېخى كېسىۋېتىلىدۇ، يان شاخلارنىڭ ھەممىسىگە ئالما چۈشىدۇ، ئالمىلارنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن شاخلار تەبىئىي پەسكە ساڭگىلايدۇ، ئالمىلارمۇ تەكشى چوڭىيىدۇ. ئالما پىشقاندا ماشىنىلاشقان ئۈزۈش سۇپىسىغا چىقىپ، بىر قېتىمدىلا ھەممە ئالمىنى ئۈزگىلى بولىدۇ، ئىش ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى يۇقىرى.

  بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، چۆل يېڭى كەنتى قاقاس جاي ئىدى. ھازىر بۇ يەر ئاقسۇ بىڭشۆ مىسۈي مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق نۇرغۇن كارخانىنىڭ «ئۈمىد ماكانى»غا ئايلاندى. ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۈرلەرنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپىتال شۇ جايدىكى چۆللىشىشنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. ماشىنىلاشقان قۇرۇلۇش قىلىش ۋە تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار قوللىنىلىپ، ئورمان بىنا قىلىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلىتىلدى ۋە كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. ئالما دەرىخى، ئۈزۈم تېلى قاتارلىق ئىقتىسادىي ئورمانلار «بوستانلىق»تىن كۆچۈرۈلۈپ، چۆللۈكتە يىلتىز تارتتى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرىدىكى 50 مىڭ مو ئىقتىسادىي ئورماننى ئومۇمىي يىرىك پىلاندا 10 مىڭ مودىن ئاشىدىغان ئېكولوگىيەلىك جىگدە دەرىخى ئوراپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا پات ئارىدا قاشالىنىدىغان 220 مىڭ مو چۆللۈك ئوتلىقى بار. بۇ، ئاقسۇنىڭ كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، چۆللىشىشنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەۋاتقانلىقىنىڭ بىر كارتىنىسى.

  تۆۋەنكى دەرياسى ئاقيار بازىرىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاقسۇ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ، دەريا بويى يېشىللىققا پۈركەنگەن، دەريادا ياۋا ئۆردەكلەر ئۈزۈپ يۈرىدۇ. 2015- يىلى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى بويىدىكى ئىككى جايدا مىليون مولۇق ئېكولوگىيەلىك تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. قىسقىغىنا ئۈچ يىلدا، سۇلۇق يەر ئەتراپىغا 8 مىليون 470 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلدى. كۆپ تۈرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ھازىر ۋىلايەت بويىچە سۇلۇق يەر كۆلىمى 2 مىليون مودىن كۆپرەك كېڭىيىپ، 270 خىل ياۋايى ھايۋان بۇ يەرگە ماكانلاشتى.

  كۆكيار قۇرۇلۇشىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان چۆللىشىشنى تىزگىنلەش تەدرىجىي ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھاۋاسىنى ئۆزگەرتتى، 2017- يىلى، ئاقسۇ شەھىرىدە چاڭ- توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن كۈن 1981- يىلىدىكىدىن 30 كۈن ئازايدى. بۇ يىل، ئاقسۇ شەھىرىدىن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان كوڭتەيلىك رايونىدا يەنە بىر مەيدان مىليون مولۇق چۆللىشىشنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى باشلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر