ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18- قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا باشلاندى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قۇرۇلتايغا كېلىپ تەبرىكلىدى، ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى

2018.06.27 18:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18- قۇرۇلتىيى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا باشلاندى.
    سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26- ئىيۇن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18- قۇرۇلتىيى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا باشلاندى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قۇرۇلتايغا كېلىپ تەبرىكلىدى، ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18- قۇرۇلتىيى» دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكات ئېسىلغانىدى، ئارقىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان ئىتتىپاق گېربى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، قىپقىزىل ئون بايراق ئىككى تەرەپكە قاتار تىزىلغانىدى. 2- قەۋەتنىڭ بالكونىغا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتەيلى!» دېگەن خەت يېزىلغان غايەت زور پىلاكات ئېسىلغانىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18- قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1500دىن كۆپرەك ۋەكىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 81 مىليوندىن كۆپرەك ئەزاسىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن مەيدانىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خې جۈنكې قۇرۇلتاينىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرى، ئىتتىپاق شېئىرى ئوقۇدى.

  ئارقىدىن، ئون پىيونېر قۇرۇلتايغا بېغىشلاپ سۆز قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىن، بەزىلىرى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن كەلگەن، يەنە بەزىلىرى تىرىشىپ ئۆگىنىش، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرى، بەزىلىرى جامائەت مۇھىت ئاسراش ھەرىكىتىگە ئىشتىياق باغلىغان ياخشى ئۆسمۈرلەر. پىيونېرلارنىڭ ياڭراق ئاۋازى گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتقا ئىرادە باغلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەييارلانغانلىق ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «يېڭى دەۋرنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ياشلىق ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرايلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى. ۋاڭ خۇنىڭ ئالدى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت ياشلار، بارلىق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى ۋە بارلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەر خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 17- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاق كادىرلىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ قىياپىتىدە يېڭى كەيپىيات ياراتتى. بارلىق ياشلار شەخسنىڭ كۈرىشىنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق كۈرىشىگە ئاڭلىق سىڭدۈرۈپ، زامانىمىزدىكى ياشلارنىڭ پارتىيەنى، دۆلەتنى سۆيۈش قەتئىي ئېتىقادى، باتۇرلۇق بىلەن ئىجاد قىلىشتەك ھاياتىي كۈچى، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئېسىل پەزىلىتى، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئوچۇق خەلقئارا ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زامانىمىزدىكى ياشلار ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. بارلىق ياشلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە- ئېتىقادىنى باشتىن- ئاخىر چىڭىتىپ، تىرىشىپ يۈكسەك پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىدارى، تالانتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك يېڭى قوشۇنغا ئايلىنىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ياشلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1- شۇجىسى لى يۈفۇ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا تەبرىك سۆزى قىلدى. تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشى كېرەك.

  خې جۈنكې كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغۋار ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. دوكلات: يېڭى دەۋرگە كىرگەن جۇڭگو ياشلىرى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى؛ كۈچلۈك دۆلەت دەۋر ياشلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچى؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش؛ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش؛ ياشلىقىدا يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش؛ ياشلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى قايتا باشلاش؛ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، دېگەندىن ئىبارەت سەككىز قىسىمغا بۆلۈنگەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

  مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان، ئىلگىرى ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىدا خىزمەت قىلغان بېيجىڭدىكى بىرقىسىم رەھبىرىي يولداشلار، پايتەختتىكى ھەرمىللەت، ھەرساھە ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋەكىللىرى، ياشلار ۋەكىللىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
    جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18- قۇرۇلتىيى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا باشلاندى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى ھەم قۇرۇلتاينىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر