ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئالدىرىماڭ، ئاستا- ئاستا يېتىلىشىڭىزنى كۈتىمىز!

480 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قۇرۇلۇشتا قىزىل قارىغۇجا ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ئىش توختىتىلدى

2018.06.28 13:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە، دۆلەت يولى 218- لىنىيەسى دۆڭمازار نارات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ 3- بۆلەك K190 كىلومېتىرلىق ئىش ئورنىدا قېزىش ماشىنىسىنىڭ ئوتى ئۆچكەنىدى، قۇرۇلۇش مەيدانىدا قاينام- تاشقىنلىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. بىراق تاش پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ كەتكەن يول ئادەتتىن تاشقىرى جانلىنىپ كەتكەن بولۇپ، تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق قىزىل قارىغۇجا ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى(شىنجاڭ) نېفىت قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ يول بۆلىكى تۈرىنىڭ باش ئىنژېنېرى جياڭ دۇڭجۈن مۇنداق دېدى: بۇ، ئۇلارغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن قۇرۇلۇشنى ئۈچىنچى قېتىم توختىتىشىمىز!

  بۇ يىل 1- ئايدا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ بۇ يول بۆلىكىنى پارتلىتىپ، تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدىغان ئۇششاق تاش بەلبېغى شەكىللەندۈردى. جياڭ دۇڭجۈن مۇنداق دېدى: ئەسلىدە 5- ئايدا قۇرۇلۇش باشلىماقچى ئىدۇق، لېكىن، 5- ئايدا نۇرغۇن قۇش بۇ جايغا كەلدى. بىز قۇشلار ئۇچۇپ كەتكەندىن كېيىن قۇرۇلۇشنى باشلايلى، دەپ قۇرۇلۇش مۇددىتىنى بىر ئايدىن كۆپرەك كەينىگە سۈردۇق. نەتىجىدە، 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قارىساق، قۇشلار كەتمەستىن، تېخى ئۇۋا ياساپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇشنى يەنە ئون كۈندەك كەينىگە سۈردۇق. بۇ مەزگىلدە، بىز باشقا يول بۆلىكىدە قۇرۇلۇش قىلدۇق.

  نۆۋەتتە، بۇ 300 مېتىردىن ئارتۇق يول بۆلىكىدىن باشقا يول قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى ھەم ئاسفالت ياتقۇزۇلۇشقا باشلىدى. ئۇدا نەچچە كۈن ياغقان يامغۇردا ئۇششاق تاشلار بوشاپ يوشۇرۇن ئاپەت پەيدا قىلدى، يەنە كېلىپ قۇرۇلۇش مۇددىتى بېسىمى سەۋەبلىك، 6- ئاينىڭ 24- كۈنى قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ بۇ بۆلەك رايوندىكى بوشاپ كەتكەن ئۇششاق تاشلارنى تازىلاشنى قارار قىلدى.

  بىراق بۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتكەن، تور نامى «تەبىئەت» دەپ ئاتىلىدىغان قۇش ھەۋەسكارى قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپكە مۇنداق دېدى: بۇ قىزىل قارىغۇجىلار «دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان پايدىلىق ياكى مۇھىم ئىقتىسادىي، پەن تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋاناتلار تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن. مۇھىمى شۇكى، بۇ قۇشلار چۈجىلىرىنى بېقىۋاتاتتى.

  جياڭ دۇڭجۈن قۇش ئۇۋىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ قارىۋېدى، دەرۋەقە نۇرغۇنلىغان چۈجىلەرنى كۆردى. جياڭ دۇڭجۈن مۇنداق دېدى: بىز بىر قىسىم خەتەرلىك تاش پارچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، دەرھال ئىش توختاتتۇق. لېكىن قانداق قوغداشنى بىلەلمىگەچكە، كەسپىي تەشكىلاتنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ساقلىدۇق.

  بۇ ئىش توردا تېزلا تارقالدى. 6- ئاينىڭ 25- كۈنى سەھەردە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، قۇش ئىلمى مۇتەخەسسىسى ما مىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن، شىنجاڭ خۇاڭيې گۇڭشۆ تەبىئەتنى قوغداش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ كېڭەش باشلىقى شىڭ رۈي جياڭ دۇڭجۈنگە تېلېفون بېرىپ مۇنداق دېدى: قىزىل قارىغۇجا چۈجىسى ئۇۋىسىدىن چىققاندىن كېيىنلا ئەسلىدىكى ئۇۋىسىنى تاشلايدۇ. نەق مەيداندىكى ھۆكۈمگە ئاساسەن، بىز قۇرۇلۇش مۇددىتىنى 7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن كېيىنگە سۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈنەس ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلەشتى. كۈنەس ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش پونكىتىنىڭ كادىرى لى بو مۇنداق دېدى: قۇش چۈجىسى پۈتۈنلەي يېتىلىپ بۇ جايدىن ئايرىلغۇچە قۇرۇلۇشنى توختىتىپ تۇرۇشنى قارار قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن، 480 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇ يول قۇرۇلۇشى قىزىل قارىغۇجا ئۈچۈن ئۈچىنچى قېتىم توختىتىلدى.

  ھازىر قۇش ئۇۋىسى ئەتراپىغا ئاددىي رېشاتكا، شۇنىڭ بىلەن بىللە «قارىغۇجا يېتىشتۈرۈش رايونى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئورنىتىلدى. قۇرۇلۇش ئورنىدا قۇشلارنىڭ سايرىشىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى.

  جياڭ دۇڭجۈن مۇنداق دېدى: دەسلەپكى مۆلچەرىمىزچە، قۇرۇلۇشتا ئۈچ قېتىم ئىش توختىتىش سەۋەبىدىن كارخانىنىڭ قۇرۇلۇش تەننەرخى 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كۆپىيىپ كەتتى. بىراق بۇ قۇشلارنى قوغداشقا ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمىز. بىز ئالدىرىمايمىز، ئۇلارنىڭ ئاستا- ئاستا يېتىلىشىنى كۈتىمىز!

  ما مىڭ مۇنداق دېدى: قىزىل قارىغۇجا پەسىل قۇشى بولۇپ، ھەر يىلى 5- ئايدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، قىشتا جەنۇبىي ئاسىياغا بېرىپ قىشلايدۇ، شىنجاڭ ئۇلارنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر كۆپىيىش ماكانى. قىزىل قارىغۇچا چۈجىسىنى بېقىش مەزگىلىدە ئاساسلىقى چېكەتكىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، يېتىلگەن قۇش كۈندە 100دىن 200گىچە چېكەتكىنى تۇتالايدىغان بولۇپ، چېكەتكىنى بىيولوگىيەلىك تىزگىنلەيدىغان قۇشلار توپى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر