ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

يېزىلاردىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ يولباشچىلىرى

− جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن كۆرۈنۈشلەر

2018.06.27 18:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    6- ئاينىڭ 5- كۈنى چىن پېڭ سۈرەت ئارقىلىق بالىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بەرمەكتە. (مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)
  2016- يىلى 10- ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە 3008 كادىر تۇنجى تۈركۈمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىدىكى يەسلىلەرگە بېرىپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 2017- يىلى 9- ئايدا، يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىدىغان 2- تۈركۈمدىكى 6883 كادىر يەنە جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەسلى مائارىپىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. بىر يىلدىن كۆپرەك چېنىقىش ئارقىلىق، بۇ كادىرلار جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئاساسىي كۈچىگە ئايلاندى. ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا يەسلىلىرىدە يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر 10 مىڭغا يېقىنلاشتى. يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئاڭلىق ھالدا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى يولباشچى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىسىغا، سىرداش دوستىغا ئايلىنىپ، چىن قەلبى، چىن مۇھەببىتى بىلەن ۋەتەننىڭ گۈل- غۇنچىلىرىنى سۇغارماقتا. ئۇلار يەسلىنىڭ ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەسلى مائارىپى سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتىپ بەردى.

  گېزىتىمىز يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرنى يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى يەسلى بالىلىرى ئۈچۈن تۆككەن قان- تەرى ۋە سىڭدۈرگەن ئەجرىدىن تېخىمۇ بىۋاسىتە خەۋەرلەندۈرىدۇ.

  (بۇ بەتتىكى ئىمزاسىز سۈرەتلەرنى مۇخبىرىمىز خەن لياڭ توپلاپ رەتلىگەن)
    6- ئاينىڭ 3- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى تۈنخې دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسى چاقا يېزىسى قىزكۈتكى كەنتى يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن كادىر چىن پېڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئابدۇقۇددۇسقا پىنيىن تەكرار قىلىپ بەرمەكتە. (مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)
    6- ئاينىڭ 5- كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسى چاقا يېزىسى قىزكۈتكى كەنتى يەسلىسىدىكى بالىلار چۈشلۈك ھەقسىز قۇۋۋەتلىك تاماق يېمەكتە. (مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)
    ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى يېڭىمەھەللە كەنتى يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن كادىر گو ۋېنفېڭ كىچىك دوستلار بىلەن ئويۇن ئوينىماقتا.
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى ئېرىقبېشى كەنتى يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن كادىر جۇ لىلى تەتىلدىن قايتىپ كەلگەندە، بالىلار ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشتى.
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى يېڭىباغ كەنتى يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن كادىر مىنا بالىلار بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.
    شىنجاڭ گېزىتخانىسىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلبويى يېزىسى بودىمال كەنتى يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن كادىر شيې لۇڭ دۈشەنبە كۈنى ئىشقا كەلگەندە، ئىككى كۈن ئوقۇتقۇچىسىنى كۆرمىگەن بالىلار ئۇنى ئورىۋېلىشتى.
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى قورغان كەنتى يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن كادىر ۋۇ دى ئۆزى ياسىغان ئوقۇتۇش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ بالىلارغا دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگەتمەكتە.
    شايار ناھىيەلىك زېمىن بايلىقى ئىدارىسىدىن قايلور بازىرى قاشباغ كەنتى يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن كادىر ۋاڭ پىڭ بالىلارغا تەنتەربىيە دەرسى ئۆتمەكتە.
    ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىلىق مەركىزىي يەسلىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن كادىر ئالىيە جۈرئەت بالىلار بىلەن ئويۇن ئوينىماقتا.
    بىڭتۈەن 7- شىسى 137- تۈەن ئىقتىساد- تەرەققىيات ئىدارىسىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسى كەلپىن بازىرى ئىتتىپاق يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن كادىر خەي خۇا بالىلار بىلەن بىللە.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل