ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- گۇرۇپپىسى سانجى ئوبلاستىدا تەكشۈرۈشتە بولدى

2018.06.27 18:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن باشچىلىقىدىكى 2018- يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- گۇرۇپپىسى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، يېزا مۇھىتىنى تۈزەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم سانجى ئوبلاستىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شاۋكەت ئىمىن سانجى ئوبلاستىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىمىز نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، دوكلات ئاڭلاش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق سانجى ئوبلاستىنىڭ يېزا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىگە نىسبەتەن بىر قەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا سانجى ئوبلاستىنىڭ يېزا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىدە نۇرغۇن يارقىن نۇقتا بارلىقىنى ھېس قىلدى. سانجى ئوبلاستى ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيەلەرنىڭ يېزا مۇھىتىنى تۈزەش پىلانىدىكى خىزمەتلەرنى ئالدىن تاماملاپ، تۈزۈم ۋە ئاپپاراتلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپتۇ، تەدبىرى كۈچلۈك بوپتۇ، ئوبلاستتىكى يېزىلارنىڭ مۇھىت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بوپتۇ، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى يەنىمۇ ئېشىپتۇ.

  شاۋكەت ئىمىن مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مەزمۇنىنى توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشاشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، يېزىلاردىكى ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى تىزگىنلەش ۋە كەنت قىياپىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشنى تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ بۇ خىزمىتىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ھەم بىر يۈرۈش يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ھەرىكەت چارىسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئۈچۈن يېزا مۇھىتىنى تۈزەشتە ئۆرنەك قىلىشقا، ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئەندىزە بەرپا قىلىش كېرەك.

  شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى چىڭىتىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتى، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- گۇرۇپپىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سانجى ئوبلاستىنىڭ ماناس ناھىيەسى، قۇتۇبى ناھىيەسى، سانجى شەھىرىگە بېرىپ، يېزا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، شۇ جايدىكىلەرنىڭ يېزا مۇھىتىنى تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى نەق مەيدان تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 2018- يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 1- گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سو يۆ پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر